< يەشۇئا 20 >

پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئۆزۈم مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن «پاناھلىق شەھەرلەر»نى تاللاپ بېكىتىڭلار؛ 2
بىلمەي، تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەرقانداق كىشى ئۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كەتسۇن. بۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە قان ئىنتىقامىنى ئالغۇچىدىن پاناھگاھ بولىدۇ. 3
[ئادەمنى شۇنداق ئۆلتۈرگەن] كىشى بۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ قوۋۇقىغا كېلىپ، شۇ يەردە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتسۇن؛ ئۇلار ئۇنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ شەھەرگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىغا ئۇنىڭغا جاي بەرسۇن. 4
ئەمدى قان قىساسىنى ئالغۇچى ئۇنى قوغلاپ كەلسە، ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسۇن؛ چۈنكى شۇ كىشىنىڭ بۇرۇندىن ئۆز قوشنىسىغا ھېچ ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان، بەلكى تاسادىپىي ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. 5
[ئادەم ئۆلتۈرگەن] كىشى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنغۇچە شۇ شەھەردە تۇرسۇن؛ ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ شۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئۆز شەھىرىگە، يەنى قېچىپ چىققان شەھەردىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلسۇن. 6
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نافتالى تاغلىق يۇرتىدىكى كەدەشنى، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى شەكەمنى ۋە يەھۇدانىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننى، 7
يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۈزلەڭلىكنىڭ چۆلىدىكى بەزەرنى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموتنى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاننى تاللاپ بېكىتتى. 8
مانا بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھگاھ بولۇشقا بىكىتىلگەن شەھەرلەردۇر؛ كىمكى بىلمەي، تاسادىپىلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشىدىن بۇرۇن، قان قىساسكارنىڭ قولىدا ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كېتىشكە بۇ شەھەرلەر بېكىتىلگەن. 9

< يەشۇئا 20 >