< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 5 >

بېشىمىزغا چۈشكەنلەرنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قارا، بىزنىڭ رەسۋاچىلىقتا قالغىنىمىزنى نەزىرىڭگە ئالغايسەن! 1
مىراسىمىز ياتلارغا، ئۆيلىرىمىز ياقا يۇرتلۇقلارغا تاپشۇرۇلدى. 2
بىز يېتىم-يېسىرلەر، ئاتىسىزلار بولۇپ قالدۇق؛ ئانىلىرىمىزمۇ تۇل قالدى. 3
ئىچىدىغان سۇنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك؛ ئوتۇننى پەقەت پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ. 4
بىزنى قوغلىغۇچىلار تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ ھالسىراپ، ھېچ ئارام تاپالمايمىز. 5
جان ساقلىغۇدەك بىر چىشلەم ناننى دەپ، مىسىر ھەم ئاسۇرىيەگە قول بېرىپ بويسۇنغانمىز. 6
ئاتا-بوۋىلىرىمىز گۇناھ سادىر قىلىپ دۇنيادىن كەتتى؛ بىز بولساق، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرۈشكە قالدۇق. 7
ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر قۇللاردۇر؛ بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغۇچى يوقتۇر. 8
دالادا قىلىچ تۈپەيلىدىن، نېنىمىزنى تېپىشقا جېنىمىزنى تەۋەككۇل قىلماقتىمىز. 9
تېرىمىز تونۇردەك قىزىق، ئاچلىق تۈپەيلىدىن قىزىتما بىزنى باسماقتا. 10
زىئوندا ئاياللار، يەھۇدا شەھەرلىرىدە پاك قىزلار ئاياغ ئاستى قىلىندى. 11
ئەمىرلەر قولىدىن دارغا ئېسىپ قويۇلدى؛ ئاقساقاللارنىڭ ھۆرمىتى ھېچ قىلىنمىدى. 12
ياش يىگىتلەر يارغۇنچاقتا جاپا تارتماقتا، ئوغۇل بالىلىرىمىز ئوتۇن يۈكلەرنى يۈدۈپ دەلدەڭشىپ ماڭماقتا. 13
ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرماس بولدى؛ يىگىتلەر نەغمە-ناۋادىن قالدى. 14
شاد-خۇراملىق كۆڭلىمىزدىن كەتتى، ئۇسسۇل ئوينىشىمىز ماتەمگە ئايلاندى. 15
بېشىمىزدىن تاج يىقىلدى؛ ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق! 16
بۇنىڭ تۈپەيلىدىن يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلدى؛ بۇلار تۈپەيلىدىن كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى ــ 17
ــ زىئون تېغىغا قاراپ كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى، چۈنكى ئۇ چۆلدەرەپ كەتتى، چىلبۆرە ئۇنىڭدا پايلاپ يۈرمەكتە. 18
سەن، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىسەن؛ تەختىڭ دەۋردىن-دەۋرگە داۋاملىشىدۇ. 19
سەن نېمىشقا بىزنى دائىم ئۇنتۇيسەن؟ نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغىچە بىزدىن ۋاز كېچىسەن؟ 20
بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار! شۇنداق بولغاندا بىز قايتالايمىز! كۈنلىرىمىزنى قەدىمكىدەك ئەسلىگە كەلتۈرگەيسەن، 21
ــ ئەگەر سەن بىزنى مۇتلەق چەتكە قاقمىغان بولساڭ، ئەگەر بىزدىن چەكسىز غەزەپلەنمىگەن بولساڭ! 22

< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 5 >