< يەشۇئا 6 >

يېرىخو سېپىلىنىڭ قوۋۇق-دەرۋازىلىرى ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن مەھكەم ئېتىلىپ، ھېچكىم چىقالمايتتى، ھېچكىم كىرەلمەيتتى. 1
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ مانا، مەن يېرىخو شەھىرىنى، پادىشاھىنى ھەمدە باتۇر جەڭچىلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم. 2
ئەمدى سىلەر، يەنى بارلىق جەڭچىلەر شەھەرنى بىر قېتىم ئايلىنىپ مېڭىڭلار؛ ئالتە كۈنگىچە ھەر كۈنى شۇنداق قىلىڭلار. 3
ھەمدە يەتتە كاھىن ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قوچقار مۈڭگۈزىدىن ئېتىلگەن يەتتە بۇرغىنى كۆتۈرۈپ ماڭسۇن؛ يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە سىلەر شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلىنىسىلەر؛ كاھىنلار بۇرغىلارنى چالسۇن. 4
شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قوچقار بۇرغىلىرى بىلەن سوزۇپ بىر ئاۋاز چىقارغىنىدا، بارلىق كىشىلەر بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قاتتىق تەنتەنە قىلىپ توۋلىسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ سېپىللىرى تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ھەربىر ئادەم ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپ كىرىدۇ، ــ دېدى. 5
شۇنىڭ بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىڭلار؛ يەتتە كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭسۇن، دېدى. 6
ئۇ خەلققە: ــ چىقىپ شەھەرنى ئايلىنىڭلار؛ قوراللىق لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، دېدى. 7
يەشۇئا بۇنى خەلققە بۇيرۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئالدىغا مېڭىپ بۇرغىلارنى چالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئېلىپ مېڭىلدى. 8
قوراللىق لەشكەرلەر بۇرغا چېلىۋاتقان كاھىنلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئارقىدىن قوغدىغۇچى قوشۇن ئەگىشىپ ماڭدى. كاھىنلار ماڭغاچ بۇرغا چالاتتى. 9
يەشۇئا خەلققە بۇيرۇپ: ــ مەن سىلەرگە: «توۋلاڭلار» دېمىگۈچە نە توۋلىماڭلار، نە ئاۋازىڭلارنى چىقارماڭلار، نە ئاغزىڭلاردىن ھېچبىر سۆزمۇ چىقمىسۇن؛ لېكىن سىلەرگە «توۋلاڭلار» دېگەن كۈنىدە، شۇ چاغدا توۋلاڭلار، ــ دېگەنىدى. 10
شۇ تەرىقىدە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنى بىر ئايلاندى. خالايىق چېدىرگاھقا قايتىپ كېلىپ، چېدىرگاھدا قوندى. 11
ئەتىسى يەشۇئا تاڭ سەھەردە قوپتى، كاھىنلارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەنە كۆتۈردى؛ 12
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئالدىغا مېڭىپ توختىماي چېلىپ ماڭاتتى؛ [كاھىنلار] ماڭغاچ بۇرغا چالغاندا، قوراللىق لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، ئارقىدىن قوغدىغۇچى قوشۇن ئەگىشىپ ماڭدى. 13
ئىككىنچى كۈنىمۇ ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ، يەنە چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. ئۇلار ئالتە كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ تۇردى. 14
يەتتىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ئوخشاش ھالەتتە يەتتە قېتىم شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلاندى؛ پەقەت شۇ كۈنىلا ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى يەتتە قېتىم ئايلاندى. 15
يەتتىنچى قېتىم ئايلىنىپ بولۇپ، كاھىنلار بۇرغا چالغاندا يەشۇئا خەلققە: ــ ئەمدى توۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى! 16
لېكىن شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغانلىقى ئۈچۈن [سىلەرگە] «ھارام»دۇر؛ پەقەت پاھىشە ئايال راھاب بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆيىدىكىلەرلا ئامان قالسۇن؛ چۈنكى ئۇ بىز ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. 17
لېكىن سىلەر قانداقلا بولمىسۇن «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئۆزۈڭلارنى تارتىڭلار؛ بولمىسا، «ھارام» قىلىنغان نەرسىلەردىن ئېلىشىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھارام قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىمۇ ھارام قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىسىلەر. 18
ئەمما بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان نەرسىلەر بولسا پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنسۇن؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە كىرگۈزۇلسۇن، ــ دېدى. 19
شۇنىڭ بىلەن خەلق توۋلىشىپ، كاھىنلار بۇرغا چالدى. شۇنداق بولدىكى، خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا ئىنتايىن قاتتىق توۋلىۋىدى، سېپىل تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى؛ خەلق ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ئاتلىنىپ كىرىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلدى. 20
ئۇلار ئەر-ئايال بولسۇن، قېرى-ياش بولسۇن، قوي-كالا ۋە ئېشەكلەر بولسۇن شەھەر ئىچىدىكى ھەممىنى قىلىچلاپ يوقاتتى. 21
يەشۇئا ئۇ زېمىننى چارلاپ كەلگەن ئىككى ئادەمگە: ــ سىلەر ئۇ پاھىشە خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلار بويىچە ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىڭلار، دېدى. 22
شۇنىڭ بىلەن ئىككى چارلىغۇچى ياش يىگىت كىرىپ، راھابنى ئاتا-ئانىسى بىلەن قېرىنداشلىرىغا قوشۇپ ھەممە نەرسىلىرى بىلەن ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. 23
خالايىق شەھەرنى ۋە شەھەر ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يىغىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى. 24
لېكىن يەشۇئا پاھىشە ئايال راھابنى، ئاتا جەمەتىدىكىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىرىك ساقلاپ قالدى؛ ئۇ بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەشۇئا يېرىخونى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. 25
ئۇ چاغدا يەشۇئا ئاگاھ-بېشارەت بېرىپ: ــ بۇ يېرىخو شەھىرىنى قايتىدىن ياساشقا قوپقان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قارغىش ئاستىدا بولىدۇ؛ ئۇ شەھەرنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ، شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان چاغدا كىچىك ئوغلىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، ــ دېدى. 26
پەرۋەردىگار يەشۇئا بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى پۈتكۈل زېمىنغا كەڭ تارقالدى. 27

< يەشۇئا 6 >