< يەھۇدا 1 >

ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن چاقىرىلغانلارغا، يەنى خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام. 1
سىلەرگە رەھىمدىللىك، ئامانلىق-خاتىرجەملىك ۋە مېھىر-مۇھەببەت ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي! 2
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان نىجاتىمىز توغرىسىدا خەت يېزىشقا زور ئىشتىياقىم بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادنى قولۇڭلاردىن بەرمەسلىككە جىددىي كۈرەش قىلىشقا جېكىلەپ ئۇشبۇ خەتنى يازمىسام بولمىدى. 3
چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇنۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن تانغان ئادەملەردۇر. 4
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېسىڭلارغا قايتىدىن سېلىشنى خالايمەنكى (گەرچە سىلەر بۇرۇن ھەممە ئىشلاردىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن بولساڭلارمۇ)، بۇرۇن رەب [ئۆزى ئۈچۈن] بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى [ئۆزىگە] ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. 5
[ۋە سىلەر شۇنىمۇ بىلىسىلەركى]، ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇرماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەب ئۇلۇغ [قىيامەت] كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ كىشەنلەپ مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا سولاپ ساقلىماقتا. (aïdios g126) 6
سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ [پەرىشتىلەرگە] ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، [كېيىنكى دەۋرلەر] ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن. (aiōnios g166) 7
لېكىن مۇشۇ «چۈش كۆرگۈچىلەر» شۇ ئوخشاش يول بىلەن ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنىمۇ بۇلغىماقتا، ئۇلار ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغۇچىلاردىن بولۇپ، [ئەرشتىكى] ئۇلۇغلارغىمۇ ھاقارەت قىلىشماقتا. 8
لېكىن ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا ئىبلىس بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى تەنبىھ بەرسۇن» دەپلا قويغان. 9
لېكىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ھەتتا ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. 10
بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى، مال-مۈلۈكنى دەپ بالائامنىڭ ئازغان يولىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۇلار كوراھنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا [ئوخشاش] ئاخىر ھالاك بولىدۇ. 11
ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلارغا ھېچ تارتىنماي سىلەر بىلەن بىللە داخىل بولىدىغان، ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر. ئۇلار شاماللاردىن ھەيدىلىپ كەلگەن يامغۇرسىز بۇلۇت، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، كەچ كۈزدىكى مېۋىسىز دەرەخلەر، ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر! 12
ئۇلار دېڭىزنىڭ داۋالغۇۋاتقان، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرى، ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى قۇسماقتا؛ ئۇلار ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قاپقاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتى ھازىرلاپ قويۇلغاندۇر. (aiōn g165) 13
ئادەمئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانوخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ «مانا، رەب تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەسلىرى بىلەن كېلىدۇ، 14
ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، بارلىق ئىخلاسسىزلارنىڭ ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن بارلىق ئىخلاسسىزلىقلىرىغا ئاساسەن، شۇنداقلا ئىخلاسسىز گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بارلىق ئەسەبىي سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ». 15
بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ؛ ئاغزىدا يوغانچىلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ. 16
لېكىن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، 17
ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، ئۆزىنىڭ ئىخلاسسىز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مازاق قىلغۇچىلار مەيدانغا چىقىدۇ» دېگەنىدى. 18
مۇشۇنداق كىشىلەر بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن، روھقا ئىگە بولمىغان ئادەملەردۇر. 19
لېكىن سىلەر، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنى ئۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇرۇپ چىقىڭلار، مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ، 20
ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىكىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار. (aiōnios g166) 21
ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار؛ 22
بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار. 23
ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر 24
خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن! (aiōn g165) 25

< يەھۇدا 1 >