< يەشۇئا 17 >

ماناسسەھ يۈسۈپنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭ قەبىلىسىگىمۇ چەك تاشلىنىپ مىراس بېرىلگەن. ماناسسەھنىڭ تۇنجى ئوغلى ماكىرنىڭ [ئەۋلادلىرى] (ماكىر گىلېئادنىڭ ئاتىسى ئىدى) باتۇر پالۋان بولغاچقا، ئۇلارغا گىلېئاد بىلەن باشان مىراس قىلىپ بېرىلدى. 1
ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىمۇ، جۈملىدىن ئابىئېزەرلەر، ھەلەكلەر، ئاسرىئەللەر، شەكەملەر، ھەفەرلەر بىلەن شېمىدالار ئۆز جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس ئۈلۈشىنى ئالدى. بۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەر جەمەت ئائىلىلىرى ئىدى. 2
ئەمدى ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى يوق بولۇپ، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. 3
ئۇلار كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئەمىرلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇساغا بىز توغرۇلۇق قېرىنداشلىرىمىز قاتارىدا مىراس بېرىشكە ئەمر قىلغانىدى، دېدى. شۇنى دېۋىدى، [يەشۇئا] پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا ئۇلارغا مىراس بەردى. 4
بۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گىلېئاد بىلەن باشان زېمىنلىرىدىن باشقا، ماناسسەھكە يەنە ئون ئۈلۈش يەر بېرىلدى. 5
چۈنكى ماناسسەھنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قاتارىدا مىراسقا ئىگە بولغانىدى؛ گىلېئاد زېمىنى ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تەگكەنىدى. 6
ماناسسەھنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى بولسا ئاشىردىن تارتىپ شەكەمنىڭ ئۇتتۇرىدىكى مىكمىتاتقا بېرىپ، ئاندىن جەنۇب تەرىپىگە قايرىلىپ، ئەن-تاپپۇئاھدا تۇرغۇچىلارنىڭ جايىغىچە تۇتىشاتتى. 7
چۈنكى تاپپۇئاھنىڭ زېمىنى بولسا ماناسسەھگە تەگكەنىدى؛ لېكىن ماناسسەھنىڭ چېگرىسىدىكى تاپپۇئاھ شەھىرى ئەفرائىمغا تەۋە ئىدى. 8
چېگرىسى ئۇ يەردىن كاناھ ئېقىنىغا چۈشۈپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن چىقتى. ئۇ يەردىكى شەھەرلەر بولسا ماناسسەھنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بولسىمۇ، ئەفرائىمغا تەگدى. ماناسسەھنىڭ چېگرىسى جىلغىنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن بېرىپ دېڭىزغا يېتىپ ئاخىرلىشاتتى. 9
جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى زېمىن ئەفرائىمغا، شىمال تەرىپىدىكى زېمىن ماناسسەھكە تەۋە ئىدى؛ غەرب تەرىپىنىڭ چېگرىسى دېڭىز ئىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمال تەرىپىدە ئاشىرنىڭ ئۈلۈشىگىچە يېتىپ، شەرق تەرىپى ئىسساكارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقانىدى. 10
ماناسسەھكىمۇ ئىسساكار بىلەن ئاشىرنىڭ ئۈلۈشلىرى ئىچىدىن بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، ئىبلېئام بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، دور ئاھالىسى بىلەن دورغا قاراشلىق كەنتلەر، ئەن-دور ئاھالىسى بىلەن ئەن-دورغا قاراشلىق كەنتلەر، تائاناق ئاھالىسى بىلەن تائاناققا قاراشلىق كەنتلەر ۋە مېگىددو ئاھالىسى بىلەن مېگىددوغا قاراشلىق كەنتلەر، يەنى «ئۈچ ئېگىزلىك» دېگەن يۇرت تەگدى. 11
لېكىن ماناسسەھ بۇ شەھەردىكىلەرنى قوغلىۋىتەلمىدى؛ قانائانىيلار شۇ يۇرتلاردا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى. 12
ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن مۇتلەق قوغلىۋېتەلمىدى. 13
يۈسۈپلەر بولسا يەشۇئاغا: ــ بىزلەر پەرۋەردىگار ھازىرغىچە شۇنداق بەرىكەتلەپ كەلگەن، چوڭ بىر خەلق تۇرساق، سەن نېمىشقا چەك تاشلاش بىلەن بىزگە پەقەت بىر ئۈلۈش مىراس، بىر پارچە يەرلا بەردىڭ؟ ــ دېدى. 14
يەشۇئا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر چوڭ بىر خەلق بولساڭلار، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتى سىلەرگە تار كەلگەن بولسا، ئورمانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى پەرىززىيلەر بىلەن [گىگانت] رەفايىيلار يۇرتىدا دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر جاينى چىقىرىۋېلىڭلار، دېدى. 15
لېكىن يۈسۈپلەر: ــ تاغلىق يۇرت بىزگە يەتمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىلغىدا تۇرۇۋاتقانلار، مەيلى بەيت-شېئاندا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردە بولسۇن ياكى يىزرەئەل جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۆمۈردىن جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىكەن، دېدى. 16
شۇنداق دېۋىدى، يەشۇئا يۈسۈپ جەمەتى بولغان ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە چوڭ بىر خەلقسىلەر ۋە زور كۈچۈڭلار باردۇر؛ شۇڭا سىلەرگە پەقەت بىر ئۈلۈشلا مىراس بېرىلسە بولمايدۇ؛ 17
ئاشۇ پۈتكۈل تاغلىق يۇرتمۇ سىلەرگە بېرىلىدۇ؛ گەرچە ئۇ ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئۇنى كېسىپ بوشىتىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغىمۇ ئىگە بولىسىلەر؛ قانائانىيلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بار، شۇنداقلا كۈچلۈك بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋىتەلەيسىلەر، ــ دېدى. 18

< يەشۇئا 17 >