< يەشۇئا 14 >

ئىسرائىللارنىڭ قانائان زېمىنىدىن ئالغان مىراسلىرى تۆۋەندىكىدەك؛ ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى جەمەت-ئائىلە باشلىقلىرى مۇشۇ مىراسلارنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن. 1
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن توققۇز يېرىم قەبىلە توغرىسىدا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈلۈشى چەك تاشلاش بىلەن بۆلۈپ بېرىلدى. 2
چۈنكى قالغان ئىككى قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى بولسا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقسىم قىلغانىدى؛ لېكىن ئۇ لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ مىراس بەرمىگەنىدى 3
(يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم دېگەن ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەنىدى. لاۋىيلارغا بولسا، تۇرۇشقا بولىدىغان شەھەرلەر بېكىتىلىپ، شۇنداقلا شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلاردىن چارپايلىرىنى باقىدىغان ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرلەردىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئۈلۈشلەرنى بەرمىگەنىدى). 4
پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ زېمىننى بۆلۈشۈۋالدى. 5
يەھۇدالار گىلگالغا، يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلدى، كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز ئادىمى بولغان مۇساغا مەن بىلەن سېنىڭ توغراڭدا قادەش-بارنېئادا نېمە دېگەنلىكىنى بىلىسەنغۇ؛ 6
پەرۋەردىگارنىڭ ئادىمى مۇسا مېنى قادەش-بارنېئادىن زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، مەن قىرىق ياشتا ئىدىم؛ چىن [ئېتىقادلىق] كۆڭلۈم بىلەن ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزگەنىدىم. 7
ئەمما مەن بىلەن چىققان قېرىنداشلىرىم خەلقنىڭ كۆڭلىنى سۇ قىلىۋەتكەنىدى. لېكىن مەن بولسام پۈتۈن قەلبىم بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئەگەشتىم. 8
ئۇ كۈنى مۇسا قەسەم قىلىپ: ــ «سەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەگەشكىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پۇتۇڭ دەسسىگەن زېمىن جەزمەن ئەبەدگىچە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭنىڭ مىراسى بولىدۇ» ــ دېگەنىدى. 9
ــ مانا ئىسرائىل چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، پەرۋەردىگار مۇساغا شۇ سۆزلەرنى دېگەن كۈنىدىن كېيىنكى قىرىق بەش يىل ئىچىدە ئۆزى ئېيتقىنىدەك مېنى تىرىك ساقلىدى. مانا مەن بۈگۈن سەكسەن بەش ياشقا كىردىم. 10
مەن مۇشۇ كۈندىمۇ مۇسا مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كۈندىكىدەك كۈچلۈكمەن، مەيلى جەڭ قىلىش بولسۇن ياكى بىر يەرگە بېرىپ-كېلىش بولسۇن، مېنىڭ يەنىلا بالدۇرقىدەك كۈچ-دەرمانىم باردۇر. 11
ئەمدى پەرۋەردىگار شۇ كۈنىدە ۋەدە قىلغان بۇ تاغلىق يۇرتنى ماڭا مىراس قىلىپ بەرگىن؛ چۈنكى ئۇ كۈنى سەنمۇ ئۇ يەردە ئاناكىيلار تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چوڭ ھەم مۇستەھكەم شەھەرلەر بارلىقىنى ئاڭلىدىڭغۇ. لېكىن پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىللە بولسىلا، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك مەن ئۇلارنى قوغلىۋېتىمەن». 12
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ھېبروننى ئۇنىڭغا مىراس قىلىپ بەردى. 13
شۇڭا ھېبرون تاكى بۈگۈنگىچە كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ مىراسى بولۇپ تۇرماقتا؛ چۈنكى ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەن 14
(ئىلگىرى ھېبرون بولسا كىرىئات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا دېگەن ئادەم ئاناكىيلار ئارىسىدا ئەڭ داڭقى چىققان ئادەم ئىدى). شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى. 15

< يەشۇئا 14 >