< يەشۇئا 19 >

ئىككىنچى چەك شىمېئونغا چىقتى، يەنى شىمېئونلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى بولسا يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئارىسىدا ئىدى. 1
ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مىراسى ئىچىدە بەئەر-شېبا، شېبا، مولاداھ، 2
ھازار-شۇئال، بالاھ، ئېزەم، 3
ئەلتولاد، بىتۇل، خورماھ، 4
زىكلاگ، بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇساھ، 5
بەيت-لىبائوت ۋە شارۇھەن بولۇپ، جەمئىي ئون ئۈچ شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 6
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايىن، رىممون، ئېتەر، ئاشان بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار 7
ھەمدە جەنۇب تەرەپتىكى بائالات-بەئەر (يەنى جەنۇبدىكى راماھ)غىچە بولغان بۇ [تۆت] شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇلار شىمېئونلار قەبىلىسىنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئېرىشكەن مىراسى ئىدى. 8
شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى يەھۇدالارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ بېرىلدى؛ چۇنكى يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۆزلىرىگە كۆپلۈك قىلغانىدى، شۇڭا شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۇلارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن بېرىلدى. 9
ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراس چېگرىسى سارىدقا باراتتى، 10
چېگرىسى غەرب تەرەپتە مارېئالاھقا بېرىپ داببەشەتكە يېتىپ يوكنېئامنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېقىنغا تۇتىشاتتى؛ 11
ئۇ سارىدتىن شەرق تەرىپىگە قايرىلىپ، كۈن چىقىشقا بۇرۇلۇپ كىسلوت-تابور يۇرتىغا تۇتىشىپ، دابىراتقا ئۆتۈپ، يافىياغا باردى؛ 12
ئاندىن شۇ يەردىن ئۇ شەرق تەرىپىگە كۈن چىقىشقا [يەنە] بۇرۇلۇپ، گات-ھەفەر ۋە ئەت-كازىنغا كېلىپ نېئاھقا سوزۇلغان رىممون يۇرتىغا يېتىپ باردى. 13
ئاندىن ئۇ يەردىن شىمال تەرەپكە قايرىلىپ، ھانناتونغا يېتىپ بېرىپ، يىفتاھ-ئەلنىڭ جىلغىسىدا ئاخىرلاشتى. 14
ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى يەنە كاتتات، ناھالال، شىمرون، يىدالاھ ۋە بەيت-لەھەمنىمۇ ئوراپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 15
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار زەبۇلۇنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 16
تۆتىنچى چەك ئىسساكارغا چىقتى، يەنى ئىسساكارلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ 17
ئۇلارغا بېرىلگەن يۇرتلار يىزرەئەلگىچە بولۇپ، كەسۇللوت، شۇنەم، 18
ھافارئايىم، شىئون، ئاناھارات، 19
راببىت، كىشىئون، ئېبەز، 20
رەمەت، ئەن-گاننىم، ئەن-ھادداھ ۋە بەيت-پاززەزنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ 21
ئاندىن چېگرىسى تابور، شاھازىماھ ۋە بەيت-شەمەشكە يېتىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلاشتى؛ ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 22
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىسساكارلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 23
بەشىنچى چەك ئاشىرلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ 24
ئۇلارنىڭ زېمىنى ھەلكات، ھالى، بەتەن، ئاقساف، 25
ئاللاممەلەك، ئامېئاد ۋە مىشالنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ چېگرىسى غەرب تەرەپتە كارمەل بىلەن شىھور-لىبناتقا تۇتىشىپ، 26
ئاندىن شەرق تەرەپكە قايرىلىپ بەيت-داگونغا بېرىپ، زەبۇلۇن [زېمىنى] بىلەن يىفتاھ-ئەل جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، بەيت-ئېمەك بىلەن نېئىئەلگە يېتىپ بېرىپ كابۇلنىڭ شىمال تەرىپىگە چىقتى؛ 27
ئېبرون، رەھوب، ھاممون ۋە كاناھنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ چوڭ زىدونغا يېتىپ باردى. 28
ئاندىن چېگرىسى راماھ تەرىپىگە قايرىلىپ، تۇر دېگەن مۇستەھكەم شەھىرگە بېرىپ، خوساھقا قايرىلىپ، ئاقزىب بىلەن ھەبەلگە تۇتاش بولغان دېڭىزدا ئاخىرلاشتى؛ 29
زېمىنى ئۇمماھ، ئافەك ۋە رەھوبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەمئىي يىگىرمە ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. 30
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئاشىرلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 31
ئالتىنچى چەك نافتالىغا چىقتى، يەنى نافتالىلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ 32
ئۇلارنىڭ چېگرىسى بولسا ھەلەفتىن چىقىپ، زائاناننىمدىكى دۇب دەرىخىدىن ئۆتۈپ، ئادامى-نەكەب ۋە يابنەئەلدىن چىقىپ، لاككۇمغا يېتىپ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ ئاخىرلاشتى. 33
ئاندىن غەرب تەرەپكە قايرىلىپ ئازنوت-تابورغا بېرىپ، شۇ يەردىن ھۇككوكقا چىقىپ، جەنۇبتا زەبۇلۇننىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا تۇتىشىپ، شىمالدا ئاشىرنىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا يېتىپ، كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدا، يەھۇدانىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا ئۇلاشتى. 34
نافتالىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى زىددىم، زەر، ھاممات، راككات، كىننەرەت، 35
ئاداماھ، راماھ، ھازور، 36
كەدەش، ئەدرەي، ئەن-ھازور، 37
يىرون، مىگدال-ئەل، ھورەم، بەيت-ئانات ۋە بەيت-شەمەشلەر بولۇپ، جەمئىي ئون توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 38
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار نافتالىلار قەبىلىسىنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 39
يەتتىنچى چەك دانلارنىڭ قەبىلىسىگە چىقتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى. 40
ئۇلارنىڭ مىراس زېمىنى بولسا زورېئاھ، ئەشتائول، ئىر-شەمەش، 41
شائالاببىن، ئايجالون، يىتلاھ، 42
ئېلون، تىمناتاھ، ئەكرون، 43
ئەل-تەكەھ، گىببېتون، بائالات، 44
يەھۇد، بەنە-باراك، گات-رىممون، 45
مە-ياركون، راككون ۋە يافونىڭ ئۇدۇلىدىكى يۇرتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 46
لېكىن دانلارنىڭ زېمىنى ئۆز قولىدىن كەتكەن بولغاچقا، دانلار چىقىپ لەشەمگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئاھالىسىنى قىلىچلاپ يوقىتىپ، ئۇ يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ماكانلاشتى؛ ئاندىن ئۇلار لەشەمگە ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ، ئۇنى دان دەپ ئاتىدى. 47
مانا بۇلار، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار دانلار قەبىلىسىگە، ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بېرىلگەنىدى. 48
بۇ تەرىقىدە [ئىسرائىللار] زېمىننى چېگرا-چېگرا بويىچە بۆلۈپ بولدى؛ ئاندىن ئۇلار نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ئۆز ئارىسىدىن مىراس بۆلۈپ بەردى. 49
پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يەشۇئا تىلىگىنىدەك ئۇنىڭغا ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىدىكى تىمنات-سېراھ دېگەن شەھەرنى بەردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ شەھەرنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدا تۇردى. 50
مانا بۇلار ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىلنىڭ قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ كاتتاباشلىرى بىر بولۇپ شىلوھدا، جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چەك تاشلاپ بۆلۈپ تەقسىم قىلغان مىراسلاردۇر. بۇ تەرىقىدە ئۇلار زېمىننىڭ تەقسىماتىنى تۈگەتتى. 51

< يەشۇئا 19 >