< يۇھاننا 3 >

يەھۇدىيلار [كېڭەشمىسىنىڭ] پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىم ئىسىملىك بىر يولباشچىسى بار ئىدى. 1
بۇ ئادەم بىر كېچىسى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، سېنىڭ خۇدادىن كەلگەن تەلىم بەرگۈچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمىز. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسا، ھېچكىمنىڭ سەن كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ــ دېدى. 2
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! ــ دېدى. 3
نىكودىم: ــ ئادەم قېرىغىنىدا قانداقمۇ قايتىدىن تۇغۇلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتا كىرىپ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. 4
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس! 5
ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر. 6
ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما. 7
شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر. 8
نىكودىم يەنە جاۋابەن ئەيساغا: ــ بۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ ــ دېدى. 9
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ 10
بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر. 11
سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ 12
ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى. 13
مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. 14
شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ». (aiōnios g166) 15
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. (aiōnios g166) 16
خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. 17
كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان. 18
ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى. 19
چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛ 20
لېكىن ھەقىقەتنى يۈرگۈزگۈچى بولسا، ئەمەللىرىنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى ئايان بولسۇن دەپ، نۇرغا كېلىدۇ. 21
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. 22
شۇ چاغدا يەھيا [پەيغەمبەرمۇ] سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى 23
(چۈنكى شۇ چاغدا يەھيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغانىدى). 24
[شۇ ۋاقىتلاردا] يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىر يەھۇدىي كىشى بىلەن تاھارەت قائىدىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى. 25
ئاندىن مۇخلىسلار يەھيانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سەن بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزۈڭ [تەرىپلەپ] گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 26
يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەگەر ئۇنىڭغا ئەرشتىن ئاتا قىلىنمىغان بولسا، ئىنسان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. 27
مېنىڭ سىلەرگە: «مەن مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەنمەن» دېگىنىمگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھچىسىلەر. 28
كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ. 29
ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر. 30
ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛ 31
ئۆزىنىڭ [ئەرشتە] كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بولسا، ئۇ بۇلار توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. 32
[ھالبۇكى]، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ. 33
چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى [ئۇنىڭغا] ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس. 34
ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر. 35
ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. (aiōnios g166) 36

< يۇھاننا 3 >