< يوئېل 2 >

زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، مۇقەددەس تېغىمدا ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ زېمىندا تۇرغۇچى ھەممەيلەن دىر-دىر تىترىسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، ئۇ يېقىندىدۇر. 1
ئۇ كۈن بولسا قاراڭغۇ ھەم سۈر كۈن، بۇلۇتلار قاپلانغان ھەم قاپقاراڭغۇ زۇلمەت كۈن، ــ تاڭ سەھەر تاغلار ئۈستىگە يېيىلغاندەك، زور ھەم كۈچلۈك بىر خەلق كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇچىلار بولۇپ باقمىغان، ئۇلاردىن كېيىنمۇ، دەۋردىن-دەۋرگە يەنە بولمايدۇ. 2
ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگۈچى ئوت ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدە بولسا بىر يالقۇن كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ؛ كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن «ئېرەن باغچىسى»دەك، بىراق ئۇلارنىڭ تاپىنى تەگكەندىن كېيىن گۈل-گىياھسىز چۆل-باياۋان بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 3
ئۇلارنىڭ قىياپىتى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئاتلىق لەشكەردەك چاپىدۇ. 4
جەڭ ھارۋىلىرى گۈلدۈرلىگەندەك سادا بىلەن ئۇلار تاغ چوققىلىرىدىن سەكرەپ ئۆتىدۇ؛ پاخالنى پاراسلاپ كۆيدۈرگەن ئوت ئاۋازىدەك تاراسلاپ ماڭىدۇ، دەبدەبىلىك سەپ تۈزەپ تۇرغان كۈچلۈك قوشۇندەك يۈرىدۇ، 5
ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەللەر قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ھەممە چىراي تاتىرىپ كېتىدۇ. 6
ئۇلار پالۋانلاردەك يۈگۈرىدۇ؛ جەڭچىلەردەك سېپىلدىن ئارتىلىپ ئۆتىدۇ؛ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ؛ سەپلىرىنى ھېچ بۇزمايدۇ. 7
ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشىنى قىستىمايدۇ؛ ھەرقايسىسى ئۆز يولىدا ماڭىدۇ؛ قوراللارغا ئېتىلسىمۇ، يارىلانماي ئۆتۈپ ماڭىدۇ؛ 8
شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە چېپىشىدۇ؛ سېپىل ئۈستىدە يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ؛ ئۆيلەرگە يامىشىپ چىقىدۇ؛ دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ. 9
ئۇلار ئالدىدا يەر-زېمىننى تىترەك باسىدۇ، ئاسمانلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 10
پەرۋەردىگار ئۆز قوشۇنى ئالدىدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارگاھى پايانسىزدۇر؛ ئۇنىڭ سۆزىنى ئورۇنلىغۇچى كۈچلۈكتۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى ئۇلۇغ، ئىنتايىن دەھشەتلىكتۇر؛ كىم ئۇنى كۆتۈرەلىسۇن؟ 11
بىراق ھەتتا ھازىرمۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چىن كۆڭلۈڭلەر بىلەن، روزىلار بىلەن، يىغىلار بىلەن ماتەم تۇتۇپ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار؛ 12
كىيىم-كېچىكىڭلارنى ئەمەس، بەلكى يۈرەك-باغرىڭلارنى تىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر، يامانلىقتىن يانىدىغان [خۇدا]دۇر. 13
كىم بىلىدۇ، ئۇ جازالاشتىن يېنىپ، رەھىم قىلىپ بىرەر بەرىكەتنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۇنغۇدەك بىرەر «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە»نى قالدۇرۇپ كېتەمدۇ تېخى؟ 14
زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، «روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ 15
ئەلنى يىغىڭلار، جامائەتنى پاكلاندۇرۇڭلار، ئاقساقاللارنى جەم قىلىڭلار، بالىلارنى، ئېمىۋاتقانلارنىمۇ يىغىڭلار؛ توي قىلىۋاتقان يىگىت ئۆز ئۆيىدىن، ياتلىق بولىدىغان قىز ھۇجرىسىدىن چىقسۇن؛ 16
كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايۋان بىلەن قۇربانگاھ ئوتتۇرىسىدا يىغا-زار كۆتۈرسۇن، ئۇلار ئېيتسۇنكى، «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن، ئۆز مىراسىڭنى خورلۇقتىن ساقلاپ، ئۇلارنى ئەللەرگە سۆز-چۆچەك بولۇشقا قويمىغايسەن؛ ئەل-يۇرتلار ئارىسىدا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قېنى؟» دېيىلمىسۇن». 17
ئاندىن پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئوتلۇق مۇھەببىتىنى، ئۆز خەلقىگە رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتتى؛ 18
پەرۋەردىگار جاۋابەن ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: ــ «مانا، مەن سىلەرگە بۇغداي، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىمەن، سىلەر بۇلاردىن قاندۇرۇلىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە قىلىپ قويمايمەن؛ 19
ھەم شىمالدىن كەلگۈچىنى سىلەردىن يىراق قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدى قىسمىنى شەرقىي دېڭىزغا، كەينى قىسمىنى غەربىي دېڭىزغا قوغلىۋېتىمەن؛ ئۇنى چۆل بىر زېمىنغا ھەيدىۋېتىمەن؛ ئۇنىڭ سېسىقلىقى پۇراپ تۇرىدۇ، پاسىق ھىدى چىقىدۇ؛ چۈنكى ئۇ «چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچىمەن» دەپ ئۆزىنى ئۇلۇغ قىلماقچى بولىدۇ. 20
قورقما، ئى زېمىن؛ شادلىنىپ خۇشال بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان. 21
ئى دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار؛ چۈنكى چۆللۈكتىكى ئوت-چۆپلەر بەرق ئۇرماقتا؛ دەرەخ مېۋىسىنى بەرمەكتە، ئەنجۈر دەرىخى، ئۈزۈم تېلى تولۇق ھوسۇل بېرىدۇ. 22
ھەم سىلەر، زىئوننىڭ بالىلىرى، شادلىنىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن خۇرسەن بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇ ھەققانىيلىق بويىچە سىلەرگە «ئاۋۋالقى يامغۇرلار»نى بېرىدۇ؛ ئۇ سىلەرگە ھۆل-يېغىن بېرىدۇ، يەنى باشتا بولغاندەك «ئاۋۋالقى يامغۇرلار» ھەم «كېيىنكى يامغۇرلار»نى ياغدۇرىدۇ. 23
خامانلار بۇغدايغا تولغان بولىدۇ، ئىدىش-كۈپلەر يېڭى شاراب ھەم مايلارغا تولۇپ تاشىدۇ. 24
ۋە مەن سىلەرگە چېكەتكىلەر، چېكەتكە لىچىنكىلىرى، «ۋەيرانچى قۇرت»لار، «چىشلىگۈچى قۇرت»لار، يەنى مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن ئۇلۇغ قوشۇنۇم يېگەن يىللارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛ 25
سىلەر بولۇشىچە يەپ، قاندۇرۇلىسىلەر، شۇنىڭدەك سىلەرگە كارامەت ئىشلارنى كۆرسەتكەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ. 26
سىلەر مېنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە تۇرغانلىقىمنى، شۇنداقلا مەنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، مەندىن باشقا ھېچكىم بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ. 27
ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ 28
بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللار ئۈستىگىمۇ، دېدەكلەر ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن. 29
مەن ئاسمانلاردا، زېمىندە كارامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. 30
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كەلمىگۈچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. 31
ھەم شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار دېگىنىدەك، زىئون تېغىدا ھەم يېرۇسالېمدا، ھەمدە پەرۋەردىگار چاقىرماقچى بولغان «قالدىسى»لار ئۈچۈن قۇتقۇزۇش-نىجات بولىدۇ. 32

< يوئېل 2 >