< باتۇر ھاكىملار 21 >

ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىزپاھدا قەسەم قىلىشىپ: ــ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچكىم ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن، ــ دېيىشكەنىدى. 1
شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق بەيت-ئەلگە كېلىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە خۇدانىڭ ئالدىدا پەرياد كۆتۈرۈپ قاتتىق يىغلىشىپ: ــ 2
ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا نېمىشقا شۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ، نېمىشقا ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن بىرى يوقاپ كەتسۇن؟ ــ دېيىشتى. 3
ئەتىسى خەلق سەھەر قوپۇپ، ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇندى. 4
ئىسرائىللار ئۆزئارا: ــ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن جامائەتكە قوشۇلۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا كەلمىگەن كىملەر بار؟ ــ دەپ سوراشتى، چۈنكى ئۇلار كىمكى مىزپاھقا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولمىسا، ئۇ شەكسىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، دەپ قاتتىق قەسەم قىلىشقانىدى. 5
ئىسرائىل ئۆز قېرىندىشى بولغان بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلىپ: ــ مانا، ئەمدى ئىسرائىل ئارىسىدىن بىر قەبىلە ئۈزۈۋېتىلدى. 6
بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچقايسىمىز ئۆز قىزىمىزنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز، ــ دەپ قەسەم قىلغانىدۇق؛ ئەمدى قانداق قىلساق ئۇلاردىن قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز ــ دېيىشتى. 7
ئۇلار يەنە ئۆزئارا: ــ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن قايسىسى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقمىدى؟ ــ دەپ سوراشتى. مانا، يابەش-گىلېئادلىقلاردىن ھېچقايسىسى چېدىرگاھقا، جامائەتكە قوشۇلۇشقا كەلمىگەنىدى. 8
چۈنكى خەلقنى ساناپ كۆرگەندە يابەش-گىلېئادنىڭ ئادەملىرىدىن ئۇ يەردە ھېچكىم يوق ئىدى. 9
شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئون ئىككى مىڭ پالۋاننى ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ يابەش-گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلارنى، جۈملىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇرۇپ-قىرىپ قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ 10
شۇنداق قىلىڭلاركى، بارلىق ئەركەكلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، دېدى. 11
ئۇلار شۇنداق قىلىپ يابەش-گىلېئادتىكى خەلقىنىڭ ئىچىدە تېخى ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇپ باقمىغان تۆت يۈز قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ قانائان زېمىنىدىكى شىلوھقا، چېدىرگاھغا ئېلىپ كەلدى. 12
ئاندىن پۈتكۈل جامائەت رىمموندىكى تىك ياردىكى بىنيامىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تىنچلىق سالىمىنى جاكارلىدى. 13
شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى؛ ئىسرائىللار يابەش-گىلېئادتىكى ھايات قالغان قىزلارنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، لېكىن بۇلار ئۇلارغا يېتىشمىدى. 14
ۋە خەلق بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا كەمتۈك پەيدا قىلىپ قويغانىدى. 15
بۇ ۋاقىتتا جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى: ــ بىنيامىننىڭ قىز-ئاياللىرى يوقۇتىۋېتىلدى، ئەمدى بىز قانداق قىلساق قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز، ــ دېدى. 16
ئاندىن يەنە: ــ بىنيامىندىن قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسىغا مىراس ساقلىنىشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ بىر قەبىلىسىمۇ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. 17
پەقەت بىزلا قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىسرائىللار: «ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن!» دەپ قەسەم قىلىشقان، ــ دېيىشتى. 18
ئۇلار يەنە: ــ مانا، بەيت-ئەلنىڭ شىمال تەرىپىدىكى، بەيت-ئەلدىن شەكەمگە چىقىدىغان يولنىڭ شەرق تەرىپىدىكى، لىبوناھنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى شىلوھدا ھەر يىلى پەرۋەردىگارنىڭ بىر ھېيتى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى. 19
ئاندىن ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا بۇيرۇپ: ــ سىلەر بېرىپ، [شۇ يەردىكى] ئۈزۈمزارلىقلارغا يوشۇرۇنىۋېلىڭلار. 20
كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، قاچانىكى شىلوھدىكى قىزلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىلى چىققىنىنى كۆرسەڭلار، ئۈزۈمزارلىقلاردىن چىقىپ ھەربىرىڭلار شىلوھنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۆزۈڭلارغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىڭلار، ئاندىن بىنيامىننىڭ زېمىنىغا كېتىڭلار. 21
شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى يا ئاكا-ئۇكىلىرى كېلىپ بىزگە پەرياد كۆتۈرسە، بىز ئۇلارغا: «بىزگە يۈز-خاتىرە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويۇڭلار، چۈنكى بىز جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنلۇققا تولۇق بىردىن قىز ئالالمىدۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر بۇ قېتىم قىزلىرىڭلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ئۇلارغا بەرمىدىڭلار؛ ئىختىيارەن بەرگەن بولساڭلار، گۇناھقا تارتىلاتتىڭلار»، دەيمىز، ــ دېدى. 22
بىنيامىنلار شۇنداق قىلىپ سانى بويىچە ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىزلاردىن ئۆزلىرىگە خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىپ، ئۆز مىراس زېمىنىغا قايتىپ بېرىپ، شەھەرلەرنى يەنە ياساپ ئۇ يەردە تۇردى. 23
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەربىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە جەمەتىگە يېنىپ باردى، ئاندىن ھەربىرى ئۆز مىراس زېمىنىغا كەتتى. 24
شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى. 25

< باتۇر ھاكىملار 21 >