< يۇھاننا 4 >

ئەمدى پەرىسىيلەرنىڭ «ئەيسانىڭ مۇخلىس قىلىپ چۆمۈلدۈرگەنلىرى يەھيانىڭكىدىن كۆپ ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىنى رەب ئۇققاندىن كېيىن 1
(ئەمەلىيەتتە ئەيسا ئۆزى ئەمەس، مۇخلىسلىرى چۆمۈلدۈرەتتى) 2
ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى. 3
ئەمدى ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە بەرگەن يەرگە يېقىن بولغان سامارىيەنىڭ سىخار دېگەن بىر شەھىرىگە كەلدى. 5
شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى. 6
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيەلىك بىر ئايال سۇ ئالغىلى كەلدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىچكىلى سۇ بەرگىن، ــ دېدى. 7
8
ئايال ئۇنىڭدىن: ــ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرسىڭىز، مەندەك سامارىيەلىك بىر ئايالدىن قانداقلارچە ئىچكىلى سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدى (چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى). 9
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سەندىن سۇ سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەڭىدى، ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭدىن تىلەيتتىڭ ۋە ئۇ ساڭا ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى. 10
ئايال ئۇنىڭدىن: ــ تەقسىر، سۇ تارتقۇدەك ھېچنەرسىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق چوڭقۇر تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن ئالىسىز؟ 11
ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە [مىراس] قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى. 12
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ. 13
ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى. (aiōn g165, aiōnios g166) 14
ئايال: ــ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي! ــ دېدى. 15
ئەيسا: ــ بېرىپ ئېرىڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگىن، ــ دېدى. 16
ــ ئېرىم يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايال. ــ ئېرىم يوق دەپ، راست ئېيتتىڭ. 17
چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! ــ دېدى ئەيسا. 18
ئايال ئۇنىڭغا: ــ تەقسىر، ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! 19
ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر [يەھۇدىيلار] «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟ ــ دېدى. 20
ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ خانىم، ماڭا ئىشەنگىن، شۇنداق بىر ۋاقتى-سائىتى كېلىدۇكى، سىلەرنىڭ ئاتىغا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن نە بۇ تاغدا ياكى نە يېرۇسالېمدا بولۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. 21
سىلەر ئىبادەت قىلغىنىڭلارنى بىلمەيسىلەر؛ بىراق بىز كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ. 22
لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ــ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. 23
خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر. 24
ئايال ئۇنىڭغا: ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى. 25
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى. 26
شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن: «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى. 27
شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە: 28
ــ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، مەسىھ شۇمىدۇ؟ ــ دېدى. 29
بۇنىڭ بىلەن خالايىق شەھەردىن چىقىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى. 30
شۇ ئارىلىقتا مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، بىر نەرسە يەۋالساڭچۇ؟ ــ دەپ ئۆتۈنۈشتى. 31
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، ــ دېدى. 32
مۇخلىسلار بىر-بىرىگە: ــ ئەجەبا، بىرسى ئۇنىڭغا يېگىلى بىر نەرسە ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 33
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ [ماڭا تاپشۇرغان] خىزمىتىنى تاماملاشتۇر. 34
ــ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى! 35
ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ. (aiōnios g166) 36
چۈنكى بۇ ئىشتا «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 37
مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن ھوسۇلنى يىغىشقا ئەۋەتتىم؛ باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار. 38
شۇ شەھەردىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ئۇ ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى» دېگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 39
شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈشكىلى تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى. 40
ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 41
ئۇلار ئايالغا: ــ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى سېنىڭ سۆزلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنى ئاڭلىدۇق ۋە بىلدۇقكى، دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەل شۇ كىشىدۇر! ــ دېيىشتى. 42
بۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ گالىلىيەگە قاراپ ماڭدى 43
(چۈنكى ئەيسا ئۆزى: «ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىززىتى يوقتۇر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنىدى). 44
شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەگە كەلگىنىدە، گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە، ئۇنى قارشى ئېلىشتى (چۈنكى ئۇلارمۇ ھېيتقا چىققانىدى). 45
ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). [شۇ كۈنلەردە]، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. 46
ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: ــ [ئۆيۈمگە] چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! ــ دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى. 47
شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سىلەر [گالىلىيەلىكلەر] مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ھېچ ئېتىقاد قىلمايسىلەر! ــ دېدى. 48
ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا: ــ تەقسىر، بالام ئۆلمەستە چۈشكەيلا! ــ دېدى. 49
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! ــ دېدى. ھېلىقى ئادەم ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. 50
يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى. 51
ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: ــ تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، ــ دېيىشتى. 52
بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى. 53
بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى. 54

< يۇھاننا 4 >