< يۇھاننا 9 >

ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. 1
And as he passed by, he saw a man blind from his birth.
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 2
And his disciples asked him, saying, Rabbi, who did sin, this man, or his parents, that he should be born blind?
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان. 3
Jesus answered, Neither did this man sin, nor his parents: but that the works of God should be made manifest in him.
كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. 4
We must work the works of him that sent me, while it is day: the night cometh, when no man can work.
مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. 5
When I am in the world, I am the light of the world.
بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى 6
When he had thus spoken, he spat on the ground, and made clay of the spittle, and anointed his eyes with the clay,
ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى. 7
and said unto him, Go, wash in the pool of Siloam (which is by interpretation, Sent). He went away therefore, and washed, and came seeing.
قوشنىلىرى ۋە ئۇ ئىلگىرى تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: ــ بۇ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشىپ كەتتى. 8
The neighbours therefore, and they which saw him aforetime, that he was a beggar, said, Is not this he that sat and begged?
بەزىلەر: «ھەئە، شۇ ئىكەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. بىراق ئۇ ئۆزى: ــ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! ــ دېدى. 9
Others said, It is he: others said, No, but he is like him. He said, I am [he].
ــ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. 10
They said therefore unto him, How then were thine eyes opened?
ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى [تۈكۈرۈكىدىن] لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويىۋىدى، ماڭا: «سىلوئام كۆلچىكىگە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېگەنىدى. مەن بېرىپ يۇيۇۋىدىم، كۆرەلەيدىغان بولدۇم. 11
He answered, The man that is called Jesus made clay, and anointed mine eyes, and said unto me, Go to Siloam, and wash: so I went away and washed, and I received sight.
ــ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. ــ بىلمەيمەن، ــ دېدى ئۇ. 12
And they said unto him, Where is he? He saith, I know not.
خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى 13
They bring to the Pharisees him that aforetime was blind.
(ئەسلىدە ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان كۈن دەل شابات كۈنى ئىدى). 14
Now it was the sabbath on the day when Jesus made the clay, and opened his eyes.
شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر قايتىدىن بۇ ئادەمدىن قانداق كۆرەلەيدىغان بولغىنىنى سورىۋىدى، ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇ كۆزلىرىمگە لاي [سۈرۈپ] قويدى، مەن يۇيۇۋىدىم ۋە مانا، كۆرەلەيدىغان بولدۇم! ــ دېدى. 15
Again therefore the Pharisees also asked him how he received his sight. And he said unto them, He put clay upon mine eyes, and I washed, and do see.
شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: ــ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: ــ ئۇ گۇناھكار ئادەم بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتالايتتى؟ ــ دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. 16
Some therefore of the Pharisees said, This man is not from God, because he keepeth not the sabbath. But others said, How can a man that is a sinner do such signs? And there was a division among them.
ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: ــ ئۇ كۆزلىرىڭنى ئېچىپتۇ، ئەمدى سەن ئۇ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ: ــ ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىكەن، ــ دېدى. 17
They say therefore unto the blind man again, What sayest thou of him, in that he opened thine eyes? And he said, He is a prophet.
يەھۇدىيلار كۆرەلەيدىغان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆرەلەيدىغان قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، 18
The Jews therefore did not believe concerning him, that he had been blind, and had received his sight, until they called the parents of him that had received his sight,
ئۇلاردىن: ــ بۇ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارمۇ؟ تۇغما قارىغۇ، دەۋاتاتتىڭلار؟ ئەمدى ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ ــ دەپ سوراشتى. 19
and asked them, saying, Is this your son, who ye say was born blind? how then doth he now see?
ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛ 20
His parents answered and said, We know that this is our son, and that he was born blind:
لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، [بۇنى] ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 21
but how he now seeth, we know not; or who opened his eyes, we know not: ask him; he is of age; he shall speak for himself.
ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى. 22
These things said his parents, because they feared the Jews: for the Jews had agreed already, that if any man should confess him [to be] Christ, he should be put out of the synagogue.
شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، [بۇنى] ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى. 23
Therefore said his parents, He is of age; ask him.
پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ [قەسەم قىل]! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ــ دېيىشتى. 24
So they called a second time the man that was blind, and said unto him, Give glory to God: we know that this man is a sinner.
ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۇ گۇناھكارمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇ بىرلا ئىشنى بىلىمەنكى، قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم. 25
He therefore answered, Whether he be a sinner, I know not: one thing I know, that, whereas I was blind, now I see.
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم: ــ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ ــ دەپ سوراشتى. 26
They said therefore unto him, What did he to thee? how opened he thine eyes?
ئۇ جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئاللىقاچان ئېيتتىم، بىراق قۇلاق سالمىدىڭلار. سىلەر نېمە دەپ قايتىدىن ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولاي دەۋاتامسىلەر؟! ــ دېدى. 27
He answered them, I told you even now, and ye did not hear: wherefore would ye hear it again? would ye also become his disciples?
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ: ــ سەن ھېلىقىنىڭ مۇخلىسى! بىز بولساق مۇسا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرىمىز. 28
And they reviled him, and said, Thou art his disciple; but we are disciples of Moses.
خۇدانىڭ مۇساغا سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز؛ لېكىن بۇ نېمىنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى. 29
We know that God hath spoken unto Moses: but as for this man, we know not whence he is.
ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! گەرچە سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى. 30
The man answered and said unto them, Why, herein is the marvel, that ye know not whence he is, and [yet] he opened mine eyes.
بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. 31
We know that God heareth not sinners: but if any man be a worshipper of God, and do his will, him he heareth.
دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. (aiōn g165) 32
Since the world began it was never heard that any one opened the eyes of a man born blind. (aiōn g165)
ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى. 33
If this man were not from God, he could do nothing.
ئۇلار ئۇنى: ــ سەن تۈپتىن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېيىشىپ، ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى. 34
They answered and said unto him, Thou wast altogether born in sins, and dost thou teach us? And they cast him out.
ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 35
Jesus heard that they had cast him out; and finding him, he said, Dost thou believe on the Son of God?
ئۇ جاۋابەن: ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى. 36
He answered and said, And who is he, Lord, that I may believe on him?
ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. 37
Jesus said unto him, Thou hast both seen him, and he it is that speaketh with thee.
ھېلىقى ئادەم: ــ ئى رەب، ئېتىقاد قىلىمەن! ــ دەپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. 38
And he said, Lord, I believe. And he worshipped him.
ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا. 39
And Jesus said, For judgment came I into this world, that they which see not may see; and that they which see may become blind.
ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن: ــ بىزمۇ كورمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 40
Those of the Pharisees which were with him heard these things, and said unto him, Are we also blind?
ئەيسا ئۇلارغا: ــ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھىڭلار بولمايتتى؛ لېكىن سىلەر ھازىر «كۆرۈۋاتىمىز» دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ ھېسابلىنىۋېرىدۇ، ــ دېدى. 41
Jesus said unto them, If ye were blind, ye would have no sin: but now ye say, We see: your sin remaineth.

< يۇھاننا 9 >