< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 4 >

(ئالەف) ئاھ! ئالتۇن شۇنچە جۇلاسىز بولۇپ كەتتى! ساپ ئالتۇن شۇنچە تۇتۇق بولۇپ كەتتى! مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ چېچىلدى! 1
(بەت) زىئوننىڭ ئوغۇللىرى شۇنچە قىممەتلىك، ساپ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى، ھازىر ساپال كوزىلاردەك، ساپالچىنىڭ قولى ياسىغانلىرىچىلىكمۇ [قىممىتى يوق] دەپ قارىلىۋاتىدۇ! 2
(گىمەل) ھەتتا چىلبۆرىلەر ئەمچىكىنى تۇتۇپ بېرىپ بالىلىرىنى ئېمىتىدۇ؛ لېكىن مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى. 3
(دالەت) بوۋاقنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن تاڭلىيىغا چاپلىشىۋاتىدۇ؛ كىچىك بالىلار نان تىلىمەكتە، ھېچكىم ئۇلارغا ئوشتۇپ بەرمەيۋاتىدۇ. 4
(خې) نازۇنېمەتلەرنى يەپ كۆنگەنلەر كوچىلاردا سارغىيىپ يۈرىدۇ؛ سۆسۈن كىيىم كىيدۈرۈلۈپ چوڭ قىلىنغانلار تېزەكلىكنى قۇچاقلاپ يېتىۋاتىدۇ. 5
(ۋاۋ) خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى. 6
(زائىن) خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق، تېنى قىزىل ياقۇتلاردىن پارقىراق ئىدى، تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى. 7
(خەت) ھازىر چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا؛ كوچىلاردا كىشىلەر تونىيالمىغۇدەك بولۇپ قالدى؛ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى؛ ئۇ قاقشاللىشىپ ياغاچتەك بولۇپ كەتتى. 8
(تەت) قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قەھەتچىلىكتە ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇلار قاقشال بولۇپ كەتمەكتە، تۇپراقنىڭ مېۋىلىرى بولمىغاچقا يىقىتىلماقتا. 9
(يود) باغرى يۇمشاق ئاياللار ئۆز قوللىرى بىلەن بالىلىرىنى قاينىتىپ پىشۇردى؛ خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىنغىنىدا بالىلار ئۇلارنىڭ گۆشى بولۇپ قالدى. 10
(كاف) پەرۋەردىگار قەھرىنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقتى، ئوتلۇق غەزىپىنى تۆكتى؛ زىئوندا بىر ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يۇتۇۋەتتى. 11
(لامەد) يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە جاھاندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بولسا، نە كۈشەندە نە دۈشمەننىڭ يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرىدىن بۆسۈپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. 12
(مەم) ھالبۇكى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، كاھنلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ [زىئوندا] ھەققانىيلارنىڭ قانلىرىنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن، ــ بۇ ئىش [بېشىغا] چۈشتى! 13
(نۇن) ھازىر ئۇلار قارغۇلاردەك كوچىلاردا تېنەپ يۈرمەكتە، ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ. 14
(سامەق) خەق ئۇلارغا: «يوقۇلۇش! ناپاكلار! يوقۇلۇش! يوقۇلۇش، بىزگە تەگكۈچى بولۇشما!» دەپ ۋارقىرىشماقتا. ئۇلار قېچىپ تەرەپ-تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئەللەر: «ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇشىغا بولمايدۇ!» ــ دەۋاتىدۇ. 15
(پې) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنى قايتا نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ كاھىنلارنىڭ ھۆرمىتى قىلىنمىدى، ياشانغانلارمۇ ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدى. 16
(ئايىن) كۆزىمىز ياردەمنى بىھۇدە كۈتۈپ ھالىدىن كەتتى؛ دەرۋەقە بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەلنى كۈتۈپ كۆزەت مۇنارلىرىمىزدا تۇرۇپ كەلدۇق. 17
(تسادە) دۈشمەنلىرىمىز ئىزىمىزدىن قوغلاپ يۈردى؛ شۇڭا كوچىلاردا يۈرەلمەيتتۇق؛ ئەجىلىمىز يېقىنلاشتى، كۈنلىرىمىز توشتى؛ چۈنكى ئەجىلىمىز كەلدى! 18
(كوف) پېيىمىزگە چۈشكەنلەر ئاسماندىكى بۈركۈتلەردىن ئىتتىك؛ تاغلاردىمۇ بىزنى قوغلاپ يۈگۈردى، باياۋاندىمۇ بىزنى بۆكتۈرمىدە پايلاشتى. 19
(رەش) جېنىمىزنىڭ نەپىسى بولغان، پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى ئۇلارنىڭ ئورا-تۇزاقلىرىدا تۇتۇلدى؛ بىز ئۇ توغرىسىدا: «ئۇنىڭ سايىسىدە ئەللەر ئارىسىدا ياشايمىز» دەپ ئويلىدۇق! 20
(شىين) ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن! لېكىن بۇ [جازا] قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن! 21
(تاۋ) قەبىھلىكىڭنىڭ جازاسىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئى زىئون قىزى؛ ئۇ سېنى سۈرگۈنلۈككە قايتا ئېلىپ كەتمەيدۇ؛ لېكىن، ئى ئېدوم قىزى، ئۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى جازالايدۇ؛ ئۇ گۇناھلىرىڭنى ئېچىپ تاشلايدۇ! 22

< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 4 >