< باتۇر ھاكىملار 9 >

ئەمدى يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەمدىكى ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار ۋە ئانىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىكىلەرگە: ــ 1
سىلەر شەكەمدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ قۇلىقىغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئۈچۈن يەتمىش كىشى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ ياكى بىرلا ئادەمنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن سىلەرنىڭ قان-قېرىندىشىڭلارمەن» ــ دېگەن گېپىمنى يەتكۈزۈڭلار، ــ دېدى. 2
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئۇ توغرۇلۇق بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى شەكەمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا ئېيتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئابىمەلەككە مايىل بولۇپ: ــ ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنغۇ، دىيىشىپ، 3
بائال-بېرىتنىڭ بۇتخانىسىدىن يەتمىش شەكەل كۈمۈشنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەردى. بۇ پۇل بىلەن ئابىمەلەك بىرمۇنچە بىكار تەلەپ لۈكچەكلەرنى ياللاپ، ئۇلارغا باش بولدى. 4
ئاندىن ئۇ ئوفراھقا، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن يەرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتام يوشۇرۇنىۋالغاچقا، قۇتۇلۇپ قالدى. 5
ئاندىن پۈتكۈل شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللودىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىشىپ بېرىپ ئابىمەلەكنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 6
بۇ خەۋەر يوتامغا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ بېرىپ گەرىزىم تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا كۆپچىلىككە توۋلاپ: ــ ئەي شەكەم چوڭلىرى، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئاندىن خۇدامۇ سىلەرگە قۇلاق سالىدۇ. 7
كۈنلەردىن بىر كۈنى دەرەخلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر دەرەخنى مەسىھلەپ پادىشاھ تىكلەشكە ئىزدەپ چىقىپ، زەيتۇن دەرىخىگە: ــ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇپ بەرگىن، دەپتىكەن. 8
زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇداغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان مېيىمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. 9
بۇنى ئاڭلاپ دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ؛ 10
ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز شىرنەم بىلەن ياخشى مېۋەمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. 11
شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم تاللىقىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ، 12
ئۈزۈم تېلى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خۇدا بىلەن ئادەملەرنى خۇش قىلىدىغان يېڭى شارابنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. 13
ئاندىن دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى ئازغاننىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ؛ 14
ئازغان ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۈستۈڭلەرگە پادىشاھ قىلىشنى خالىساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەمنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىڭلار؛ بولمىسا، ئازغاندىن بىر ئوت چىقىدۇ ۋە لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى يەپ كېتىدۇ! ــ دەپتۇ. 15
ئەگەر سىلەرنىڭ ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغىنىڭلار راست سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيەت بىلەن بولغان بولسا، يەرۇببائال ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلغان، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بويىچە ئۇنىڭغا قايتۇرغان بولساڭلار ــ 16
(چۈنكى ئاتام سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئۆز جېنىنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سىلەرنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى! 17
لېكىن سىلەر بۈگۈن ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى قوزغىلىپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى تۇغقىنىڭلار بولغىنى ئۈچۈن شەكەم خەلقىنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەپسىلەر!) 18
ــ ئەمدى ئەگەر سىلەر يەرۇببائال ۋە جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، سىلەر ئابىمەلەكتىن خۇشاللىق تاپقايسىلەر، ئۇمۇ سىلەردىن خۇشاللىق تاپقاي! 19
لېكىن بولمىسا، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىنى يەپ كەتسۇن؛ شۇنداقلا، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىدىن ئوت چىقىپ، ئابىمەلەكنى يەپ كەتسۇن! ــ دېدى. 20
يوتام قېرىندىشى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ، قېچىپ بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 21
ئابىمەلەك ئىسرائىلغا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. 22
خۇدا ئابىمەلەك بىلەن شەكەمنىڭ ئادەملىرى ئوتتۇرىسىغا بىر يامان روھ ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شەكەمدىكىلەر ئابىمەلەككە ئاسىيلىق قىلىشقا قوزغالدى. 23
بۇنىڭ مەقسىتى، يەرۇببائالنىڭ يەتمىش ئوغلىغا قىلىنغان زوراۋانلىق ۋە قان قەرزنى ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن قېرىندىشى ئابىمەلەكنىڭ بوينىغا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن شەكەمدىكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. 24
شەكەمدىكى كىشىلەر ئابىمەلەكنى تۇتماقچى بولۇپ، تاغلارنىڭ چوققىلىرىغا پايلاقچىلارنى بۆكتۈرمە قىلىپ تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ ئىش ئابىمەلەككە يەتكۈزۈلدى. 25
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن شەكەمگە كۆچۈپ كېلىۋىدى، شەكەمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ ئۇنى ئۆز يار-يۆلىكى قىلدى. 26
شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەردىن ئېتىزلىققا چىقىپ، ئۈزۈمزارلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ سىقىپ، شاراب ياساپ، شادلىق قىلىپ ئۆز بۇتىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، يەپ-ئىچىشىپ ئابىمەلەكنىڭ ئۈستىدىن لەنەت ئوقۇغىلى تۇردى. 27
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال: ــ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى؟ شەكەم دېگەن نېمە ئىدى، بىز نېمە دەپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟! ئۇ يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ زەبۇل ئۇنىڭ نازاتەتچىسى ئەمەسمۇ؟ سىلەر شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئادەملىرىنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار بولىدۇ! بىز نېمىشقا ئابىمەلەكنىڭ خىزمىتىدە بولىدىكەنمىز؟ 28
كاشكى بۇ خەلق مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا ئىدى! ئۇ چاغدا مەن ئابىمەلەكنى ھەيدىۋتەتتىم! مەن ئابىمەلەككە: ــ ئۆز قوشۇنىڭنى كۆپەيتىپ، جەڭگە چىققىن! ــ دېگەن بولاتتىم. 29
ئەمدى شەھەر باشلىقى زەبۇل ئەبەدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىدا، ئاچچىقى كېلىپ، 30
ئەلچىلەرنى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا يوشۇرۇنچە ئەۋەتىپ: «مانا، گائالنىڭ ئوغلى قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەمگە كېلىۋاتىدۇ؛ مانا، شەھەرنى سىلىگە قارشى چىقىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ. 31
شۇڭا سىلى ئادەملىرىنى ئېلىپ بۈگۈن كېچە [شەھەر] ئەتراپىدىكى ئېتىزلىققا بېرىپ ماراپ ئولتۇرغايلا؛ 32
ئەتە كۈن چىققان ھامان قوزغىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغايلا؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سىلىگە قارشى چىققاندا، سىلى ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغايلا، ــ دېدى. 33
بۇنى ئاڭلاپ، ئابىمەلەك ھەممە ئادەملىرىنى ئېلىپ، كېچىسى چىقىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ، يوشۇرۇنۇپ شەكەمگە ھۇجۇم قىلىشقا ماراپ ئولتۇردى. 34
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال سىرتقا چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۆرە تۇرغاندا، ئابىمەلەك ئۆز ئادەملىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن چىقتى. 35
گائال خەلقنى كۆرۈپ زەبۇلغا: ــ مانا تاغ چوققىلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، دېدى. لېكىن زەبۇل ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ تاغلارنىڭ كۆلەڭگىسى ساڭا ئادەملەردەك كۆرۈنىدۇ، ــ دېدى. 36
گائال يەنە سۆز قىلىپ: مانا، بىر توپ ئادەملەر دۆڭلەردىن چۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر توپ ئادەملەر «پالچىلارنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 37
ئاندىن زەبۇل ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى، بىز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتۇقمۇ؟» دەپ چوڭ گەپ قىلغان ئاغزىڭ ھازىر قېنى؟ مانا بۇلار سەن كۆزگە ئىلمىغان خەلق ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ باققىن! ــ دېدى. 38
شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەمدىكىلەر بىلەن چىقىپ ئابىمەلەك بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى. 39
لېكىن ئابىمەلەك ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى، شۇنداقلا نۇرغۇن يارىلانغان ئادەملەر شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە يېتىشىپ كەتكەنىدى. 40
ئاندىن ئابىمەلەك ئارۇماھدا تۇرۇپ قالدى. زەبۇل بولسا گائال ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ شەكەمدە تۇرۇشىغا يول قويمىدى. 41
ئەتىسى [گائالدىكىلەر] دالاغا چىقتى؛ بۇ خەۋەر ئابىمەلەككە يەتكەندە 42
ئۇ خەلقىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، دالادا يوشۇرۇنۇپ ماراپ تۇردى؛ ئۇ قاراپ تۇرۇۋىدى، شەكەم خەلقى شەھەردىن چىقتى. ئۇ قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. 43
ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىرىنچى توپ ئاتلىنىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېسىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى؛ قالغان ئىككى توپ ئېتىلىپ بېرىپ دالادا تۇرغان ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قىرىۋەتتى. 44
شۇ تەرىقىدە ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى خانىۋەيران قىلىپ ئۈستىگە تۇزلارنى چېچىۋەتتى. 45
شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ، بېرىت دېگەن بۇتنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قورغانغا كىرىۋالدى. 46
شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلىۋاپتۇ، دېگەن خەۋەر ئابىمەلەككە يەتتى. 47
شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ئادەملىرىنى ئېلىپ زالمون تېغىغا چىقتى؛ ئۇ قولىغا پالتىنى ئېلىپ دەرەخنىڭ بىر شېخىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۆشنىسىگە قويۇپ، ئاندىن ئۆزى بىلەن بولغان خەلققە: ــ مېنىڭ نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار، ئەمدى سىلەرمۇ تېزدىن شۇنداق قىلىڭلار، ــ دېدى. 48
بۇنى ئاڭلاپ خەلقنىڭ ھەربىرى ئابىمەلەكتەك بىردىن شاخنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ، شاخلارنى قورغاننىڭ يېنىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇپ قورغان ۋە ئۇنىڭدا بولغانلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن شەكەمنىڭ مۇنارىدىكى ھەممە ئادەملەر، جەمئىي مىڭچە ئەر-ئايال ئۆلدى. 49
ئاندىن ئابىمەلەك تەبەزگە بېرىپ، ئۇ يەردە بارگاھ قۇرۇپ تەبەزكە قورشاپ، ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى. 50
لېكىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بىر مۇنار بار ئىدى؛ بارلىق ئەر-ئايال، جۈملىدىن شەھەرنىڭ ھەممە چوڭلىرى ئۇ يەرگە قېچىپ بېرىپ، دەرۋازىنى ئىچىدىن تاقاپ، مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. 51
ئابىمەلەك مۇنارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇشقا مۇنارنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا، 52
بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا ئېتىپ ئۇنىڭ باش سۈڭىكىنى سۇندۇرىۋەتتى. 53
ئاندىن ئابىمەلەك دەرھال ئۆز يارىغىنى كۆتۈرگۈچى يىگىتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا، خەلق مېنىڭ توغرامدا: «بىر ئايال كىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېيىشىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ يىگىت ئۇنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 54
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئابىمەلەكنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 55
شۇنداق قىلىپ خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆزىنىڭ يەتمىش ئاكا-ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاتىسىغا قىلغان رەزىللىكىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇردى؛ 56
شۇنىڭدەك خۇدا شەكەمنىڭ ئادەملىرى قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ياندۇرۇپ چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن يەرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتام ئېيتقان لەنەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلدى. 57

< باتۇر ھاكىملار 9 >