< يوئېل 1 >

پەرۋەردىگارنىڭ پېتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا چۈشكەن سۆزى: ــ 1
«ئى قېرىلار، ئاڭلاڭلار؛ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەن، قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ 2
بالىلىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار، بالىلىرىڭلار ئۆز بالىلىرىغا ئېيتسۇن، ئۇلارمۇ كېلەر دەۋرگە ئېيتسۇن: ــ 3
«چىشلىگۈچى قۇرت» قالدۇرغاننى چېكەتكە يەپ بولدى، چېكەتكە قالدۇرغاننى چېكەتكە لىچىنكىلىرى يەپ بولدى، چېكەتكە لىچىنكىلىرى قالدۇرغاننى «ۋەيرانچى قۇرت»لار يەپ بولدى. 4
ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن ــ چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى. 5
چۈنكى بىر خەلق، كۈچلۈك، سانسىزلىغان خەلق، زېمىنىم ئۈستىگە بېسىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ چىشلىرى بولسا شىرنىڭ چىشلىرى، ئۇنىڭدا شىرنىڭ ھىڭگاڭ چىشلىرى باردۇر؛ 6
ئۇ مېنىڭ ئۈزۈم تاللىرىمنى ۋەيرانە قىلىۋەتتى، ئەنجۈر دەرىخىمنىڭ قوۋزاقلىرىنى سىيرىۋەتتى، ئۇلارنى يالىڭاچلاپ، تاشلىۋەتتى؛ ئۇلارنىڭ شاخلىرى ئاقلىۋېتىلدى. 7
ياشلىقىدىكى ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ بۆز كىيىملەرگە ئورانغان نەۋجۇۋاندەك قاتتىق پىغان چېكىڭلار؛ 8
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى «ئاشلىق ھەدىيە»دىن ھەم «شاراب ھەدىيە»لەردىن مەھرۇم قىلىندى؛ كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ماتەم تۇتىدۇ. 9
ئېتىزلار چۆلدەرەپ كەتتى، زېمىن ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازان بولدى، يېڭى شاراب قۇرۇپ كەتتى، زەيتۇن مېيى قاغجىرىدى. 10
ھەي دېھقانلار، ئۇيۇلۇڭلار؛ بۇغدايلار ھەم ئارپىلار ئۈچۈن يالۋۇرۇڭلار، ئى ئۈزۈمچىلەر، چۈنكى ئېتىزلارنىڭ ھوسۇللىرى قۇرۇپ كەتتى. 11
ئۈزۈم تېلى قاغجىراپ كەتتى، ئەنجۈر دەرىخى سولىشىپ قالدى، ئانار دەرىخى، خورما پالمىسى ھەم ئالما دەرىخىمۇ، دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى؛ بەرھەق، شادلىقمۇ ئادەم بالىلىرىدا سولىشىپ كەتتى. 12
بېلىڭلارنى باغلاڭلار، پەرياد ئوقۇڭلار، ئى كاھىنلار؛ ھۇۋلاڭلار، ئى قۇربانگاھنىڭ خىزمەتچىلىرى؛ كېچىچە بۆز كىيىملەرنى كىيىپ دۈم يېتىڭلار، ئى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى؛ چۈنكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىن «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە» ئۈزۈلۈپ قالدى. 13
«روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ ئاقساقاللارنى، زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە يىغىپ، پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرۈڭلار! 14
«ئاھ، شۇ كۈن! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى، ئۇ ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن ھالاكەت بولۇپ كېلىدۇ. 15
مانا، غىزا كۆز ئالدىمىزدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ شادلىق، خۇشاللىق خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ 16
ئۇرۇقلار توپا-چالمىلار ئاستىدا چىرىپ كەتتى، ئامبارلار خارابىلەشتى، بوغۇزخانىلار غۇلاپ چۈشتى؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازاڭ بولدى. 17
چارپايلار شۇنداق ھۆركىرىشىپ كەتتى! كالا پادىلىرى پاتىپاراق بولدى، ئوتلاقنى تاپالمىغاچ؛ قوي پادىلىرىمۇ ئۆزى «گۇناھىمىز بار» دېگەندەك مەيۈسلەندى؛ 18
ئاھ، پەرۋەردىگار، نىدا قىلىمەن ساڭا؛ چۈنكى ئوت يالقۇنلىرى جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى، يالقۇن دالادىكى بارلىق دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 19
دالادىكى ھايۋانلارمۇ ساڭا نىدا قىلىدۇ، چۈنكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر قۇرۇپ كەتتى، ئوت-يالقۇن جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى. 20

< يوئېل 1 >