< ئايۇپ 9 >

ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
ۋاي، سېنىڭلا توغرا، [دۇنيانى] ھەقىقەتەن سەن دېگەندەك دەپ بىلىمەن! بىراق ئىنسان بالىسى قانداق قىلىپ تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ 2
ھەتتا ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىشقا پېتىنالىسا، شۇ [كىشى] مەسىلىلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. 3
ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر دانالىق باردۇر، ئۇ زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگىدۇر؛ كىممۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، يۈرىكىنى توم قىلىپ، كېيىن تىنچ-ئامان قالغان؟ 4
ئۇ تاغلارنى غەزىپىدە غۇلاتقاندا، ئۇلارغا ھېچ بىلدۈرمەيلا ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلايدۇ. 5
ئۇ يەر-زېمىننى تەۋرىتىپ ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ كېتىدۇ. 6
ئۇ قۇياشقا كۆتۈرۈلمە دەپ سۆز قىلسىلا، ئۇ قوپمايدۇ؛ ئۇ [خالىسا] يۇلتۇزلارنىڭمۇ نۇرىنى پېچەتلەپ قويالايدۇ. 7
ئاسمانلارنى كەڭ يايغۇچى پەقەت ئۇدۇر، ئۇ دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىگە دەسسەپ يۈرىدۇ. 8
ئۇ يەتتە قاراقچى يۇلتۇز، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى، جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان. 9
ئۇ ھېسابلىغۇسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى، ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ. 10
قارا، ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ، بىراق مەن ئۇنى كۆرمەيمەن؛ ئۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنى بايقىيالمايمەن. 11
مانا، ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ، كىم ئۇنى ئۆز يولىدىن ياندۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭدىن: «نېمە قىلىۋاتىسەن» دەپ سوراشقا پېتىنالىسۇن؟ 12
تەڭرى غەزىپىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ راھابنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش ئېگىدۇ. 13
شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيتتىم. مەن مۇنازىرە قىلغۇدەك قانداق سۆزلەرنى تاللىيالايتتىم؟ 14
مۇبادا مەن ھەققانىي بولساممۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيتتىم؛ مەن پەقەت سوتچىمغا ئىلتىجالا قىلالايتتىم. 15
مەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، مەن تېخى ئۇنىڭ سادايىمنى ئاڭلىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان بولاتتىم؛ 16
ئۇ بوران-چاپقۇنلار بىلەن مېنى ئېزىدۇ، ئۇ يارىلىرىمنى سەۋەبسىز ئاۋۇتماقتا. 17
ئۇ ماڭا ھەتتا نەپەس ئېلىشقىمۇ رۇخسەت بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ ماڭا دەرد-ئەلەمنى يۈكلىۋەتتى. 18
كۈچ-قۇدرەت توغرىسىدا گەپ قىلساق، مانا، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك [يەنە باشقا كىم] بار؟ ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟! 19
مەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، ئۆز ئاغزىم ئۆزۈمنى گۇناھقا پاتۇرار، قوسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر. 20
بىراق مەن ئەسلىدە ئېيىبسىز ئىدىم. مەيلى، ئۆزۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىم بىلەن پەرۋايىم پەلەك! ئۆز جېنىمدىن تويدۇم! 21
ھەممە ئىش ئوخشاش ئىكەن؛ شۇڭا مەن دەيمەنكى، ئۇ دۇرۇسلارنىمۇ، يامانلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىدۇ. 22
تۇيۇقسىز بېشىغا قازا كېلىپ ئۆلسە، ئۇ بىگۇناھلارغا قىلىنغان بۇ سىناققا قاراپ كۈلىدۇ. 23
يەر يۈزى يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ بىراق ئۇ سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى بۇ ئادالەتسىزلىكنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلغۇچى ئۇ بولماي، يەنە كىم بولسۇن؟ 24
مېنىڭ كۈنلىرىم يەلتاپاننىڭ يۈگۈرۈشىدىنمۇ تېز ئۆتىدۇ؛ ئۇلار مەندىن قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياخشىلىقى يوقتۇر. 25
ئۇلار قومۇش كېمىلەردەك چاپسان ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئالغۇر بۈركۈت ئوۋنى تۇتقىلى شۇڭغۇغاندەك تېز ماڭىدۇ. 26
ئەگەر: «نالە-پەريادتىن توختاپ، چىرايىمنى تۇتۇلدۇرماي خۇش چىراي بولاي» دېسەممۇ، 27
مەن يەنىلا ئازابلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن قورقۇپ يۈرىمەن؛ چۈنكى سېنى مېنى بىگۇناھ ھېسابلىمايدۇ دەپ بىلىمەن. 28
مەن ھامان ئەيىبلىك ئادەم بولسام، مەن بىھۇدە جاپا تارتىپ نېمە قىلاي؟ 29
ھەتتا قار سۈيى بىلەن يۇيۇنۇپ، قولۇمنى شۇنچە پاكىزلىغان بولساممۇ، 30
سەن يەنىلا مېنى ئەۋرەزگە چۆمۈلدۈرىسەنكى، ئۆز كىيىمىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ! 31
چۈنكى ئۇ مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك، ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوتتا دەۋالاشقۇچىلىكىم يوقتۇر. 32
ئوتتۇرىمىزدا ھەر ئىككىمىزنى ئۆز قولى بىلەن تەڭ تۇتىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! 33
ئۇ ئۆزىنىڭ تايىقىنى مەندىن يىراق قىلسۇن، ئۇنىڭ ۋەھىمىسى مېنى قورقاتمىسۇن؛ 34
شۇندىلا مەن ئۇنىڭدىن قورقماي سۆزلىيەلەيتتىم؛ بىراق ئەھۋالىم ئۇنداق ئەمەستۇر! 35

< ئايۇپ 9 >