< باتۇر ھاكىملار 12 >

لېكىن ئەفرائىمىيلار بولسا توپلىشىپ زافون تەرەپكە ئۆتۈپ يەفتاھقا سوئال قويۇپ: ــ سەن ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بارغىنىڭدا نېمىشقا بىزنى بىللە بېرىشقا چاقىرمايسەن؟ ئەمدى بىز ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىمىز، ــ دېدى. 1
يەفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن خەلقىم ئاممونىيلارغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلىۋاتقاندا، سىلەرنى چاقىرسام، مېنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزمىدىڭلار. 2
سىلەرنىڭ كېلىپ مېنى قۇتقۇزمايدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويۇپ، ئاممونىيلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندىم، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن كېلىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى. 3
لېكىن ئەفرائىملار گىلېئادلارنى [ھاقارەتلەپ]: ــ سىلەر ئى گىلېئادلار، ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا ۋە ماناسسەھنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، ئەفرائىمدا تۇرۇۋاتقان قاچقۇنسىلەر، خالاس! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ بارلىق گىلېئادتىكىلەرنى يىغىپ ئەفرائىم بىلەن سوقۇشتى. ئۇلار ئەفرائىملارنى ئۇرۇپ قىرىپ مەغلۇپ قىلدى. 4
ئاندىن گىلېئادتىكىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ئەفرائىملارنى ئۆتكۈزمىدى. شۇنداق بولدىكى، ئەفرائىملىق بىرەر قاچقون كېچىككە كېلىپ: ــ مېنى ئۆتكىلى قويغىن، دېسە گىلېئادتىكىلەر ئۇنىڭدىن: ــ سەن ئەفرائىمىيمۇ؟ ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى «ياق» دېسە، 5
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ «شىبولەت» دېگىن! ــ دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ناتوغرا تەلەپپۇز قىلىپ «سىبولەت» دەپ جاۋاب بېرىپ قالسا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇ تەرىقىدە شۇ ۋاقىتتا قىرىق ئىككى مىڭچە ئەفرائىمىي ئۆلتۈرۈلدى. 6
يەفتاھ ئالتە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. ئاندىن گىلېئادلىق يەفتاھ ئالەمدىن ئۆتۈپ، گىلېئاد شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە دەپنە قىلىندى. 7
ئۇنىڭدىن كېيىن بەيت-لەھەملىك ئىبزان ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. 8
ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى، ئوتتۇز قىزى بولۇپ، ئوتتۇز قىزىنى سىرتقا ئەرگە بېرىپ، سىرتتىن ئوتتۇز قىزنى ئوغۇللىرىغا ئېلىپ بەردى. ئۇ يەتتە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. 9
ئاندىن ئىبزان ئۆلۈپ، بەيت-لەھەمدە دەپنە قىلىندى. 10
ئۇنىڭدىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىلغا ھاكىم بولۇپ، ئون يىل ئىسرائىلدا ھۆكۈم سۈردى. 11
ئاندىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئۆلۈپ، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئايجالون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. 12
ئۇنىڭدىن كېيىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. 13
ئۇنىڭ قىرىق ئوغلى ۋە ئوتتۇز نەۋرىسى بار ئىدى. ئۇلار يەتمىش ئېشەككە مىنىپ ماڭاتتى. ئۇ ئىسرائىلغا سەككىز يىل ھاكىم بولدى. 14
ئاندىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئۆلۈپ، ئەفرائىم زېمىنىدا، ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىدىكى پىراتون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. 15

< باتۇر ھاكىملار 12 >