< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 1 >

(ئالەف) ئاھ! ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ! ئەللەر ئارىسىدا كاتتا بولغۇچى، ھازىر تۇل خوتۇندەك بولدى! ئۆلكىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن مەلىكە، ھاشارغا تۇتۇلدى! 1
(بەت) ئۇ كېچىچە ئاچچىق يىغا كۆتۈرمەكتە؛ مەڭزىدە كۆز ياشلىرى تاراملىماقتا؛ ئاشنىلىرى ئارىسىدىن، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچبىرى يوقتۇر؛ بارلىق دوستلىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ كەتتى. 2
(گىمەل) يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا، سۈرگۈنلۈككە چىقتى؛ ئۇ ئەللەر ئارىسىدا مۇساپىر بولدى، ھېچ ئارام تاپمايدۇ؛ ئۇنى قوغلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ، ئۇنى تار يولدا قىستايدۇ؛ 3
(دالەت) ھېچكىم ھېيتلارغا كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، زىئونغا بارىدىغان يوللار ماتەم تۇتماقتا. بارلىق قوۋۇقلىرى چۆلدەرەپ قالدى، كاھىنلىرى ئاھ-زار كۆتۈرمەكتە، قىزلىرى دەرد-ئەلەم ئىچىدىدۇر؛ ئۆزى بولسا، قاتتىق ئازابلانماقتا. 4
(خې) كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا خوجايىن بولدى، دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇنى جەبىر-جاپاغا قويدى. ئۇنىڭ بالىلىرى كەلمەسكە كەتتى، كۈشەندىسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولدى. 5
(ۋاۋ) بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى؛ ئەمىرلىرى يايلاقنى تاپالمىغان كىيىكلەردەك بولدى؛ ئۇلارنىڭ ئوۋچىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك ھېچ دەرمانى قالمىدى. 6
(زائىن) خارلانغان، سەرگەردان بولغان كۈنلىرىدە، خەلقى كۈشەندىسىنىڭ قولىغا چۈشكەن، ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغدا، يېرۇسالېم قەدىمدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرىنى، قىممەتلىك بايلىقلىرىنى يادىغا كەلتۈرمەكتە؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قارايتتى؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلىشتى. 7
(خەت) يېرۇسالېم ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى؛ ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر ھازىر ئۇنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇياتتا، ئۇھ تارتقىنىچە ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى. 8
(تەت) ئۇنىڭ ئۆز ھەيزلىرى ئېتەكلىرىنى بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ يىقىلىشى ئاجايىب بولدى؛ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوقتۇر؛ ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، خارلانغىنىمغا قارا! چۈنكى دۈشمەن [ھالىمدىن] ماختىنىپ كەتتى!» 9
(يود) كۈشەندىسى قولىنى ئۇنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئۈستىگە سوزدى؛ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئەللەرنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆردى؛ سەن ئەسلى ئۇلارنى ئىبادەت جامائىتىڭگە «كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ مەنئى قىلغانغۇ! 10
(كاف) بىر چىشلەم نان ئىزدەپ، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇھ تارتماقتا؛ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، ئۇلار قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئاشلىققا تېگىشتى. «ئاھ پەرۋەردىگار، قارا! مەن ئەرزىمەس سانالدىم. 11
(لامەد) ئەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەسمۇ؟ قاراپ باق، مېنىڭ دەرد-ئەلىمىمدەك باشقا دەرد-ئەلەم بارمىدۇ؟ پەرۋەردىگار ئوتلۇق غەزىپىنى چۈشۈرگەن كۈنىدە، ئۇنى مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلىدى. 12
(مەم) ئۇ يۇقىرىدىن ئوت ياغدۇردى، ئوت سۆڭەكلىرىمدىن ئۆتۈپ كۆيدۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ پۇتلىرىم ئۈچۈن تور-تۇزاقنى قويۇپ قويدى، مېنى كەينىمگە ياندۇردى، ئۇ مېنى نابۇت قىلدى، كۈن بويى ئۇ مېنى زەئىپلەشتۈردى. 13
(نۇن) ئاسىيلىقلىرىم بويۇنتۇرۇق بولۇپ بوينۇمغا باغلاندى؛ قوللىرى تانىنى چىڭ چىگىپ چەمبەرچاس قىلىۋەتتى؛ ئاسىيلىقلىرىم بوينۇمغا ئارتىلدى؛ ئۇ دەرمانىمنى مەندىن كەتكۈزدى؛ رەب مېنى مەن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغانلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇردى. 14
(سامەق) رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى؛ ئۇ مېنىڭ خىل يىگىتلىرىمنى ئېزىشكە، ئۈستۈمدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا كېڭەش چاقىردى. رەب گويا ئۈزۈم كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەرنى چەيلىگەندەك، يەھۇدانىڭ پاك قىزىنى چەيلىۋەتتى. 15
(ئايىن) مۇشۇلار تۈپەيلىدىن تاراملاپ يىغلىماقتىمەن؛ مېنىڭ كۆزلىرىم، مېنىڭ كۆزلىرىمدىن سۇ ئېقىۋاتىدۇ؛ ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى مەندىن يىراقتۇر؛ بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر، چۈنكى دۈشمەن غەلىبە قىلدى. 16
(پې) زىئون قولىنى سوزماقتا، لېكىن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوق؛ پەرۋەردىگار ياقۇپ توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى ــ قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن! يېرۇسالېم ئۇلار ئارىسىدا نىجىس نەرسە دەپ قارالدى. 17
(تسادە) پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىم! ئەي، بارلىق خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! دەردلىرىمگە قاراڭلار! پاك قىزلىرىم، ياش يىگىتلىرىم سۈرگۈن بولدى! 18
(كوف) ئاشنىلىرىمنى چاقىردىم، لېكىن ئۇلار مېنى ئالدىغانىدى؛ جان ساقلىغۇدەك ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەپ يۈرۈپ، كاھىنلىرىم ھەم ئاقساقاللىرىم شەھەردە نەپەستىن قالدى. 19
(رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئازار چېكىۋاتىمەن! ھەددىدىن زىيادە ئاسىيلىق قىلغىنىم تۈپەيلىدىن، ئىچ-باغرىم قىينىلىۋاتىدۇ، يۈرىكىم ئۆرتىلىپ كەتتى. سىرتتا قىلىچ [ئانىسىنى بالىسىدىن] جۇدا قىلدى، ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە! 20
(شىين) [خەقلەر] ئاھ-زارلىرىمنى ئاڭلىدى؛ لېكىن تەسەللى بەرگۈچىم يوقتۇر؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى كۈلپىتىمدىن خەۋەردار بولۇپ، بۇ قىلغىنىڭدىن خۇشال بولدى؛ سەن جاكارلىغان كۈننى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەيسەن، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى مېنىڭكىدەك بولىدۇ. 21
(تاۋ) ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەيسەن، بارلىق ئاسىيلىقلىرىم ئۈچۈن مېنى قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ چۈنكى ئاھ-زارلىرىم نۇرغۇندۇر، قەلبىم ئازابتىن زەئىپلىشىپ كەتتى! 22

< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 1 >