< باتۇر ھاكىملار 7 >

يەرۇببائال (يەنى گىدېئون) ۋە ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە خەلق ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، ھارود دېگەن بۇلاقنىڭ يېنىغا بېرىپ چېدىر تىكتى. مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە، مورەھ ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. 1
Then Jerubbaal, who is Gideon, and all the people who were with him, rose up early and encamped beside the spring of Harod. Midian’s camp was on the north side of them, by the hill of Moreh, in the valley.
ئەمدى پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ ساڭا ئەگەشكەن خەلقنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا مەن مىدىيانىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرالمايمەن. بولمىسا ئىسرائىل: «ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ قولى قۇتقۇزدى» دەپ ماختىنىپ كېتىشى مۇمكىن. 2
Yahweh said to Gideon, “The people who are with you are too many for me to give the Midianites into their hand, lest Israel brag against me, saying, ‘My own hand has saved me.’
شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئەمدى خەلققە: «كىملەر قورقۇپ تىترەك باسقان بولسا، ئۇلار گىلېئاد تېغىدىن يېنىپ كەتسۇن» دەپ جاكارلىغىن ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئارىسىدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، پەقەت ئون مىڭىلا قېلىپ قالدى. 3
Now therefore proclaim in the ears of the people, saying, ‘Whoever is fearful and trembling, let him return and depart from Mount Gilead.’” So twenty-two thousand of the people returned, and ten thousand remained.
پەرۋەردىگار گىدېئونغا يەنە: ــ خەلقنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ؛ ئەمدى سەن بۇلارنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلگىن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سەن ئۈچۈن سىناقتىن ئۆتكۈزەي؛ مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارسۇن دېسەم»، ئۇ سەن بىلەن بارسۇن؛ لېكىن مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن، ــ دېدى. 4
Yahweh said to Gideon, “There are still too many people. Bring them down to the water, and I will test them for you there. It shall be, that those whom I tell you, ‘This shall go with you,’ shall go with you; and whoever I tell you, ‘This shall not go with you,’ shall not go.”
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون خەلقنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىمكى ئىت سۇ ئىچكەندەك تىلى بىلەن يالاپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنى ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن؛ ھەم كىمكى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنىمۇ ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن، ــ دېدى. 5
So he brought down the people to the water; and Yahweh said to Gideon, “Everyone who laps of the water with his tongue, like a dog laps, you shall set him by himself; likewise everyone who bows down on his knees to drink.”
شۇنداق بولدىكى، ئوچۇمىنى ئاغزىغا تەگكۈزۈپ يالاپ سۇ ئىچكەنلەردىن ئۈچ يۈزى چىقتى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچتى. 6
The number of those who lapped, putting their hand to their mouth, was three hundred men; but all the rest of the people bowed down on their knees to drink water.
ئاندىن پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ مەن مۇشۇ سۇنى يالاپ ئىچكەن ئۈچ يۈز ئادەمنىڭ قولى بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىدىياننى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ لېكىن قالغان خەلق بولسا ھەممىسى ئۆز جايىغا يېنىپ كەتسۇن، ــ دېدى. 7
Yahweh said to Gideon, “I will save you by the three hundred men who lapped, and deliver the Midianites into your hand. Let all the other people go, each to his own place.”
شۇنىڭ بىلەن بۇ [ئۈچ يۈز ئادەم] ئوزۇق-تۈلۈك ۋە كانايلىرىنى قولىغا ئېلىشتى؛ گىدېئون ئىسرائىلنىڭ قالغان بارلىق ئادەملىرىنى ئۆز چېدىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، پەقەت شۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئېلىپ قالدى. ئەمدى مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جىلغىدا ئىدى. 8
So the people took food in their hand, and their trumpets; and he sent all the rest of the men of Israel to their own tents, but retained the three hundred men; and the camp of Midian was beneath him in the valley.
شۇ كېچىسى شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن، چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ 9
That same night, Yahweh said to him, “Arise, go down into the camp, for I have delivered it into your hand.
ئەگەر سەن چۈشۈشتىن قورقساڭ، ئۆز خىزمەتكارىڭ پۇراھنى بىللە ئېلىپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن. 10
But if you are afraid to go down, go with Purah your servant down to the camp.
سەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلايسەن، ئاندىن سەن لەشكەرگاھقا [ھۇجۇم قىلىپ] چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالايسەن، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ خىزمەتكارى پۇراھنى ئېلىپ لەشكەرگاھنىڭ چېتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا باردى. 11
You will hear what they say; and afterward your hands will be strengthened to go down into the camp.” Then went he down with Purah his servant to the outermost part of the armed men who were in the camp.
مانا مىدىيان، ئامالەك ۋە بارلىق مەشرىقتىكىلەر چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، جىلغىنىڭ بويىغا يېيىلغانىدى؛ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى كۆپلىكىدىن دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز ئىدى. 12
The Midianites and the Amalekites and all the children of the east lay along in the valley like locusts for multitude; and their camels were without number, as the sand which is on the seashore for multitude.
گىدېئون بارغاندا، مانا، ئۇ يەردە بىرسى ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى: ــ مانا، مەن بىر چۈش كۆردۇم، چۈشۈمدە مانا، بىر ئارپا توقىچى مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا دومۇلاپ چۈشۈپتۇدەك؛ ئۇ چېدىرغا كېلىپ سوقۇلۇپتىدەك، شۇنىڭ بىلەن چېدىر ئۆرۇلۈپ، دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ــ دەۋاتاتتى. 13
When Gideon had come, behold, there was a man telling a dream to his fellow. He said, “Behold, I dreamed a dream; and behold, a cake of barley bread tumbled into the camp of Midian, came to the tent, and struck it so that it fell, and turned it upside down, so that the tent lay flat.”
ئۇنىڭ ھەمراھى جاۋابەن تەبىر بېرىپ: ــ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ توقاچ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئىسرائىللىق ئادەم گىدېئوننىڭ قىلىچىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر؛ خۇدا مىدىيان ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ، دېدى. 14
His fellow answered, “This is nothing other than the sword of Gideon the son of Joash, a man of Israel. God has delivered Midian into his hand, with all the army.”
شۇنداق بولدىكى، گىدېئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ بېرىلگەن تەبىرىنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلدى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يېنىپ كېلىپ: ــ قوپۇڭلار، پەرۋەردىگار مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېدى. 15
It was so, when Gideon heard the telling of the dream and its interpretation, that he worshiped. Then he returned into the camp of Israel and said, “Arise, for Yahweh has delivered the army of Midian into your hand!”
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا بىردىن كاناي بىلەن بىردىن قۇرۇق كومزەكنى بەردى؛ ھەربىر كومزەك ئىچىدە بىردىن مەشئەل قويۇلدى. 16
He divided the three hundred men into three companies, and he put into the hands of all of them trumpets and empty pitchers, with torches within the pitchers.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ماڭا قاراپ، مېنىڭ قىلغىنىمدەك قىلىڭلار. مانا، مەن لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا بارغاندا، نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ 17
He said to them, “Watch me, and do likewise. Behold, when I come to the outermost part of the camp, it shall be that, as I do, so you shall do.
مەن ۋە مەن بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بارلىق ئادەملەر كاناي چالساق، سىلەرمۇ لەشكەرگاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار ۋە: «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەم گىدېئون ئۈچۈن!» دەپ توۋلاڭلار، ــ دېدى. 18
When I blow the trumpet, I and all who are with me, then blow the trumpets also on every side of all the camp, and shout, ‘For Yahweh and for Gideon!’”
كېيىنكى يېرىم كېچىلىك كۆزەتنىڭ باشلىنىشىدا، كۆزەتچىلەر يېڭىدىن ئالماشقاندا، گىدېئون ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان يۈز ئادەم لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار كاناي چېلىپ قوللىرىدىكى كومزەكلەرنى چاقتى. 19
So Gideon and the hundred men who were with him came to the outermost part of the camp in the beginning of the middle watch, when they had but newly set the watch. Then they blew the trumpets and broke in pieces the pitchers that were in their hands.
شۇ ھامان ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاناي چېلىپ، كومزەكلەرنى چېقىپ، سول قوللىرىدا مەشئەللەرنى تۇتۇپ، ئوڭ قوللىرىدا كانايلارنى ئېلىپ: ــ پەرۋەردىگارغا ۋە گىدېئونغا ئاتالغان قىلىچ! ــ دەپ توۋلاشقىنىچە، 20
The three companies blew the trumpets, broke the pitchers, and held the torches in their left hands and the trumpets in their right hands with which to blow; and they shouted, “The sword of Yahweh and of Gideon!”
ئۇلارنىڭ ھەربىرى لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىدا، ئۆز جايىدا تۇرۇشتى؛ ياۋ قوشۇنى تەرەپ-تەرەپكە پېتىراپ، ۋارقىراپ-جارقىرىغان پېتى قاچقىلى تۇردى. 21
They each stood in his place around the camp, and all the army ran; and they shouted, and put them to flight.
بۇ ئۈچ يۈز ئادەم كاناي چالغاندا، پەرۋەردىگار پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكى ياۋ لەشكەرلىرىنى بىر-بىرىنى قىلىچلاشقا سېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ياۋ قوشۇنى زېرەراھقا بارىدىغان يولدىكى بەيت-شىتتاھ تەرەپكە قاچتى؛ ئۇلار تابباتنىڭ يېنىدىكى ئابەل-مەھولاھنىڭ چېگرىسىغىچە قاچتى. 22
They blew the three hundred trumpets, and Yahweh set every man’s sword against his fellow and against all the army; and the army fled as far as Beth Shittah toward Zererah, as far as the border of Abel Meholah, by Tabbath.
ئاندىن نافتالى، ئاشىر ۋە پۈتكۈل ماناسسەھنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئىسرائىللار چاقىرىپ كېلىندى ۋە ئۇلار مىدىيانىيلارنى قوغلىدى. 23
The men of Israel were gathered together out of Naphtali, out of Asher, and out of all Manasseh, and pursued Midian.
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئەفرائىم پۈتكۈل تاغلىقىنى ئارىلاپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئەفرائىملارغا: ــ «سىلەر چۈشۈپ مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، بەيت-باراھقىچە، شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى توسۇۋېلىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمنىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ، بەيت-باراھقىچە ۋە ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلىدى. 24
Gideon sent messengers throughout all the hill country of Ephraim, saying, “Come down against Midian and take the waters before them as far as Beth Barah, even the Jordan!” So all the men of Ephraim were gathered together and took the waters as far as Beth Barah, even the Jordan.
ئۇلار مىدىياننىڭ ئورەب ۋە زەئەب دېگەن ئىككى ئەمىرىنى تۇتۇۋالدى؛ ئورەبنى ئۇلار «ئورەب قورام تېشى» ئۈستىدە، زەئەبنى «زەئەب شاراب كۆلچىكى»دە ئۆلتۈردى، مىدىيانىيلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئورەب ۋە زەئەبنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە گىدېئوننىڭ قېشىغا كەلدى. 25
They took the two princes of Midian, Oreb and Zeeb. They killed Oreb at Oreb’s rock, and Zeeb they killed at Zeeb’s wine press, as they pursued Midian. Then they brought the heads of Oreb and Zeeb to Gideon beyond the Jordan.

< باتۇر ھاكىملار 7 >