< يۇھاننا 15 >

ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر. 1
باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ. 2
ئەمدى سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. 3
سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرۇڭلار، مەنمۇ سىلەردە ئىزچىل تۇرىمەن. شاخ تالدا تۇرماي، ئۆزى مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە ئىزچىل تۇرمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر. 4
«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر. 5
بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ [كېرەكسىز] شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 6
سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ. 7
سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ. 8
ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار. 9
ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر. 10
مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. 11
مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. 12
ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر. 13
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. 14
ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن. چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. 15
سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم. 16
سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. 17
بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. 18
سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 19
مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ. 20
بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. 21
ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا سۆز قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ھازىر گۇناھى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچ باھانىسى يوقتۇر. 22
كىمدەكىم مەندىن نەپرەتلەنسە ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ. 23
مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئۇلار ھازىر [ئەمەللىرىمنى] كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا ھەم مەندىن ھەم ئاتامدىن نەپرەتلەندى. 24
لېكىن بۇ ئىشلار ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دەپ پۈتۈلگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن شۇنداق يۈز بەردى. 25
لېكىن مەن سىلەرگە ئاتىنىڭ يېنىدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 26
سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار. 27

< يۇھاننا 15 >