< يەشۇئا 5 >

شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى بىلەن دېڭىزنىڭ يېنىدىكى قانائانىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار ئۆتۈپ كەتكۈچە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئىئوردان سۇلىرىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگىنىنى ئاڭلىغاندا، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ روھى چىقاي دەپ قالدى. 1
When all the kings of the Amorites, who were beyond the Jordan westward, and all the kings of the Canaanites, who were by the sea, heard how the LORD had dried up the waters of the Jordan from before the children of Israel until we had crossed over, their heart melted, and there was no more spirit in them, because of the children of Israel.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ سەن چاقماق تاشلىرىدىن پىچاقلارنى ياساپ، ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم خەتنە قىلغىن، دېدى. 2
At that time, the LORD said to Joshua, “Make flint knives, and circumcise again the sons of Israel the second time.”
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا چاقماق تاشلىرىدىن پىچاقلارنى ياساپ، ئىسرائىللارنى «خەتنىلىك دۆڭلۈكى»دە خەتنە قىلدى. 3
Joshua made himself flint knives, and circumcised the sons of Israel at the hill of the foreskins.
يەشۇئانىڭ ئۇلارنى خەتنە قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، مىسىردىن چىققان جەڭگە يارىغۇدەك ھەممە ئەركەكلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ يولىدا ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى. 4
This is the reason Joshua circumcised them: all the people who came out of Egypt, who were males, even all the men of war, died in the wilderness along the way, after they came out of Egypt.
چۈنكى مىسىردىن چىققان بارلىق خەلق خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مىسىردىن چىقىپ چۆللۈكنىڭ يولىدا يۈرگەن ۋاقىتتا ئىسرائىل ئارىسىدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنىسىز قالغانىدى؛ 5
For all the people who came out were circumcised; but all the people who were born in the wilderness along the way as they came out of Egypt had not been circumcised.
چۈنكى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغان، مىسىردىن چىققان خەلق ئىچىدىكى جەڭگە يارىغۇدەك بارلىق ئەركەكلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئىسرائىللار قىرىق يىل چۆلدە يۈرگەنىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ سىلەرنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىننى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتنى كۆرگۈچىلەر قىلمايمەن، دەپ قەسەم قىلغانىدى. 6
For the children of Israel walked forty years in the wilderness until all the nation, even the men of war who came out of Egypt, were consumed, because they didn’t listen to the LORD’s voice. The LORD swore to them that he wouldn’t let them see the land which the LORD swore to their fathers that he would give us, a land flowing with milk and honey.
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىنى باستۇرغان ئەۋلادلىرى بولسا، يولدا خەتنە قىلىنمىغاچقا، يەشۇئا ئۆزى ئۇلارنى خەتنە قىلدى. 7
Their children, whom he raised up in their place, were circumcised by Joshua, for they were uncircumcised, because they had not circumcised them on the way.
بارلىق خەلق خەتنە قىلىنىپ، ساقايغۇچىلىك چېدىرلىرىدا، ئۆز ئورۇنلىرىدىن چىقماي تۇردى. 8
When they were done circumcising the whole nation, they stayed in their places in the camp until they were healed.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ بۈگۈن مەن مىسىرنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۈستۈڭلاردىن يۇمىلىتىۋەتتىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جايغا «گىلگال» دەپ نام قويۇلۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا. 9
The LORD said to Joshua, “Today I have rolled away the reproach of Egypt from you.” Therefore the name of that place was called Gilgal to this day.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىلگالدا چېدىر تىكىپ تۇردى. بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشىمى يېرىخو دىيارىنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى. 10
The children of Israel encamped in Gilgal. They kept the Passover on the fourteenth day of the month at evening in the plains of Jericho.
«ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ ئەتىسى ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېدى، جۈملىدىن شۇ كۈنى پېتىر نانلارنى ۋە قوماچلارنى يېدى. 11
They ate unleavened cakes and parched grain of the produce of the land on the next day after the Passover, in the same day.
ئۇلار شۇ زېمىننىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېگەندىن كېيىن، ئەتىسى «ماننا»نىڭ چۈشۈشى توختىدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللارغا ھېچ ماننا بولمىدى؛ شۇ يىلدا ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن يېدى. 12
The manna ceased on the next day, after they had eaten of the produce of the land. The children of Israel didn’t have manna any more, but they ate of the fruit of the land of Canaan that year.
ئەمما يەشۇئا يېرىخوغا يېقىن كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئالدىدا سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتۇپ تۇرغان بىر ئادەم تۇراتتى. يەشۇئا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سەن بىز تەرەپتىمۇ، ياكى دۈشمەنلىرىمىز تەرەپتىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 13
When Joshua was by Jericho, he lifted up his eyes and looked, and behold, a man stood in front of him with his sword drawn in his hand. Joshua went to him and said to him, “Are you for us, or for our enemies?”
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى بولۇپ كەلدىم» ــ دېدى. يەشۇئا يەرگە دۈم يىقىلىپ سەجدە قىلىپ ئۇنىڭغا: ــ رەببىمنىڭ قۇلىغا نېمە تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟ دەپ سورىدى. 14
He said, “No; but I have come now as commander of the LORD’s army.” Joshua fell on his face to the earth, and worshipped, and asked him, “What does my lord say to his servant?”
پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەشۇئاغا: ــ پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سالغىن، چۈنكى سەن تۇرغان يەر مۇقەددەس جايدۇر، دېۋىدى، يەشۇئا شۇنداق قىلدى. 15
The prince of the LORD’s army said to Joshua, “Take off your sandals, for the place on which you stand is holy.” Joshua did so.

< يەشۇئا 5 >