< يەشۇئا 23 >

پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام بېرىپ ئۇزۇن زامانلار ئۆتۈپ، شۇنداقلا يەشۇئا قېرىپ، يېشىمۇ چوڭىيىپ قالغاندا، 1
يەشۇئا پۈتكۈل ئىسرائىلنى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشلىقلىرى، ھاكىم-سوراقچىلىرى بىلەن بەگ-ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «مەن قېرىپ قالدىم، يېشىممۇ چوڭىيىپ قالدى. 2
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مۇشۇ يەردىكى بارلىق تائىپىلەرگە قانداق ئىشلارنى قىلغىنىنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار؛ چۈنكى سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر. 3
مانا، مەن ئۆزۈم يوقاتقان ھەممە ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى بىلەن قالغان بۇ تائىپىلەرنىڭ زېمىنلىرىنى قوشۇپ قەبىلە-جەمەتىڭلار بويىچە چەك تاشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ كۈن پېتىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ دېڭىزغىچە، سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بەردىم. 4
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، كۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىسىلەر. 5
شۇڭا سىلەر تولىمۇ قەيسەر بولۇپ مۇسانىڭ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ 6
شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردا قېلىپ قالغان بۇ تائىپىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئالماڭلار ياكى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار؛ ئۇلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇلارغا باش ئۇرماڭلار؛ 7
بەلكى بۈگۈنگىچە قىلغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا باغلىنىپ تۇرۇڭلار. 8
چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردىن چوڭ-چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندۇر؛ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئادەم ئالدىڭلاردا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. 9
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنى بويىچە سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغىنى ئۈچۈن سىلەردىن بىر ئادىمىڭلار ئۇلارنىڭ مىڭ ئادىمىنى تىرىپىرەن قىلىدۇ. 10
شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلۈڭلارغا قاتتىق سەگەك بولۇڭلار! 11
چۈنكى ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئاراڭلاردا قالغان بۇ ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ-باغلىنىپ، ئۇلار بىلەن قودا-باجا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلساڭلار، 12
ئۇنداقتا سىلەرگە شۇ ئىش ئايان بولسۇنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىڭلاردىن بۇ ئەللەرنى ئىككىنچى قوغلاپ چىقارمايدۇ، بەلكى بۇلار سىلەرگە قاپقان ۋە قىلتاق بولۇپ، بىقىنىڭلارغا قامچا بولۇپ چۈشۈپ، كۆزۈڭلەرگە تىكەن بولۇپ سانجىلىدۇ؛ ئاخىردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن بۇ ياخشى زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ يوقىلىسىلەر. 13
مانا، مەن بۈگۈن بارلىق ئادەملەر مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولنى ماڭىمەن؛ سىلەرنىڭ پۈتۈن دىلىڭلار ۋە ۋۇجۇدۇڭلارغا شۇ روشەنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر توغرۇلۇق قىلغان مۇبارەك ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمىدى؛ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن بەجا كەلتۈرۈلۈپ، ھېچقايسىسى يەردە قالمىدى. 14
لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلىپ توختاتقان ئەھدىسىنى بۇزغاندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلغان ھەممە بەرىكەت ئۈستۈڭلەرگە چۈشۈرۈلگەندەك، شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن زېمىندىن يوقاتقۇچە بارلىق ئاگاھ قىلغان ئىشنى چۈشۈرىدۇ؛ سىلەر بېرىپ، [ئۇنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇپ] باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ باش ئۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە تۇتىشىپ، سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن ياخشى زېمىندىن تېزلا يوق قىلىدۇ». 15

< يەشۇئا 23 >