< يەشۇئا 9 >

ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى، يەنى تاغلىق رايوندىكى، شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى، ئۇلۇغ دېڭىز بويىدىكى، لىۋاننىڭ ئۇدۇلىغىچە سوزۇلغان بارلىق يۇرتلاردىكى پادىشاھلار ۋە شۇنىڭدەك ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنىڭ پادىشاھلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندا، 1
ھەممىسى بىر بولۇپ يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلغىلى ئىتتىپاقلاشتى. 2
ئەمما گىبېئون ئاھالىلىرى يەشۇئانىڭ يېرىخو بىلەن ئايىغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا، 3
ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنى [ئۇزۇن] سەپەردە بولغاندەك كۆرسىتىپ، ئېشەكلەرگە كونا تاغار-خۇرجۇن بىلەن كونا، يىرتىق-ياماق شاراب تۇلۇملىرىنى ئارتىپ، 4
پۇتلىرىغا ياماق چۈشكەن كونا كەشلەرنى كىيىپ، كونا جۇل-جۇل ئېگىنلەرنى ئۈستىگە ئورىغان ئىدى؛ ئۇلار سەپەرگە ئالغان نانلارنىڭ ھەممىسى پاختىلىشىپ قۇرۇپ كەتكەنىدى. 5
ئۇلار گىلگال چېدىرگاھىغا بېرىپ يەشۇئانىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا: ــ بىز يىراق يۇرتتىن كەلدۇق؛ بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭلار، دېدى. 6
لېكىن ئىسرائىللار ھىۋىيلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرلىكلەر بولۇشۇڭلار مۇمكىن؛ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ ئەھدە تۈزىمىز؟ ــ دېدى. 7
ئۇلار يەشۇئاغا: ــ بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز، دېدى. يەشۇئا ئۇلاردىن: ــ سىلەر كىم، قەيەردىن كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 8
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ قۇللىرىڭ بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى يىراق يۇرتتىن كەلدى. چۈنكى بىز ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى ۋە ئۇنىڭ مىسىردا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى، 9
شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىئورداننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن ئاشتاروتتا تۇرۇقلۇق باشاننىڭ پادىشاھى ئوگقا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىدۇق. 10
شۇڭا ئاقساقاللىرىمىز بىلەن يۇرتتا تۇرغۇچى ھەممە خەلق بىزگە سۆز قىلىپ: ــ قولۇڭلارغا سەپەرگە لازىملىق ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ، بېرىپ ئىسرائىللار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا: «بىز سىلەرنىڭ قۇللۇقۇڭلاردا بولىمىز؛ شۇڭا بىز بىلەن ئەھدە تۈزۈڭلار»، دەڭلار، دەپ بىزنى ئەۋەتتى. 11
سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قاراپ يولغا چىققان كۈنىدە بىز سەپىرىمىز ئۈچۈن ئۆيىمىزدىن ئالغان نان ئىسسىق ئىدى، مانا ھازىر ئۇ قۇرۇپ، پاختىلىشىپ كېتىپتۇ. 12
بۇ شاراب تۇلۇملىرى بولسا شاراب قاچىلىغاندا يېڭى ئىدى، مانا ئەمدى يىرتىلىپ كېتىپتۇ. بىز كىيگەن بۇ كىيىملەر ۋە كەشلەر سەپەرنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلۇقىدىن كونىراپ كەتتى، ــ دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىدىن ئازراق ئالدى، لېكىن پەرۋەردىگاردىن يول سورىمىدى. 14
شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇلارنى تىرىك قويۇشقا ئۇلار بىلەن ئەھد باغلىدى؛ جامائەت ئەمىرلىرىمۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ بەردى. 15
ئۇلار ئەھدە باغلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى ئۇلارغا مەلۇم بولدى. 16
ئىسرائىللار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى گىبېئون، كەفىراھ، بەئەروت بىلەن كىرىئات-يېئارىم ئىدى. 17
جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى ئىلگىرى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قەسەم قىلغان بولغاچقا، ئىسرائىللار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جامائەت ئەمىرلەر ئۈستىدىن غوتۇلداشقىلى تۇردى. 18
لېكىن ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بىز ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ [نامى] بىلەن قەسەم قىلىپ بەرگەچكە، ئۇلارغا قول تەگكۈزەلمەيمىز. 19
بىز ئۇلارغا قىلغان قەسەمىمىز تۈپەيلىدىن، ئۈستىمىزگە غەزەپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇشمىز كېرەك؛ ئۇلارغا شۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ، دېدى. 20
ئاندىن ئەمىرلەر جامائەتكە يەنە: ــ ئۇلارنى تىرىك قويۇڭلار؛ ھالبۇكى، ئۇلار پۈتكۈل جامائەت ئۈچۈن ئوتۇن يارغۇچى ۋە سۇ توشۇغۇچىلار بولىدۇ، دېدى. بۇ ئىش ئەمىرلەر جامائەتكە دېگەندەك بولدى. 21
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا ئۇلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئارىمىزدىكى يەرلىكلەر تۇرۇپ، نېمىشقا بىز يىراقتىن كەلدۇق، دەپ بىزنى ئالدىدىڭلار؟ 22
بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئەمدى لەنەتكە قېلىپ، ئاراڭلاردا خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئوتۇن يارىدىغان ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولۇشتىن بىرەر ئادەممۇ مۇستەسنا بولمايدۇ، ــ دېدى. 23
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا ئەمر قىلىپ، بارلىق زېمىننى سىلەرگە بېرىشكە، شۇنداقلا زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىشقا ۋەدە قىلغانلىقى قۇللىرىڭ بولغان پېقىرلارغا ئېنىق مەلۇم قىلىندى؛ شۇڭا بىز سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن جېنىمىزدىن جەزمەن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ۋەھىمىگە چۈشۈپ، بۇ ئىشنى قىلىپ سالدۇق. 24
ئەمدى بىز قولۇڭغا چۈشتۇق؛ نەزىرىڭگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. 25
يەشۇئا ئەنە شۇنداق قىلىش بىلەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. 26
لېكىن شۇ كۈنى يەشۇئا پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا جامائەت ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوتۇن يارغۇچىلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلار دەپ بېكىتتى. ئۇلار بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق قىلىپ كەلمەكتە. 27

< يەشۇئا 9 >