< يۇھاننا 1 >

مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى. 1
ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. 2
ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 3
ئۇنىڭدا ھاياتلىق بار ئىدى ۋە شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. 4
ۋە نۇر قاراڭغۇلۇقتا پارلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس. 5
بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. 6
ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، يەنى ھەممە ئىنسان ئۆزى ئارقىلىق ئىشەندۈرۈلسۇن، دەپ نۇرغا گۇۋاھچى بولۇشقا كەلگەنىدى. 7
[يەھيانىڭ] ئۆزى شۇ نۇر ئەمەس، بەلكى پەقەت شۇ نۇرغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. 8
ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى. 9
ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 10
ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. 11
شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. 12
ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ. 13
كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر. 14
(يەھيا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ــ مانا، مەن [سىلەرگە]: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ــ دەپ جار قىلدى) 15
چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلاردىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق. 16
چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. 17
خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى. 18
يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار يەھيادىن «سەن كىمسەن؟» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇلارغا جاۋابەن بەرگەن گۇۋاھلىقى مۇنداق ئىدى: 19
ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي: ــ «مەن مەسىھ ئەمەسمەن» ــ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى. 20
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس [پەيغەمبەر]مۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ياق، مەن ئۇ ئەمەسمەن، ــ دېدى ئۇ. ــ ئەمىسە، سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. ئۇ يەنە: ــ ياق! ــ دېدى. 21
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە جاۋاب بېرىشىمىز ئۈچۈن، [بىزگە ئېيتقىن]، ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 22
يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن! 23
ئەمدى [يېرۇسالېمدىن] ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى. ئۇلار يەنە يەھيادىن: ــ سەن يا مەسىھ، يا ئىلياس ياكى ھېلىقى پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 24
25
يەھيا ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ــ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا تۇرغۇچى سىلەر تونۇمىغان بىرسى بار؛ 26
ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! 27
بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى [سۇغا] چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى. 28
ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ــ مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى! 29
مانا، مەن [سىلەرگە]: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! 30
مەن بۇرۇن ئۇنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئىسرائىلغا ئايان بولسۇن دەپ، كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم. 31
يەھيا يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. 32
مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى. 33
مەن دەرۋەقە شۇ ئىشنى كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم! 34
ئەتىسى، يەھيا ئىككى مۇخلىسى بىلەن يەنە شۇ يەردە تۇراتتى. 35
ئۇ [ئۇ يەردىن] مېڭىپ كېتىۋاتقان ئەيسانى كۆرۈپ: ــ قاراڭلار! خۇدانىڭ قوزىسى! ــ دېدى. 36
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىككى مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. 37
ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن: ــ نېمە ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ راببى (بۇ [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسەن؟ ــ دېدى. 38
ــ بېرىپ كۆرۈڭلار، ــ دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى (بۇ ۋاقىت شۇ كۈننىڭ ئونىنچى سائىتى ئىدى). 39
يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] يۇقىرىقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككىيلەننىڭ بىرى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئىدى. 40
ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! ــ دېدى («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) 41
ۋە ئاكىسىنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون؛ بۇنىڭدىن كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن، ــ دېدى (مەنىسى «تاش»تۇر). 42
ئەتىسى، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە يول ئالماقچى ئىدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! ــ دېدى 43
(فىلىپ بەيت-سائىدالىق بولۇپ، ئاندرىياس بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى). 44
فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ [يازمىلىرىدا] بېشارەت قىلىپ يازغان زاتنى تاپتۇق. ئۇ بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسارەتلىك ئەيسا ئىكەن! ــ دېدى. 45
بىراق ناتانىيەل: ــ ناسارەت دېگەن جايدىن ياخشى بىرنېمە چىقامدۇ؟! ــ دېدى. كېلىپ كۆرۈپ باق! ــ دېدى فىلىپ. 46
ئەيسا ناتانىيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: ــ مانا، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىللىق! ــ دېدى. 47
ناتانىيەل: ــ مېنى قەيېرىمدىن بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، ــ دېدى. 48
ناتانىيەل جاۋابەن: ــ ئۇستاز، سەن خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىسەن! ــ دېدى. 49
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن! ــ دېدى 50
ۋە يەنە: ــ بەرھەق، بەرھەق سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! ــ دېدى. 51

< يۇھاننا 1 >