< يەشۇئا 4 >

پۈتكۈل خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ 1
خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللىغىن، ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم بولسۇن، 2
ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مەزمۇت تۇرغان جايدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۆزۈڭلار بۈگۈن كېچە بارگاھ تىكىدىغان يەرگە قويۇڭلار، دېگىن، دېدى. 3
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىدىن تاللىغان ئون ئىككى كىشىنى چاقىردى؛ 4
ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانىغا ماس ھالدا بىردىن تاشنى ئېلىپ مۈرەڭلەرگە قويۇڭلار. 5
چۈنكى بۇ ئاراڭلاردا بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ؛ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار: ــ بۇ تاشلارنىڭ سىلەرگە نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ــ دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇلارغا: ــ 6
ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ قويۇلدى؛ [ئەھدە ساندۇقى] ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى ئۈزۈپ قويۇلدى؛ شۇڭا بۇ تاشلار ئىسرائىللارغا مەڭگۈلۈك بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر. 7
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار يەشۇئا ئۇلارغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا مۇۋاپىق ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، قونىدىغان جايغا كۆتۈرۈپ بېرىپ، شۇ يەردە قويۇپ قويدى. 8
بۇنىڭدىن باشقا يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مۇستەھكەم تۇرغان جايدا ئون ئىككى تاشنى تىكلەپ قويدى. بۇ تاشلار بولسا بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ. 9
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا خەلققە ئېيتىشقا تاپىلىغان بارلىق ئىشلار ئورۇنلانغۇچىلىك، يەنى مۇسا ئەسلىدە يەشۇئاغا بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسى بەجا كەلتۈرۈلگۈچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. خەلق شۇ يەردىن تېزدىن ئۆتۈۋاتاتتى. 10
شۇنداق بولدىكى، بارلىق خەلق تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ [ئەھدە] ساندۇقى بىلەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. 11
رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرمۇ مۇسانىڭ ئۇلارغا بۇيرۇغىنىدەك سەپتە تۈزۈپ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتتى. 12
جەمئىي بولۇپ قىرىق مىڭچە قوراللانغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، يېرىخو تۈزلەڭلىكلىرىگە كېلىپ، جەڭ قىلىشقا تەييار تۇردى. 13
ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار يەشۇئانى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە مۇسادىن قورققاندەك ئۇنىڭدىنمۇ قورقتى. 14
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ 15
ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. 16
شۇڭا يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 17
شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، پۇتلىرىنىڭ تاپىنى قۇرۇقلۇقنى دەسسىشى بىلەنلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى يەنە ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىپ، ئاۋۋالقىدەك ئىككى قىرغىقىغىچە تېشىپ ئېقىشقا باشلىدى. 18
خەلق بولسا بىرىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يېرىخونىڭ شەرقىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىكى گىلگالغا كېلىپ چېدىرگاھ تىكتى. 19
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئالغاچ كەلگەن ئون ئىككى تاشنى بولسا، يەشۇئا ئۇلارنى گىلگالدا تىكلەپ قويدى؛ 20
ئاندىن ئىسرائىللارغا: ــ كېيىن بالىلىرىڭلار ئۆز ئاتىلىرىدىن: ــ بۇ تاشلارنىڭ ئەھمىيىتى نېمە، دەپ سورىسا، 21
سىلەر بالىلىرىڭلارغا مۇنداق ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار: ــ «ئىسرائىل ئىلگىرى قۇرۇق يەرنى دەسسەپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەنىدى؛ 22
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئالدىمىزدا ئۇنىڭ سۇلىرىنى قۇرۇتۇپ بەرگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۆتكۈچە ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ بەردى؛ 23
يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ قولىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بىلسۇن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن ھەمىشە قورقۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلدى» ــ دېدى. 24

< يەشۇئا 4 >