< باتۇر ھاكىملار 20 >

شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى چىقىپ، جامائەت داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يىغىلىپ گىلېئاد زېمىنىنىڭ خەلقى بىلەن قوشۇلۇپ مىزپاھدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر ئادەمدەك بولدى. 1
پۈتكۈل قوۋمنىڭ چوڭلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى خۇدانىڭ خەلقىنىڭ جامائىتى ئارىسىدا ھازىر بولدى. جامائەت جەمئىي بولۇپ تۆت يۈز مىڭ قىلىچ تۇتقان پىيادە ئەسكەر ئىدى 2
(بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىدىن ئەمدى خەۋەر تاپقانىدى). ئىسرائىللار سۈرۈشتە قىلىپ: «بۇ رەزىل ئىش قانداق يۈز بەردى؟» ــ دەپ سورىدى. 3
ئۆلتۈرۈلگەن چوكاننىڭ ئېرى لاۋىي كىشى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ئۆز كېنىزىكىمنى ئېلىپ، بىنيامىننىڭ گىبېئاھ شەھىرىگە قونغىلى بارغانىدىم؛ 4
گىبېئاھنىڭ ئادەملىرى كېچىدە ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ، مېنى دەپ ئۆينى قورشىۋالدى. ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى، كېنىزىكىمنى بولسا ئۇلار ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 5
شۇنىڭ بىلەن مەن كېنىزىكىمنىڭ جەسىتىنى پارچە-پارچە قىلىپ، كىشىلەرگە كۆتۈرتكۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ مىراسى بولغان زېمىننىڭ ھەربىر يۇرتىغا ئەۋەتتىم. چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە پاسىقلىق ۋە ئىپلاسلىق قىلدى. 6
مانا، ئەي بارلىق ئىسرائىللار، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىنىپ، مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار». 7
شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىر ئادەمدەك قوپۇپ: ــ ئارىمىزدىن نە ھېچكىم ئۆز چېدىرىگە بارمىسۇن نە ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن، 8
بەلكى بىز گىبېئاھقا شۇنداق قىلايلىكى: ــ بىز چەك تاشلاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى؛ 9
بىز ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىكىلەردىن يۈزنىڭ ئىچىدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خەلق ئۈچۈن ئوزۇق-تالقان يەتكۈزۈشكە تەيىنلەيلى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە قىلغان بارلىق ئىپلاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇرسۇن، ــ دېيىشتى. 10
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بىر ئادەمدەك بولۇپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا توپلاندى. 11
ئاندىن ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىننىڭ بارلىق جەمەتلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ: ــ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن بۇ رەزىللىك زادى نېمە ئىش؟ 12
ئەمدى گىبېئاھدىكى بۇ لۈكچەكلەرنى بىزگە تۇتۇپ بېرىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ، ئىسرائىلدىن رەزىللىكنى يوق قىلايلى، ــ دېدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ سۆزىنى تىڭشىمىدى، 13
بەلكى بىنيامىنلار ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن شەھەر-شەھەرلەردىن كېلىپ گىبېئاھدا يىغىلدى. 14
ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىنلاردىن شەھەر-شەھەرلەردىن تىزىملانغانلار يىگىرمە ئالتە مىڭ قىلىچ تۇتقان ئەركەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گىبېئاھدىن خىللانغان يەتتە يۈز ئەسكەر بار ئىدى. 15
بۇ پۈتكۈل قوشۇن ئارىسىدا خىللانغان يەتتە يۈز سولخاي ئەسكەر بولۇپ، سالغۇغا تاشنى سېلىپ نىشانغا ئاتسا، قىلچىمۇ قېيىپ كەتمەيتتى. 16
بىنيامىن قەبىلىسىدىن باشقا، ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلىۋىدى، قىلىچ تۇتقانلار تۆت يۈز مىڭ ئەركەك چىقتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭچىلەر ئىدى. 17
ئىسرائىل قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ خۇدادىن: ــ بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ بىنيامىنلار بىلەن سوقۇشسۇن، دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ يەھۇدا [ئاۋۋال] چىقسۇن، دېدى. 18
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئەتىسى سەھەر قوپۇپ گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىرگاھ تىكتى. 19
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقىپ، گىبېئاھنىڭ يېنىدا راسلىنىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزدى. 20
شۇ كۈنى بىنيامىنلار گىبېئاھدىن چىقىپ، ئىسرائىلدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى. 21
لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى جاسارەتكە كېلىپ، ئاۋۋالقى كۈنى سەپ تۈزگەن جايدا ئىككىنچى كۈنى يەنە سەپ تۈزدى. 22
[سەپ تۈزۈشتىن ئاۋۋالقى ئاخشىمى] ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كەچ كىرگۈچە پەرياد قىلىپ يىغلاپ، پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىن نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقساق بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، دېدى. 23
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئىككىنچى كۈنى بىنيامىنلارغا يېقىن كېلىپ ھۇجۇم قىلدى. 24
بىنيامىنمۇ ئىككىنچى كۈنى گىبېئاھدىن چىقىپ ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئون سەككىز مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچ تۇتقانلاردىن ئىدى. 25
ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى پۈتۈن قوشۇن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ يىغلاپ، شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەچكىچە روزا تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۆتكۈزدى. 26
شۇ كۈنلەردە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ، ھارۇننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىننىڭ نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقامدۇق ياكى توختاپ قالامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى؛ پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ چىقىڭلار، چۈنكى ئەتە مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى. 27
28
بۇنى ئاڭلاپ ئىسرائىل خەلقى گىبېئاھنىڭ ئەتراپىغا ئەسكەرلەرنى پىستىرما قويدى؛ 29
ئۈچىنچى كۈنى ئىسرائىللار ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ سەپ تۈزدى. 30
بىنيامىن [ئىسرائىل] خەلقىگە قارشى جەڭگە چىقىۋىدى، خەلق ئۇلارنى شەھەردىن ئازدۇرۇپ چىقتى. ئۇلار بەيت-ئەلگە چىقىدىغان يول ۋە گىبېئاھقا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە ھەم دالادا خەلقنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك ئۇرۇپ قىرغىلى تۇردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈردى. 31
بىنيامىنلار: ــ ئۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك مەغلۇپ بولدى، ــ دېيىشتى. ئەمما ئىسرائىل: ــ بىزلەر قېچىپ ئۇلارنى شەھەردىن ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ، يوللارغا ئېلىپ چىقايلى، دەپ مەسلىھەتلىشىۋالغانىدى. 32
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئۆز جايىدىن قوپۇپ بائال-تامارغا بېرىپ سەپ تۈزدى، پىستىرمىدا تۇرغان ئىسرائىللارمۇ ئۆز جايىدىن، يەنى گېبادىكى چىمەندىن چىقىپ كەلدى. 33
ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن سەرخىل ئون مىڭ كىشى گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، جەڭ قاتتىق بولدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە بالا يېقىنلاشقىنىنى بىلمەي قالدى. 34
پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلغاچقا، ئۇلار ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن يىگىرمە بەش مىڭ بىر يۈز قىلىچ تۇتقان ئادەمنى ئۆلتۈردى. 35
ئەمدى بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئەسلىدە گىبېئاھقا قويغان پىستىرمىدىكى كىشىلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، ئالدىدا چېكىنگەنىدى. 36
ئۇ ۋاقىتتا پىستىرمىدىكىلەر تېزدىن ئاتلىنىپ گىبېئاھقا ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىپ، شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ قىردى. 37
ئىسرائىللار ئەسلىدە پىستىرمىدىكىلەر بىلەن ئالدىنئالا نىشان ئۈچۈن بەلگە بېكىتكەنىدى، يەنى شەھەرگە ئوت قۇيۇپ، قېلىن تۈتۈن تۈۋرۈكىنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى بەلگە قىلىشقا كېلىشىۋالغانىدى. 38
شۇڭا ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇشتىن ۋاقتىنچە چېكىنگەندە، بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ سوقۇپ، ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ: ــ مانا، ئىسرائىل ئاۋۋالقى جەڭدىكىدەك ئالدىمىزدا شەكسىز تارمار بولىدۇ، ــ دېيىشتى. 39
لېكىن شەھەرنىڭ ئىچىدىن تۈتۈن تۈۋرۈك ئۆرلەپ چىققاندا، بىنيامىنلار كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا، پۈتكۈل شەھەر ئىس-تۈتەك بولۇپ ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. 40
شۇ ھامان ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ يېنىپ كەلدى، بىنيامىننىڭ ئادەملىرى بولسا: بىزگە بالا يېقىنلاشتى دەپ، ۋەھىمىگە چۈشتى. 41
ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ چۆللۈككە ماڭىدىغان يول بىلەن قېچىپ كەتتى؛ لېكىن جەڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ماڭدى؛ ئەتراپىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئادەملەر چىقىپ ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ ھالاك قىلدى. 42
شۇ تەرىقىدە ئۇلار بىنيامىنلارنى قورشىۋالدى، ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرىپىدىكى گېبانىڭ ئۇدۇلىغىچە توختىماي قوغلاپ بېرىپ، چەيلەپ ئۆلتۈردى. 43
بۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلاردىن ئون سەككىز مىڭ كىشى ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى. 44
باشقىلىرى بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىممون قورام تېشىغا باردى؛ ئەمما ئىسرائىللار يوللاردا خۇددى باشاق تەرگەندەك ئۇلاردىن بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن گىدومغىچە قوغلاپ بېرىپ، يەنە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 45
ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىگىرمە بەش مىڭ ئادەم ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلار بولۇپ، قىلىچ تۇتقانلار ئىدى. 46
ھالبۇكى، ئۇلاردىن پەقەت ئالتە يۈز ئادەم قالغانىدى، ئۇلار بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىمموندىكى تىك يارغا باردى. ئۇلار رىمموندىكى تىك ياردا تۆت ئاي تۇردى. 47
ئىسرائىللار يەنە بىنيامىنلارنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كېلىپ، ھەممە شەھەرلەردىكى ئادەملەرنى، چارپايلارنى ھەم ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىۋەتتى، شۇنداقلا ئوت قۇيۇپ، ئۇدۇل كەلگەن شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 48

< باتۇر ھاكىملار 20 >