< باتۇر ھاكىملار 8 >

(كېيىن، ئەفرائىملار ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن، مىدىيانىيلار بىلەن سوقۇشقا چىققاندا، بىزنى چاقىرمىدىڭغۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېيىشىپ كەتتى. 1
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ئەفرائىمنىڭ ئۈزۈملەرنى پاساڭدىغىنى، ئابىئېەزەرلەرنىڭ ئۈزۈم ئۈزگىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ 2
خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى). 3
ئەمدى گىدېئون ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئۈچ يۈز ئادەم ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مىدىيانىيلارنى قوغلاپ دەريادىن ئۆتتى. 4
گىدېئون سۇككوت شەھىرىدىكىلەرگە: ــ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كىشىلەرگە نان بەرسەڭلار، چۈنكى ئۇلار ھېرىپ-چارچاپ كەتتى. بىز مىدىياننىڭ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى قوغلاپ كېتىپ بارىمىز، ــ دېدى. 5
لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى جاۋاب بېرىپ: ــ زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟! بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟! ــ دېدى. 6
گىدېئون: ــ خەپ! شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار زەباھ ۋە زالمۇننانى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغاندا، ئەتلىرىڭلارنى چۆلدىكى يانتاق ۋە شوخا بىلەن خاماندا تېپىمەن، ــ دېدى. 7
گىدېئون ئۇ يەردىن پەنۇئەلگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرگىمۇ شۇنداق دېۋىدى، پەنۇئەلدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا سۇككوتتىكىلەردەك جاۋاب بەردى. 8
ئۇ پەنۇئەلدىكىلەرگە: ــ مەن غەلىبە بىلەن يېنىپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇنارىڭلارنى ئۆرۈۋېتىمەن، ــ دېدى. 9
ئۇ چاغدا زەباھ ۋە زالمۇننا كاركور دېگەن جايدا ئىدى؛ ئۇلار بىلەن ماڭغان قوشۇندا ئون بەش مىڭچە لەشكەر بار ئىدى. بۇلار بولسا مەشرىقلىقلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى، چۈنكى ئۇلاردىن قىلىچ تۇتقانلىرىدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭى ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 10
گىدېئون بولسا نوباھ ۋە يوگبىخاھنىڭ شەرقىدىكى كۆچمەنلەر يولى بىلەن چىقىپ مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى؛ چۈنكى لەشكەرگاھتىكىلەر تولىمۇ ئەندىشسىز تۇرغانىدى. 11
زەباھ ۋە زالمۇننا قېچىپ كەتتى؛ گىدېئون كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، مىدىياننىڭ بۇ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى تۇتۇۋالدى؛ ئۇ پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكىلەرنى ئالاقزادە قىلىپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. 12
ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ھەرەس داۋىنىدىن ئۆتۈپ، جەڭدىن قايتىپ كەلدى. 13
ئۇ سۇككوتلۇق بىر ياش يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىۋىدى، يىگىت ئۇنىڭغا سۇككوتنىڭ چوڭلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ بەردى؛ ئۇلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش يەتتە ئادەم ئىدى. 14
ئاندىن گىدېئون سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغاندا: ــ سىلەر مېنى زاڭلىق قىلىپ: «زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟ بىز سېنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان مۇشۇ ھارغىن ئادەملىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟» دېگەنىدىڭلار! مانا، ئۇ زەباھ ۋە زالمۇننا دېگەنلەر! ــ دېدى. 15
شۇنى دەپ ئۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى يانتاق بىلەن شوخىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ ئەدىپىنى بەردى. 16
ئاندىن ئۇ پەنۇئەلنىڭ مۇنارىنى ئۆرۈپ، شەھەردىكى ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. 17
گىدېئون زەباھ ۋە زالمۇننانى سوراق قىلىپ: ــ سىلەر ئىككىڭلار تابوردا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ساڭا ئىنتايىن ئوخشايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى شاھزادىدەك ئىدى، ــ دېدى. 18
ئۇ بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇلار مېنىڭ بىر تۇغقانلىرىمدۇر، بىز بىر ئانىنىڭ ئوغۇللىرىمىز. پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى تىرىك قويغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيتتىم، ــ دېدى؛ 19
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: ــ سەن قوپۇپ بۇلارنى ئۆلتۈرگىن، ــ دېدى. لېكىن ئوغۇل كىچىك بولغاچقا قورقۇپ، قىلىچىنى سۇغۇرمىدى. 20
شۇنىڭ بىلەن زەباھ ۋە زالمۇننا: ــ سەن ئۆزۈڭ قوپۇپ بىزنى ئۆلتۈرگىن؛ چۈنكى ئادەم قانداق بولسا كۈچىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، گىدېئون قوپۇپ زەباھ ۋە زالمۇننانى ئۆلتۈردى. ئۇ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك بېزەكلەرنى ئېلىۋالدى. 21
ئاندىن ئىسرائىللار گىدېئونغا: ــ سەن بىزنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىكەنسەن، ئۆزۈڭ بىزگە پادىشاھ بولغىن؛ ئوغلۇڭ ۋە ئوغلۇڭنىڭ ئوغلىمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرسۇن، ــ دېدى. 22
ئەمما گىدېئون ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايمەن، ئوغلۇممۇ ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلىدۇ، دېدى. 23
ئاندىن گىدېئون ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە پەقەت بىرلا ئىلتىماسىم بار: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز ئولجاڭلاردىن ھالقا-زېرىلەرنى ماڭا بېرىڭلار، دېدى (مىدىيانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ھەربىرى ئالتۇن زىرە-ھالقىلارنى تاقايتتى). 24
ئۇلار جاۋابەن: ــ بېرىشكە رازىمىز، دەپ يەرگە بىر يېپىنچىنى سېلىپ، ھەربىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولجىسىدىن زىرە-ھالقىلارنى ئېلىپ تاشلىدى. 25
ئۇ سوراپ يىغقان ئالتۇن زىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىڭ يەتتە يۈز شەكەل ئالتۇن ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا مىدىيان پادىشاھلىرى ئۆزىگە ئاسقان ھىلال ئاي شەكىللىك بۇيۇملار، زۇننار، ئۇچىسىغا كىيگەن سۆسۈن ئېگىنلەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ئالتۇن زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى. 26
گىدېئون بۇ نەرسىلەردىن بىر ئەفود ياسىتىپ، ئۆز شەھىرى ئوفراھتا قويۇپ قويدى. نەتىجىدە، پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى ئىزدەپ بۇزۇقچىلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسە گىدېئون ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە بىر تور-تۇزاق بولدى. 27
مىدىيانىيلار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ، ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمىدى؛ زېمىن گىدېئوننىڭ كۈنلىرىدە قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئاراملىق تاپتى. 28
يوئاشنىڭ ئوغلى يەرۇببائال قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇردى. 29
گىدېئوننىڭ ئاياللىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن يەتمىش ئوغۇل تۆرەلدى. 30
شەكەمدە ئۇنىڭ بىر كېنىزىكىمۇ بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، گىدېئون ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئابىمەلەك» دەپ قويدى. 31
يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، قېرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئابىئېزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھدا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى. 32
گىدېئون ئۆلگەندىن كېيىن ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلدى ۋە «بائال-بېرىت»نى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلىپ بېكىتتى. 33
شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى 34
ۋە شۇنىڭدەك گىدېئوننىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقلىرىنى ھېچ ئەسلىمەي، يەرۇببائال (يەنى گىدېئون)نىڭ جەمەتىگە ھېچبىر مېھرىبانلىق كۆرسەتمىدى. 35

< باتۇر ھاكىملار 8 >