< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 2 >

(ئالەف) رەب غەزەپ بۇلۇتى بىلەن زىئون قىزىنى شۇنداق قاپلىدى! ئۇ ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسىنى ئاسماندىن يەرگە چۆرۈۋەتتى، غەزىپى چۈشكەن كۈنىدە ئۆز تەختىپەرىنى ھېچ ئېسىدە قالدۇرمىدى. 1
How Jehovah covered the daughter of Zion with a cloud in his anger. He has cast down from heaven to the earth the splendor of Israel, and hasn't remembered his footstool in the day of his anger.
(بەت) رەب ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ھېچ ئايىمىدى؛ ئۇ قەھرى بىلەن يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى؛ ئۇ پادىشاھلىقنى ئەمىرلىرى بىلەن نومۇسقا قويۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. 2
Jehovah has swallowed up all the habitations of Jacob, and has not pitied. He has thrown down in his wrath the strongholds of the daughter of Judah. He has brought them down to the ground; he has humiliated the kingdom and its rulers.
(گىمەل) ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى؛ دۈشمەننى توسۇغان ئوڭ قولىنى ئۇنىڭ ئالدىدىن تارتىۋالدى؛ لاۋۇلداپ كۆيگەن ئۆز ئەتراپىنى يەپ كەتكۈچى ئوتتەك، ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 3
He has cut off in fierce anger all the strength of Israel. He has drawn back his right hand before the enemy. He has blazed in Jacob like a flaming fire, which devours all around.
(دالەت) دۈشمەندەك ئۇ ئوقياسىنى كەردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئېتىشقا تەييارلانغانىدى؛ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈشەندىسى كەبى قىردى؛ زىئون قىزىنىڭ چېدىرى ئىچىدە، قەھرىنى ئوتتەك ياغدۇردى؛ 4
He has bent his bow like an enemy; his right hand he has positioned like an adversary. He killed all that were pleasant to the eye. In the tent of the daughter of Zion he has poured out his wrath like fire.
(خې) رەب دۈشمەندەك بولدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالدى، ئوردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋالدى؛ ئۇنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنى يوقاتتى، يەھۇدانىڭ قىزىدا ماتەم ۋە يىغا-زارلارنى كۆپەيتتى. 5
Jehovah has become as an enemy; he has swallowed up Israel; he has swallowed up all her palaces and has destroyed its strongholds. He has multiplied in the daughter of Judah mourning and lamentation.
(ۋاۋ) ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى؛ ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى [خەلقىنىڭ] ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى؛ غەزەپ ئوتى بىلەن پادىشاھ ھەم كاھىننى چەتكە قېقىۋەتتى. 6
He has done violence to his temple, as if it were a vineyard; he has destroyed his place of assembly. Jehovah has caused solemn assembly and Sabbath to be forgotten in Zion, and he has spurned in his fierce anger king and priest and prince.
(زائىن) رەب قۇربانگاھىنى تاشلىۋەتتى، مۇقەددەس جايىدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇ زىئوندىكى ئوردىلارنىڭ سېپىللىرىنى دۈشمەننىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ئۇلار ھېيت-ئايەم كۈنىدىكىدەك تەنتەنە قىلىشتى! 7
Jehovah has rejected his altar, he has disowned his sanctuary, and has given up into the hand of the enemy the walls of her palaces. They have made a shout in the house of Jehovah, as in the day of a solemn assembly.
(خەت) پەرۋەردىگار زىئون قىزىنىڭ سېپىلىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان؛ ئۇ ئۇنىڭغا [ھالاك] ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان؛ ئۇ قولىنى چېقىشتىن ھېچ ئۈزمىدى؛ ئۇ ھەم ئىستىھكاملارنى ھەم سېپىلنى زارلاتتى؛ ئىككىسى تەڭ ھالسىراپ قايغۇرماقتا. 8
Jehovah has determined to destroy the wall of the daughter of Zion. He has stretched out the line, he has not withdrawn his hand from destroying. He has made the rampart and wall to lament; they languish together.
(تەت) ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۆمۈر-تاقاقلىرىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. پادىشاھى ھەم ئەمىرلىرى ئەللەر ئارىسىغا پالاندى؛ تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق يوقاپ كەتتى، پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. 9
Her gates are sunk into the ground; he has destroyed and broken her bars. Her king and her princes are among the nations where the law is no more, and her prophets find no vision from Jehovah.
(يود) زىئون قىزىنىڭ ئاقساقاللىرى، يەردە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرماقتا؛ ئۇلار باشلىرىغا توپا-چاڭ چېچىشتى؛ ئۇلار بېلىگە بۆز يۆگىۋېلىشتى؛ يېرۇسالېمنىڭ پاك قىزلىرىنىڭ باشلىرى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. 10
The elders of the daughter of Zion sit on the ground in silence. They have cast up dust on their heads; they have clothed themselves with sackcloth. The virgins of Jerusalem hang down their heads to the ground.
(كاف) مېنىڭ كۆزلىرىم تاراملىغان ياشلىرىمدىن ھالىدىن كەتتى؛ ئىچى-باغرىلىرىم زەرداپغا تولدى؛ جىگىرىم يەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ پارە-پارە بولدى، چۈنكى خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىندى، چۈنكى شەھەر كوچىلىرىدا نارسىدىلەر ھەم بوۋاقلار ھوشسىز ياتماقتا. 11
My eyes are worn out from weeping, my stomach is churning. My heart is poured on the earth, because of the destruction of the daughter of my people, because the young children and the infants faint in the streets of the city.
(لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە، ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ جان تالاشقاندا، ئانىلىرىغا: «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» دەپ يالۋۇرۇشماقتا. 12
They tell their mothers, "Where is grain and wine?" When they faint as the wounded in the streets of the city, as their lives fade away in their mothers' bosom.
(مەم) مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟ چۈنكى سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر؛ كىم سېنى ساقايتالىسۇن؟ 13
What shall I testify of you? What shall I liken to you, daughter of Jerusalem? What shall I compare to you, that I may comfort you, virgin daughter of Zion? For your ruin is great like the sea. Who can heal you?
(نۇن) پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى بىمەنىلىك ھەم ئەخمەقلىقتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى ھېچ ئاشكارە قىلمىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۈرگۈن بولۇشۇڭنىڭ ئالدىنى ئالمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر ھەم ئېزىتقۇلۇقلاردۇر. 14
Your prophets have seen for you false and deceptive visions. They have not uncovered your iniquity, to bring back your captivity, but have seen for you false and misleading oracles.
(سامەق) يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈشقىرتىپ يېرۇسالېمنىڭ قىزىغا باش چايقاشماقتا: ــ «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دەپ ئاتالغان شەھەر مۇشۇمىدۇ؟» 15
All that pass by clap their hands at you, they hiss and wag their head at the daughter of Jerusalem, saying, "Is this the city that men called 'The perfection of beauty,' 'The joy of the whole earth'?"
(پې) بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ [مازاق قىلماقتا]، ئۇش-ئۇش قىلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتماقتا؛ ئۇلار: «بىز ئۇنى يۇتۇۋالدۇق! بۇ بەرھەق بىز كۈتكەن كۈندۇر! بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق!» ــ دېمەكتە. 16
All your enemies have opened wide their mouth against you. They hiss and gnash the teeth; they say, "We have swallowed her up. Certainly this is the day that we looked for; we have found, we have seen it."
(ئايىن) پەرۋەردىگار ئۆز نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى؛ ئۇ ھېچ رەھىم قىلماي غۇلاتتى؛ ئۇ دۈشمەننى ئۈستۈڭدىن شادلاندۇردى؛ كۈشەندىلىرىڭنىڭ مۈڭگۈزىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 17
Jehovah has done that which he purposed, he has fulfilled his word that he commanded in the days of old. He has thrown down, and has not pitied. He has caused the enemy to gloat over you and exalted the horn of your adversaries.
(تسادە) ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەبگە نىدا قىلماقتا! ئى زىئون قىزىنىڭ سېپىلى! ياشلىرىڭ دەريادەك كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن! ئۆزۈڭگە ئارام بەرمە؛ ياش تامچىلىرىڭ تاراملاشتىن ئارام ئالمىسۇن! 18
Their heart cried to Jehovah. O wall of the daughter of Zion, let tears run down like a river day and night. Give yourself no respite; do not let your tears cease.
(كوف) تۈن كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇر، كەچتە جېسەك باشلىنىشى بىلەن نىدا قىل! كۆڭلۈڭنى رەبنىڭ ئالدىغا سۇدەك تۆك؛ نارسىدىلىرىڭنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوللىرىڭنى كۆتۈر! ئۇلار بارلىق كوچىلىرىڭ دوقمۇشىدا قەھەتچىلىكتىن ھالىدىن كەتمەكتە. 19
Arise, cry out in the night, at the beginning of the watches. Pour out your heart like water before the face of Jehovah. Lift up your hands toward him for the life of your young children, that faint for hunger at the head of every street.
(رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن، سەن كىمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باققان؟! ئاياللار ئۆز مېۋىلىرى ــ ئەركە بوۋاقلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟ كاھىن ھەم پەيغەمبەرنى رەبنىڭ مۇقەددەس جايىدا ئۆلتۈرۈشكە بولامدۇ؟! 20
Look, Jehovah, and see to whom you have done like this. Shall the women eat their fruit, the children that are dandled in the hands? Shall the priest and the prophet be killed in the sanctuary of Jehovah?
(شىين) ياشلار ھەم قېرىلار كوچىلاردا يېتىشماقتا؛ پاك قىزلىرىم ۋە ياش يىگىتلىرىم قىلىچلىنىپ يىقىلدى؛ ئۇلارنى غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە قىردىڭسەن؛ ئۇلارنى ھېچ ئايىماي سويدۇڭسەن. 21
The youth and the old man lie on the ground in the streets; my virgins and my young men have fallen by the sword. You have killed them in the day of your anger; you have slaughtered, without pity.
(تاۋ) سەن ھېيت-بايرام كۈنىدە جامائەتنى چاقىرغاندەك، مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ؛ پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە قاچقانلار ياكى تىرىك قالغانلار يوق ئىدى؛ ئۆزۈم ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغانلارنى دۈشمىنىم يەپ كەتتى. 22
You have called, as in the day of a solemn assembly, my terrors on every side. There was none that escaped or remained in the day of Jehovah's anger. Those that I have borne and brought up has my enemy destroyed.

< يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 2 >