< يۇھاننا 2 >

ئۈچىنچى كۈنى، گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ئەيسانىڭ ئانىسى [مەريەم] ئۇ يەردە ئىدى 1
ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى. 2
تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، ــ دېدى. 3
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، ــ دېدى. 4
ئانىسى چاكارلارغا: ــ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. 5
ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى. 6
ئەيسا چاكارلارغا: ــ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، ــ دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. 7
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى. 8
توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ، 9
ئۇنىڭغا: ــ ھەربىر [توي قىلغۇچى] ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! ــ دېدى. 10
بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 11
بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ، ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى. 12
يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا يېقىن قالغاندا، ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. 13
ئۇ ئىبادەتخانا [ھويلىلىرىدا] كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى. 14
ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى 15
ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا: ــ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! ــ دېدى. 16
بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى [زەبۇردا] مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: «سېنىڭ [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!». 17
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى. 18
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى. 19
شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساۋاتقىلى ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل بولغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا قۇرۇپ چىقالايسەن؟! ــ دېدى. 20
ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى. 21
شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى. 22
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى. 23
لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ [قەلبىنىڭ] قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى. 24
ئىنسان توغرۇلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەتتى. 25

< يۇھاننا 2 >