< باتۇر ھاكىملار 17 >

ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 1
There was a man of the hill country of Ephraim, whose name was Micah.
ئۇ ئانىسىغا: ــ سېنىڭ ھېلىقى بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگەڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنىدى؛ سەن تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ. مانا، كۈمۈش مەندە، ئۇنى مەن ئالغاندىم، دېۋىدى، ئانىسى: ــ ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار سېنى بەرىكەتلىگەي!، ــ دېدى. 2
He said to his mother, “The eleven hundred pieces of silver that were taken from you, about which you uttered a curse, and also spoke it in my ears—behold, the silver is with me. I took it.” His mother said, “May Yahweh bless my son!”
مىكاھ بۇ بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا ياندۇرۇپ بەردى. ئانىسى: ــ مەن ئەسلىدە بۇ پۇلنى سەن ئوغلۇمنى دەپ پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئويما بۇت ۋە قۇيما بۇت ياساشقا ئاتىۋەتكەنىدىم؛ ئەمدى يەنىلا ساڭا بېرەي، دېدى. 3
He restored the eleven hundred pieces of silver to his mother, then his mother said, “I most certainly dedicate the silver to Yahweh from my hand for my son, to make a carved image and a molten image. Now therefore I will restore it to you.”
لېكىن مىكاھ كۈمۈشنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى؛ ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بېرىپ، بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساتتى؛ ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇلدى. 4
When he restored the money to his mother, his mother took two hundred pieces of silver, and gave them to a silversmith, who made a carved image and a molten image out of it. It was in the house of Micah.
مىكاھ دېگەن بۇ كىشى ئەسلىدە بىر بۇتخانا پەيدا قىلغان، شۇنىڭدەك ئۆزىگە بىر ئەفود بىلەن بىرنەچچە «تەرافىم»نى ياسىغانىدى؛ ئاندىن ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلەپ، ئۇنى ئۆزىگە كاھىن قىلدى. 5
The man Micah had a house of gods, and he made an ephod, and teraphim, and consecrated one of his sons, who became his priest.
شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى. 6
In those days there was no king in Israel. Everyone did that which was right in his own eyes.
يەھۇدا جەمەتىنىڭ تەۋەسىدىكى بەيت-لەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر يىگىت بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانىدى. 7
There was a young man out of Bethlehem Judah, of the family of Judah, who was a Levite; and he lived there.
بۇ يىگىت بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ، يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەم شەھىرىدىن چىقتى. ئۇ سەپەر قىلىپ، ئەفرائىم تاغلىقىغا، مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى. 8
The man departed out of the city, out of Bethlehem Judah, to live where he could find a place, and he came to the hill country of Ephraim, to the house of Micah, as he traveled.
مىكاھ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ، دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مەن يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر لاۋىيمەن، بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ چىقتىم، ــ دېدى. 9
Micah said to him, “Where did you come from?” He said to him, “I am a Levite of Bethlehem Judah, and I am looking for a place to live.”
مىكاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا مەن بىلەن تۇرۇپ، ماڭا ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن؛ مەن ساڭا ھەر يىلى ئون كۈمۈش تەڭگە، بىر يۈرۈش ئېگىن ۋە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىڭنى بېرەي، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ لاۋىي كىشى ئۇنىڭكىگە كىردى. 10
Micah said to him, “Dwell with me, and be to me a father and a priest, and I will give you ten pieces of silver per year, a suit of clothing, and your food.” So the Levite went in.
لاۋىي ئۇ كىشى بىلەن تۇرۇشقا رازى بولدى؛ يىگىت شۇ كىشىگە ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىدەك بولۇپ قالدى. 11
The Levite was content to dwell with the man; and the young man was to him as one of his sons.
ئاندىن مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنى [كاھىنلىققا] مەخسۇس تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن [لاۋىي] يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 12
Micah consecrated the Levite, and the young man became his priest, and was in the house of Micah.
ئاندىن مىكاھ: ــ بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن، ــ دېدى. 13
Then Micah said, “Now I know that Yahweh will do good to me, since I have a Levite as my priest.”

< باتۇر ھاكىملار 17 >