< يەشۇئا 1 >

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ خىزمەتكارى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن قوزغىلىپ، بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مەن ئۇلارغا، يەنى ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگىن. 2
مەن مۇساغا ئېيتقىنىمدەك، پۇتۇڭلارنىڭ تاپىنى قەيەرگە تەگكەن بولسا، شۇ جاينى سىلەرگە بەردىم؛ 3
چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ لىۋانغىچە، ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئەفرات دەرياسىدىن كۈن پېتىشتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ. 4
سېنىڭ بارلىق ھايات كۈنلىرىڭدە ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ. مەن ئۆزۈم مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. 5
سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى سەن بۇ خەلقنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا مىراسخور قىلىپ ئىگىلىتىسەن. 6
مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ساڭا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەتئىي جۈرئەتلىك ۋە تولىمۇ قەيسەر بولغىن؛ سەن قەيەرگىلا بارساڭ ئىشلىرىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يا ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمە؛ 7
بۇ قانۇن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى قىلماي، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز زىكىر قىلىپ ئويلا؛ شۇنداق قىلساڭ يوللىرىڭدا غەلىبىلىك بولۇپ، ئۆزۈڭ روناق تاپىسەن. 8
مانا ساڭا: ــ جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر. 9
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا خەلقنىڭ باشلىرىغا بۇيرۇپ: ــ 10
سىلەر چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ خەلققە: ــ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييار قىلىڭلار، چۈنكى ئۈچ كۈن توشقاندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن كىرىسىلەر، ــ دەڭلار، دېدى. 11
يەشۇئا رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە سۆز قىلىپ: ــ 12
خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاراملىق ئاتا قىلىپ بۇ زېمىننى سىلەرگە بەرگەن، دەپ ئېيتقىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 13
خوتۇن بالا-چاقاڭلار ۋە چارپايلىرىڭلار مۇسا ئۆزى سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى زېمىندا قالسۇن، لېكىن ئاراڭلاردا قانچىلىك باتۇر پالۋان بولساڭلار، سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا سەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ جەڭ قىلىڭلار؛ تاكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرگە ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش ئارام ئاتا قىلىپ، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۇ ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەتگۈچە شۇنداق قىلىڭلار. ئاندىن سىلەر تەۋەلىكىڭلار بولغان زېمىننى، يەنى خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسا سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى بۇ زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. 14
15
ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزگە ئەمر قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز، سەن بىزنى قەيەرگە ئەۋەتسەڭ، شۇ يەرگە بارىمىز. 16
بىز ھەممە ئىشتا مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىنىمىزدەك ساڭا قۇلاق سالىمىز؛ بىردىنبىر تىلىكىمىز، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولغاي! 17
كىمكى سېنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سەن بىزگە بۇيرۇغان ھەرقانداق سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۆلتۈرۈلىدۇ! سەن پەقەتلا جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، ــ دېدى. 18

< يەشۇئا 1 >