< يەشۇئا 21 >

ئۇ ۋاقىتتا لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، 1
قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدا ئۇلارغا: ــ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پەرۋەردىگار بىز توغرۇلۇق: «ئۇلارغا تۇرۇشقا شەھەرلەرنى، ماللىرى ئۈچۈن يايلاقلارنى قوشۇپ بەرگىن»، دەپ ئېيتقان، دېدى. 2
شۇنى دېۋىدى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز مىراس ئۈلۈشلىرىدىن مۇنۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلارنى قوشۇپ لاۋىيلارغا بەردى: ــ 3
بىرىنچى تاشلانغان چەك كوھات جەمەتلىرىگە چىقتى؛ چەك تاشلىنىپ، لاۋىيلار ئىچىدىكى كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا قەبىلىسى، شىمېئون قەبىلىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى؛ 4
ئاندىن كوھاتنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئەفرائىم قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون شەھەر بېكىتىلدى. 5
گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئىسساكار قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھنىڭ يەنە بىر يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى. 6
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ، رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئىككى شەھەر بېكىتىلدى. 7
بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار چەك تاشلاپ بۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ، لاۋىيلارغا بەردى. 8
ئۇلار يەھۇدانىڭ قەبىلىسى بىلەن شىمېئوننىڭ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندە تىزىملانغان مۇنۇ شەھەرلەرنى بەردى: ــ 9
(چەك تاشلانغاندا، لاۋىيلارنىڭ نەسلى بولغان كوھاتلار جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى چەك چىققاچقا مۇنۇ شەھەرلەر بېرىلدى): ــ 10
ئۇلارغا يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدىكى كىرىئات-ئاربا (ئاربا ئاناكنىڭ ئاتىسى ئىدى)، يەنى ھېبرون بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى قوشۇپ بەردى. 11
لېكىن شەھەرگە تەۋە ئېتىزلار بىلەن كەنت-قىشلاقلارنى يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە مىراس قىلىپ بەردى. 12
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھارۇن كاھىننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر ھېبرون ۋە يايلاقلىرىنى، يەنە ئۇلارغا لىبناھ بىلەن يايلاقلىرىنى، 13
ياتتىر بىلەن يايلاقلىرىنى، ئەشتەموئا بىلەن يايلاقلىرىنى، 14
ھولون بىلەن يايلاقلىرىنى، دەبىر بىلەن يايلاقلىرىنى، 15
ئايىن بىلەن يايلاقلىرىنى، يۇتتاھ بىلەن يايلاقلىرىنى، بەيت-شەمەش بىلەن يايلاقلىرىنى بەردى؛ بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن جەمئىي توققۇز شەھەرنى بەردى. 16
مۇندىن باشقا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىبېئون بىلەن يايلاقلىرىنى، گېبا بىلەن يايلاقلىرىنى، 17
ئاناتوت بىلەن يايلاقلىرىنى، ئالمون بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ جەمئىي تۆت شەھەر بەردى. 18
بۇ تەرىقىدە كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. 19
ئۇلار يەنە لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگىمۇ شەھەرلەرنى بەردى. چەك تاشلاش بىلەن ئۇلارغا بېكىتىلگەن شەھەرلەر مۇنۇلار: ــ ئۇلارغا ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن 20
ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە گەزەر بىلەن يايلاقلىرى، 21
كىبزائىم بىلەن يايلاقلىرى ۋە بەيت-ھورون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛ 22
بۇنىڭدىن باشقا دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئەلتەكەھ بىلەن يايلاقلىرى، گىببېتون بىلەن يايلاقلىرى، 23
ئايجالون بىلەن يايلاقلىرى ۋە گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. 24
بۇنىڭدىن باشقا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تائاناق بىلەن يايلاقلىرى، گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى. 25
بۇ تەرىقىدە كوھاتلارنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بېرىلگەن شەھەرلەر ئون بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. 26
لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان گەرشونلارغا بولسا ئۇلار ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر باشاندىكى گولان بىلەن يايلاقلىرىنى، شۇنداقلا بەئەشتېراھ بىلەن يايلاقلىرىنى، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى؛ 27
يەنە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن كىشىئون بىلەن يايلاقلىرى، دابىرات بىلەن يايلاقلىرى، 28
يارمۇت بىلەن يايلاقلىرى ۋە ئەن-گاننىم بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛ 29
بۇنىڭدىن باشقا ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن مىشال بىلەن يايلاقلىرى، ئابدون بىلەن يايلاقلىرى، 30
ھەلكات بىلەن يايلاقلىرى ۋە رەھوب بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي بولۇپ تۆت شەھەرنى بەردى؛ 31
بۇنىڭدىن باشقا نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گالىلىيەدىكى كەدەش بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ھامموت-دور بىلەن يايلاقلىرى ۋە كارتان بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بولۇپ، جەمىئىي ئۈچ شەھەرنى بەردى. 32
بۇ تەرىقىدە گەرشونلارغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. 33
قالغان لاۋىيلارغا، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن يوكنېئام بىلەن يايلاقلىرى، كارتاھ بىلەن يايلاقلىرى، 34
دىمناھ بىلەن يايلاقلىرى ۋە ناھالال بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. 35
بۇنىڭدىن باشقا رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن بەزەر بىلەن يايلاقلىرى، ياھاز بىلەن يايلاقلىرى، 36
كەدەموت بىلەن يايلاقلىرى ۋە مەفائات بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. 37
بۇنىڭدىن باشقا گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گىلېئادتىكى راموت بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ماھانايىم بىلەن يايلاقلىرى، 38
ھەشبون بىلەن يايلاقلىرى ۋە جائازەر بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. 39
بۇلار بولسا قالغان لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە بېرىلگەن بارلىق شەھەرلەردۇر؛ ئۇلارغا چەك تاشلىنىش بىلەن بېرىلگەن ئۈلۈشى ئون ئىككى شەھەر ئىدى. 40
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىن لاۋىيلارغا بېكىتىپ بېرىلگەن شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز ئىدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. 41
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەتراپىدا يايلاقلىرى بار ئىدى؛ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى. 42
پەرۋەردىگار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا بەردى؛ ئۇلار كېلىپ ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. 43
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇلارغا ھەر ئەتراپىدا تىنچ-ئاراملىق بەردى؛ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېچقاندىقى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرالمايتتى؛ بەلكى پەرۋەردىگار ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 44
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىگە ۋەدە قىلغان ھىممەتلىرىدىن ھېچبىرى قالدۇرۇلماي ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 45

< يەشۇئا 21 >