< يۇنۇس 3 >

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم يۇنۇسقا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: 1
«ئورنىڭدىن تۇر، نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان خەۋەرنى ئۇلارغا جاكارلا». 2
يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە نىنەۋە شەھىرىگە باردى. نىنەۋە بولسا ناھايىتى بۈيۈك بىر شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ ئۆزىلا ئۈچ كۈنلۈك يول ئىدى. 3
يۇنۇس شەھەر ئىچىگە كىرىپ بىر كۈن ماڭدى، ئۇ: قىرىق كۈندىن كېيىن، نىنەۋە شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ! — دەپ جاكارلىدى. 4
نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى. 5
بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى. 6
ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ــ «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات-ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. 7
ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛ 8
كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟». 9
شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللاردىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاراتقان بالايىقازانى چۈشۈرۈشتىن يېنىپ، شۇ بالىياقازانى چۈشۈرمىدى. 10

< يۇنۇس 3 >