< يەشۇئا 11 >

ئەمما ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بۇلارنى ئاڭلاپ مادوننىڭ پادىشاھى يوباب بىلەن شىمروننىڭ پادىشاھى ۋە ئاقسافنىڭ پادىشاھىغا ئادەم ئەۋەتتى، 1
شۇنداقلا شىمالدىكى تاغلىق رايوندىكى پادىشاھلارغا، كىننەروتنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىك، ئويمانلىق ۋە غەربتىكى دور ئېگىزلىكىدىكى ھەممە پادىشاھلارغا ئەلچى ئەۋەتتى؛ 2
ئۇ يەنە شەرق بىلەن غەرب تەرەپتىكى قانائانىيلار، ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر بىلەن تاغلىق رايوندىكى يەبۇسىيلار ۋە ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى مىزپاھ يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلارنى چاقىردى. 3
ئۇلار، يەنى پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوشۇنلىرى چىقتى؛ ئۇلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى. 4
بۇ ھەممە پادىشاھلار بىر بولۇپ يىغىلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەروم سۇلىرىنىڭ بويىدا چېدىرلارنى تىكتى. 5
لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ سەن ئۇلاردىن ھېچ قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ھالاكەتكە تاپشۇرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىسەن، ــ دېدى. 6
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ ھەممە جەڭچىلىرى مەروم سۇلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشۈپ ھۇجۇم قىلدى. 7
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلارنى ئۇرۇپ چوڭ زىدون ۋە مىسرەفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى مىزپاھ ۋادىسىغىچە سۈرۈپ بېرىپ، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 8
يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 9
شۇ چاغدا يەشۇئا قايتىپ بېرىپ، ھازورنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ھازور بولسا شۇ دەۋرلەردە ئاشۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بېشى ئىدى. 10
[ئىسرائىللار] شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھېچ نەپەس ئىگىسىنى قويماي ھەممىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى؛ ھازورنى يەشۇئا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى، 11
شۇ پادىشاھلارنىڭ بارلىق پايتەخت شەھەرلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى. 12
لېكىن ئېگىزلىككە سېلىنغان شەھەرلەرنى بولسا، ئىسرائىل كۆيدۈرمىدى؛ يەشۇئا ئۇلاردىن پەقەت ھازورنىلا كۆيدۈرۈۋەتتى. 13
ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى غەنىيمەتلەرنى ۋە چارپايلارنى ئۆزلىرىگە ئولجا قىلىپ ئالدى، لېكىن ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى قىلىچلاپ يوقاتتى؛ ئۇلار بىرمۇ نەپەس ئىگىسىنى تىرىك قويمىدى. 14
پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، مۇسامۇ يەشۇئاغا شۇنى بۇيرۇغانىدى ۋە يەشۇئامۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدىن ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى شۇ بويىچە ئادا قىلدى. 15
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى، يەنى تاغلىق رايوندىكى زېمىنلارنى، بارلىق جەنۇبىي نەگەۋ زېمىنىنى، بارلىق گوشەن زېمىنىنى، ئويمانلىقتىكى زېمىنلارنى، تۈزلەڭلىكتىكى زېمىنلارنى ۋە ئىسرائىلنىڭ تاغلىق رايونلىرىنى ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، 16
سېئىر داۋىنىغىچە سوزۇلغان ھالاك تېغىدىن تاكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى لىۋان جىلغىسىغا جايلاشقان بائال-گادقىچە بولغان زېمىننى ئىگىلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. 17
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا بۇ ھەممە پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلدى. 18
گىبېئوندا ئولتۇراقلاشقان ھىۋىيلاردىن باشقا، ھېچبىر شەھەر ئىسرائىل بىلەن سۇلھ تۈزمىدى. ئىسرائىل ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەڭ ئارقىلىقلا ئالدى. 19
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ قاتتىق قىلىنىشى، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش نىيىتىدە بولۇشى پەرۋەردىگاردىن ئىدى؛ بۇنىڭ مەقسىتى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىشى؛ يەنى، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىنماي، ئەكسىچە پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن ئىدى. 20
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا كېلىپ ئاناكىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تاغلىق رايوندىن، ھېبروندىن، دەبىردىن، ئانابدىن، يەھۇدانىڭ ھەممە تاغلىق رايونى بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە تاغلىق رايونىدىن يوقاتتى؛ يەشۇئا ئۇلارنى شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى. 21
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ئاناكىيلاردىن ھېچبىرىمۇ قالدۇرۇلمىدى؛ پەقەت گازا، گات ۋە ئاشدودتا بىرنەچچىسىلا قالدى. 22
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا پەرۋەردىگار مۇساغا ۋەدە قىلغاندەك پۈتكۈل زېمىننى ئالدى؛ يەشۇئا ئۇنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ قوشۇن-قەبىلىسى بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلدى. ئاندىن زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى. 23

< يەشۇئا 11 >