< باتۇر ھاكىملار 15 >

ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ بۇغداي ئورۇش مەزگىلى كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، شىمشون بىر ئوغلاقنى ئېلىپ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «مەن خوتۇنۇمنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىمەن» دېدى. لېكىن ئايالىنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىچكىرىگە كىرىشىگە يول قويمىدى. 1
قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەقىقەتەن سىزنى ئۇنىڭغا مۇتلەق ئۆچ بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلىدىم؛ شۇڭا مەن ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چىرايلىققۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنى ئالغان بولسىڭىز! ــ دېدى. 2
ئەمما شىمشون ئۇلارغا: ــ ئەمدى مەن بۇ قېتىم فىلىستىيلەرگە زىيان يەتكۈزسەم، ماڭا گۇناھ بولمايدۇ! ــ دېدى. 3
شۇنى دەپ شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز چىلبۆرىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئوتقاشلارنى تەييارلاپ، چىلبۆرىلەرنى جۈپلەپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئىككى قۇيرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئوتقاشنى ئاستى؛ 4
ئوتقاشلارغا ئوت يېقىپ چىلبۆرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرىگە قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۆۋە-دۆۋە ئۆنچىلەرنى، ئورۇلمىغان زىرائەتلەرنى، شۇنداقلا زەيتۇن باغلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 5
فىلىستىيلەر بۇنى كۆرۈپ: بۇنى كىم قىلدى، ــ دەپ سورىسا، خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ تىمناھلىق ئادەمنىڭ كۈيئوغلى شىمشون قىلدى؛ قېينئاتىسى ئۇنىڭ ئايالىنى ئۇنىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر چىقىپ، ئۇ ئايال بىلەن ئاتىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 6
شىمشون ئۇلارغا: ــ سىلەر شۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەردىن ئىنتىقام ئالماي بولدى قىلمايمەن، ــ دېدى. 7
شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇ بېرىپ ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىدە تۇردى. 8
ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەر چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدا چېدىر تىكىپ، لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى. 9
يەھۇدالار بولسا: ــ نېمىشقا بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىسىلەر؟ ــ دېۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىز شىمشوننى تۇتۇپ باغلاپ، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، دەپ چىقتۇق، ــ دېدى. 10
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا يۇرتىدىكى ئۈچ مىڭ كىشى ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىگە چۈشۈپ، شىمشونغا: ــ سەن فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنىنى بىلمەمسەن؟ شۇنى بىلىپ تۇرۇپ، سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق قىلدىڭ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلار ماڭا قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا قىلدىم، دەپ جاۋاب بەردى. 11
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، دېۋىدى، شىمشون ئۇلارغا: ــ «بىز ئۆزىمىز ساڭا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرمەيمىز»، دەپ ماڭا قەسەم قىلىڭلار، دېدى. 12
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئۆلتۈرمەيمىز؛ پەقەت سېنى چىڭ باغلاپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز؛ ھەرگىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمىز، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنى دەپ ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن ئۇنى باغلاپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ ماڭدى. 13
ئۇ لېھىگە كەلگەندە، فىلىستىيلەر ۋارقىراشقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ كەلدى. ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، قوللىرىنى باغلىغان ئارغامچىلار ئوت تۇتاشقان كەندىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ، تۈگۈچلەر قوللىرىدىن يېشىلىپ كەتتى. 14
ئاندىن ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ، قولىنى ئۇزىتىپلا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 15
شىمشون: ــ «ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم، ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردۈم!» ــ دېدى. 16
بۇلارنى دەپ ئېشەكنىڭ ئېڭەك سۆڭىكىنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ شۇ جايغا «راموت-لېھى» دەپ نام قويدى. 17
ئۇ ئىنتايىن ئۇسساپ پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ سەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ قولى بىلەن بۇنچە چوڭ نۇسرەتنى بارلىققا كەلتۈردۈڭ، ئەمدى مەن ھازىر ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، خەتنىسىزلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالارمەنمۇ؟ ــ دېدى. 18
شۇنىڭ بىلەن خۇدا لېھىدىكى ئازگالنى ياردى، سۇ ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى. شىمشون ئىچىپ، روھى ئۇرغۇپ جان كىردى. بۇ سەۋەبتىن بۇ [بۇلاققا] «ئەن-ھاككورە» دەپ نام قويۇلدى؛ تا بۈگۈنگىچە ئۇ لېھىدا بار. 19
شىمشون فىلىستىيلەرنىڭ دەۋرىدە يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. 20

< باتۇر ھاكىملار 15 >