< يوئېل 3 >

چۈنكى مانا، شۇ كۈنلەردە، شۇ پەيتتە، مەن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگىنىمدە، 1
“For, behold, in those days, and in that time, when I restore the fortunes of Judah and Jerusalem,
مەن بارلىق ئەللەرنىمۇ يىغىپ، ئۇلارنى «يەھوشافات جىلغىسى»غا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن، زېمىنىمنى بۆلۈپ پارچىلىۋەتكەنلىكىدىن، ئۇلارنى ئاشۇ يەردە مېنىڭ مىراسىم، يەنى خەلقىم ئىسرائىل تۈپەيلىدىن سوراققا تارتىمەن. 2
I will gather all nations, and will bring them down into the valley of Jehoshaphat; and I will execute judgment on them there for my people, and for my heritage, Israel, whom they have scattered among the nations. They have divided my land,
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى دوغا تىكىپ چەك تاشلىغان؛ بىر يىگىتنى بىر پاھىشە ئايالغا ئالماشتۇرغان، بىر قىزنى «شاراب ئىچىمىز» دەپ شاراب ئۈچۈن ئالماشتۇرغان. 3
and have cast lots for my people, and have given a boy for a prostitute, and sold a girl for wine, that they may drink.
ھەي، تۇر ھەم زىدون، فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، مەن سىلەرنى نېمە قىلىپتىمەن؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇسىلەر؟ (بىراق مەندىن ئۆچ ئالىمىز دېسەڭلار، ئۆچنى تېزلا ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرۇپ بېرىمەن!) 4
“Yes, and what are you to me, Tyre and Sidon, and all the regions of Philistia? Will you repay me? And if you repay me, I will swiftly and speedily return your repayment on your own head.
كۈمۈشلىرىم، ئالتۇنلىرىمنى بۇلىۋالغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، گۈزەل گۆھەرلىرىمنى ئۆز بۇتخانىلىرىڭلارغا ئاپارغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 5
Because you have taken my silver and my gold, and have carried my finest treasures into your temples,
يەھۇدا بالىلىرى ھەم يېرۇسالېمنىڭ بالىلىرىنى ئۆز چېگراسىدىن يىراق قىلماق ئۈچۈن ئۇلارنى گرېكلارغا سېتىۋېتكىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 6
and have sold the children of Judah and the children of Jerusalem to the sons of the Greeks, that you may remove them far from their border.
مانا، مەن ئۇلارنى سىلەر سېتىۋەتكەن جايدا ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ھەمدە قىلغىنىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرىمەن. 7
Behold, I will stir them up out of the place where you have sold them, and will return your repayment on your own head;
ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدا بالىلىرىنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن، ئۇلار شۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شابىيالىقلارغا سېتىۋېتىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. 8
and I will sell your sons and your daughters into the hands of the children of Judah, and they will sell them to the men of Sheba, to a faraway nation, for Yahweh has spoken it.”
شۇنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاڭلاركى، «جەڭگە تەييارلىنىڭلار، پالۋانلارنى قوزغاڭلار، جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنلاشسۇن، جەڭگە ھازىر بولسۇن؛ 9
Proclaim this among the nations: “Prepare for war! Stir up the mighty men. Let all the warriors draw near. Let them come up.
ساپان چىشلىرىنى قىلىچ قىلىپ، ئورغاقلىرىڭلارنى نەيزە قىلىپ سوقۇشۇڭلار؛ ئاجىز ئادەممۇ: «مەن كۈچلۈك» دېسۇن؛ 10
Beat your plowshares into swords, and your pruning hooks into spears. Let the weak say, ‘I am strong.’
ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر، تېزدىن كېلىڭلار، ھەممىڭلار شۇ يەرگە جەم بولۇڭلار!». «ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!» 11
Hurry and come, all you surrounding nations, and gather yourselves together.” Cause your mighty ones to come down there, Yahweh.
«ئەللەر قوزغىلىپ «يەھوسافات جىلغىسى»غا كەلسۇن؛ چۈنكى مەن شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرنى سوراققا تارتىمەن. 12
“Let the nations arouse themselves, and come up to the valley of Jehoshaphat; for there I will sit to judge all the surrounding nations.
ئورغاقنى سېلىڭلار، چۈنكى زىرائەت پىشتى؛ كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار، چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر، ئىدىش-كۈپلەر تولۇپ تاشىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر» 13
Put in the sickle; for the harvest is ripe. Come, tread, for the wine press is full, the vats overflow, for their wickedness is great.”
ئاھ، نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر «قارار جىلغىسى»دا! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى «قارار جىلغىسى»غا يېقىنلاشتى. 14
Multitudes, multitudes in the valley of decision! For the day of Yahweh is near in the valley of decision.
قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار ئۆز جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 15
The sun and the moon are darkened, and the stars withdraw their shining.
پەرۋەردىگار زىئوندىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ ئاسمانلار، زېمىنلار سىلكىنىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە باشپاناھ، ئىسرائىل بالىلىرىغا كۈچ-ھىمايە بولىدۇ. 16
Yahweh will roar from Zion, and thunder from Jerusalem; and the heavens and the earth will shake; but Yahweh will be a refuge to his people, and a stronghold to the children of Israel.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، ئۆز مۇقەددەس تېغىم زىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر؛ يېرۇسالېم پاك-مۇقەددەس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ. 17
“So you will know that I am Yahweh, your God, dwelling in Zion, my holy mountain. Then Jerusalem will be holy, and no strangers will pass through her any more.
ھەم شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدادىكى بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە لىق سۇ ئاقىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن بىر بۇلاق چىقىدۇ، شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ. 18
It will happen in that day, that the mountains will drop down sweet wine, the hills will flow with milk, all the brooks of Judah will flow with waters; and a fountain will flow out from Yahweh’s house, and will water the valley of Shittim.
مىسىر بولسا بىر چۆللۈك، ئېدوم ئادەمزاتسىز بىر چۆل-باياۋان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يەھۇدا بالىلىرىغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلار بۇلارنىڭ زېمىنىدا بىگۇناھ قانلارنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن. 19
Egypt will be a desolation and Edom will be a desolate wilderness, for the violence done to the children of Judah, because they have shed innocent blood in their land.
بىراق يەھۇدا مەڭگۈگە تۇرىدۇ، يېرۇسالېم دەۋردىن-دەۋرگىچە قالىدۇ؛ 20
But Judah will be inhabited forever, and Jerusalem from generation to generation.
ھەم مەن ئۇلارنى تۆككەن قانلارنىڭ پاكلاندۇرۇلمىغان گۇناھلىرىدىن پاكلاندۇرىمەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوندا ماكانلاشقاندۇر. 21
I will cleanse their blood that I have not cleansed, for Yahweh dwells in Zion.”

< يوئېل 3 >