< يەشۇئا 18 >

پۈتكۈل ئىسرائىللار جامائىتى شىلوھقا يىغىلىپ، ئۇ يەردە ئىبادەت چېدىرى تىكتى. گەرچە زېمىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، 1
Toàn dân Ít-ra-ên họp nhau tại Si-lô, dựng Đền Tạm lên.
لېكىن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۆز مىراس ئۈلۈشى تېخى تەقسىم قىلىنمىغان يەتتە قەبىلە قالغانىدى. 2
Tuy đất đã chinh phục xong, nhưng vẫn còn bảy đại tộc chưa lãnh phần mình.
شۇڭا يەشۇئا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىننى قولۇڭلارغا ئېلىشقا سۇسلۇق قىلىپ قاچانغىچە كەينىگە سۈرىسىلەر؟ 3
Giô-suê hỏi họ: “Đến bao giờ anh em mới đi chiếm đất Chúa Hằng Hữu, Đức Chúa Trời của anh em cho?
سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەمنى تاللاڭلار؛ مەن ئۇلارنى قوزغىلىپ بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇنى ھەربىر قەبىلە ئۆز مىراس ئۈلۈشىگە مۇۋاپىق سىزىپ-خاتىرىلەشكە، ئاندىن قېشىمغا يېنىپ كېلىشكە ئەۋەتىمەن. 4
Bây giờ mỗi đại tộc hãy chọn cho tôi ba người. Họ có nhiệm vụ đi khắp đất còn lại, khảo sát địa hình rồi trở về đây trình báo với tôi.
ئۇلار زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلسۇن؛ لېكىن يەھۇدا قەبىلىسى بولسا جەنۇبتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىمۇ شىمال تەرەپتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن. 5
Họ phải chia đất này thành bảy phần dựa theo địa lý—Giu-đa vẫn tiếp tục ở phía nam, Giô-sép phía bắc.
سىلەر زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، پاسىلىنى خاتىرىلەپ سىزىپ يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن. 6
Và tôi sẽ bắt thăm cho bảy đại tộc trước mặt Chúa Hằng Hữu, Đức Chúa Trời của chúng ta.
ئەمما لاۋىيلارنىڭ بولسا، ئاراڭلاردا ئۈلۈشى بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىقى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. گاد بىلەن رۇبەن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، شەرق تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەن يەرلەرنى ئاللىقاچان ئالغاندۇر». 7
Người Lê-vi sẽ không có phần, vì phần của họ là tế lễ phụng sự Chúa Hằng Hữu. Đại tộc Gát, Ru-bên, và phân nửa đại tộc Ma-na-se đã được Môi-se, đầy tớ của Chúa, cấp đất ở phía đông Sông Giô-đan rồi.”
[زېمىننى خاتىرىلەشكە بېكىتكەن] كىشىلەر قوزغىلىپ يولغا چىققاندا، يەشۇئا ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ مېنىڭ قېشىمغا يېنىپ كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن مۇشۇ يەردە، شىلوھنىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن، دېدى. 8
Vậy, những người ấy phải đi khắp phần đất còn lại, vẽ bản đồ, đem về trình báo cho Giô-suê, và dựa vào đó ông sẽ bắt thăm chia cho các đại tộc trước mặt Chúa Hằng Hữu tại Si-lô.
شۇنداق دېۋىدى، بۇ ئادەملەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ، شەھەرلەر بويىچە يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، خاتىرىگە سىزىپ، شىلوھدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى. 9
Họ theo đúng chỉ thị, chia đất ra làm bảy phần, vẽ bản đồ của mỗi phần và các thành trong phần đất ấy, rồi trở về trại quân ở Si-lô phúc trình cho Giô-suê.
ئاندىن يەشۇئا شىلوھدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلىدى ۋە شۇ يەردە قەبىلە-جەمەتى بويىچە زېمىننى ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. 10
Tại Si-lô, Giô-suê bắt thăm chia đất cho bảy đại tộc trước mặt Chúa Hằng Hữu, kết quả như sau:
بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تارتىلدى؛ ئۇلار چەك ئارقىلىق ئېرىشكەن زېمىن يەھۇدالار بىلەن يۈسۈپلەرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىكى يۇرت بولدى. 11
Thăm thứ nhất chỉ định đất cho con cháu của đại tộc Bên-gia-min. Lô đất này nằm giữa đất của Giu-đa và Giô-sép.
ئۇلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلاپ، يېرىخونىڭ شىمال تەرىپىدىكى داۋاننى يانداپ، غەرب تەرىپىگە قاراپ تاغلىق يۇرتقا چىقىپ ۋە بەيت-ئاۋەننىڭ چۆلىگە تۇتىشاتتى؛ 12
Biên giới phía bắc chạy từ Sông Giô-đan lên phía bắc Giê-ri-cô rồi về phía tây qua miền đồi núi và hoang mạc Bết-a-ven.
ئاندىن لۇزغا چىقىپ، لۇز، يەنى بەيت-ئەلنىڭ جەنۇب تەرىپىنى يانداپ ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىدىكى تاغقا يېقىن ئاتاروت-ئاددارغا چۈشتى؛ 13
Từ đó biên giới chạy về phía nam đến Lu-xơ (tức Bê-tên) rồi tiếp tục xuống đến A-ta-rốt A-đa trên cao nguyên, phía nam Bết-hô-rôn hạ.
چېگرا شۇ يەردىن ئۆتۈپ غەربتىن جەنۇبقا قايرىلىپ، بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغدىن يەھۇدالارنىڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا تۇتاشتى. بۇ غەرب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى. 14
Biên giới đổi hướng chạy về phía tây nam qua hòn núi đối diện mặt nam Bết-hô-rôn, rồi chấm dứt ở Ki-ri-át Ba-anh tức Ki-ri-át Giê-a-rim của Giu-đa. Đó là biên giới phía tây.
جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى كىرىئات-يېئارىمنىڭ چېتىدىن باشلاپ غەرب تەرىپىگە مېڭىپ، نەفتوئاھتىكى سۇ مەنبەسىگە تۇتاشتى؛ 15
Biên giới phía nam chạy từ ngoại ô Ki-ri-át Giê-a-rim qua phía tây, thẳng đến suối Nép-thô-ách,
چېگرا ئاندىن رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئاندىن ھىننومنىڭ جىلغىسى بىلەن يەنە چۈشۈپ، يەبۇسىيلارنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن مېڭىپ، ئاندىن ئەن-روگەل بۇلىقىغا يەتتى؛ 16
xuống đến chân hòn núi cạnh thung lũng của con trai Hi-nôm, phía bắc thung lũng Rê-pha-im. Từ đó, biên giới chạy xuống thung lũng Hi-nôm, qua phía nam đất Giê-bu, rồi tiếp tục xuống đến Ên-rô-ghên.
ئاندىن شىمال تەرىپىگە قايرىلىپ ئەن-شەمەش بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، ئادۇللام داۋىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گەلىلوتقا بېرىپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىغا چۈشۈپ، 17
Biên giới chuyển lên hướng bắc đến Ên-sê-mết, qua Ghê-li-lốt ở ngang dốc A-đu-mim, rồi chạy xuống đến Đá Bô-han (Bô-han là con Ru-bên).
ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشتى. 18
Từ đó biên giới chạy về góc bắc của A-ra-ba, rồi chạy qua A-ra-ba.
ئاندىن چېگرا شىمال تەرىپىگە چىقىپ بەيت-ھوگلاھنىڭ داۋىنىغا تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىدا، يەنى شور دېڭىزىنىڭ شىمالىي قولتۇقىدا ئاخىرلاشتى. بۇ جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى. 19
Biên giới tiếp tục chạy qua góc bắc của Bết-hốt-la, rồi chấm dứt ở vịnh bắc của Biển Mặn, ở cửa Sông Giô-đan. (Sông này chảy từ bắc xuống nam, đổ vào Biển Chết). Đó là biên giới phía nam.
شەرق چېگرىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ بىنيامىنلارنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، ئۇلارغا جەمەت-ئائىلىرى بويىچە توختىتىلغان مىراس زېمىنىنىڭ چېگرىسى شۇ ئىدى. 20
Biên giới phía đông là Sông Giô-đan. Đó là biên giới phần đất chia cho con cháu của đại tộc Bên-gia-min.
بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن شەھەرلەر بولسا تۆۋەندىكىلەردۇر: ــ يېرىخو، بەيت-ھوگلاھ، ئېمەك-كەزىز، 21
Các thành trong lô đất của đại tộc Bên-gia-min gồm có: Giê-ri-cô, Bết-hốt-la, Ê-méc-kê-sít,
بەيت-ئاراباھ، زەمارايىم، بەيت-ئەل، 22
Bết-a-ra-ba, Xê-ma-ra-im, Bê-tên,
ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ، 23
A-vim, Pha-ra, Óp-ra,
كەفار-ھائاموناي، ئوفنى ۋە گېبا بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى؛ 24
Kê-pha, A-mô-rai, Óp-ni, và Ghê-ba,
بۇنىڭدىن باشقا گىبېئون، راماھ، بەئەروت، 25
Ga-ba-ôn, Ra-ma, Bê-ê-rốt,
مىزپاھ، كەفىراھ، موزاھ، 26
Mít-bê, Kê-phi-ra, Mô-sa
رەكەم، ئىرپەئەل، تارالاھ، 27
Rê-kem I-ê-bê-ên, Ta-ra-la,
زەلاھ، ھا-ئەلەف، يەبۇسى (يەنى يېرۇسالېم)، گىبېئاھ ۋە كىرىئات بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇ بولسا بىنيامىنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 28
Xê-la, Ha-ê-lép, Giê-bu (tức Giê-ru-sa-lem), Ghi-bê-a, và Ki-ri-át Giê-a-rim—gồm hai mươi sáu thành với các thôn ấp phụ cận. Đó là phần đất cho con cháu của đại tộc Bên-gia-min.

< يەشۇئا 18 >