< يۇھاننا 5 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى ۋە ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقتى. 1
يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. 2
بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. 3
چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن. 4
ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى. 5
ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ ساقىيىشنى خالامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 6
بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ تەقسىر، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ، ــ دېدى. 7
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن! ــ دېدى. 8
ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى. 9
شۇڭا [بەزى] يەھۇدىيلار ساقايغان كىشىگە: ــ بۈگۈن شابات كۈنى تۇرسا، ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈش [تەۋراتتا] ساڭا مەنئى قىلىنغان! ــ دېدى. 10
لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى ساقايتقان كىشى ئۆزى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەنىدى! ــ دېدى. 11
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئەمدى ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەن كىشى كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سوراشتى. 12
بىراق ساقايغان ئادەم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى. 13
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! ــ دېدى. 14
ھېلىقى ئادەم يەھۇدىيلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 15
ئەيسا بۇ ئىشلارنى شابات كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. 16
لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ ئىشلەيمەن! ــ دېدى. 17
شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئۇرۇناتتى؛ چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ، ئۆزىنى خۇداغا باراۋەر قىلغانىدى. 18
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئوغۇل ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، بەلكى پەقەت ئاتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلىدۇ. ئاتا نېمە ئىش قىلسا، ئوغۇلمۇ شۇ ئىشنى ئوخشاشلا قىلىدۇ. 19
چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ. 20
چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. 21
شۇنىڭدەك، ئاتا ئۆزى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۆكۈم ئىشلىرىنى ئوغۇلغا تاپشۇرغان. 22
بۇنىڭدىن مەقسەت، ــ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. 23
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. (aiōnios g166) 24
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. 25
چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى 26
ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. 27
بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ 28
ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ. 29
مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت [ئاتامدىن] ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن؛ ۋە مېنىڭ ھۆكۈمۈم ھەققانىيدۇر، چۈنكى مېنىڭ ئىزدىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. 30
ــ ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ. 31
لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن. 32
سىلەر يەھياغا ئەلچى ئەۋەتكىنىڭلاردا، ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن 33
([ئەمەلىيەتتە]، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق؛ مېنىڭ [يەھيا توغرۇلۇق] شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر). 34
[يەھيا] بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار. 35
لېكىن يەھيانىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ ئۇلۇغ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاتا ماڭا ئادا قىلىشقا تاپشۇرغان ئەمەللەر، يەنى مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 36
ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەندۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار 37
ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيسىلەر. 38
مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. (aiōnios g166) 39
شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمغا كېلىشنى خالىمايسىلەر. 40
مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلمايمەن؛ 41
لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق. 42
مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلگەنمەن، ئەمما سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر. 43
سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن ئىززەت-شۆھرەت قوبۇل قىلىسىلەر-يۇ، يېگانە خۇدادىن كەلگەن ئىززەت-شۆھرەتكە ئىنتىلمىسەڭلەر، ئۇنداقتا سىلەر قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟! 44
بىراق مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتىغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلغۇچى مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا [پەيغەمبەردۇر]. 45
چۈنكى ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا [پەيغەمبەرگە] ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا] مەن توغرۇلۇق پۈتكەندۇر. 46
لېكىن ئۇنىڭ پۈتكەنلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟! 47

< يۇھاننا 5 >