< ئايۇپ 8 >

ئاندىن شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
«سەن قاچانغىچە مۇشۇلارنى سۆزلەيسەن؟ ئاغزىڭدىكى سۆزلەر كۈچلۈك شامالدەك قاچانغىچە چىقىدۇ؟ 2
تەڭرى ئادالەتنى بۇرمىلىغۇچىمۇ؟ ھەممىگە قادىر ئادىللىقنى بۇرمىلامدۇ؟ 3
سېنىڭ بالىلىرىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇ ئۇلارنىمۇ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ جازاسىغا تاپشۇرغان، خالاس. 4
بىراق ئەگەر ئۆزۈڭ ھازىر چىن كۆڭلۈڭدىن تەڭرىنى ئىزدىسەڭلا، ھەممىگە قادىرغا ئىلتىجا قىلساڭلا، 5
ئەگەر سەن ساپ دىل ھەم دۇرۇس بولغان بولساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇ سەن ئۈچۈن ئويغىنىدۇ، چوقۇم سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭغا تولغان تۇرالغۇڭنى گۈللەندۈرىدۇ. 6
سەن دەسلەپتە ئېتىبارسىز قارالغان بولساڭمۇ، بىراق سەن ئاخىرىدا چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنىسەن. 7
شۇڭا سەندىن ئۆتۈنەيكى، ئۆتكەنكى دەۋرلەردىن سوراپ باققىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگىمۇ كۆڭۈل قويغىن 8
(چۈنكى بىز بولساق تۈنۈگۈنلا تۇغۇلغانمىز؛ كۈنلىرىمىز پەقەت بىر سايە بولغاچقا، ھېچنېمىنى بىلمەيمىز). 9
ساڭا كۆرسەتمە بېرىپ ئۆگەتەلەيدىغان ئۇلار ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئۆز كۆڭلىدىكىنى ساڭا سۆزلىمەمدۇ؟ 10
لاتقا بولمىسا يېكەنلەر ئېگىز ئۆسەلەمدۇ؟ قومۇشلۇقتىكى ئوت-چۆپلەر سۇسىز ئۆسەلەمدۇ؟ 11
ئۇلار يېشىل پېتى بولۇپ، تېخىچە ئورۇلمىغان بولسىمۇ، ھەرقانداق ئوت-چۆپتىن تېز توزۇپ كېتىدۇ. 12
تەڭرىنى ئۇنتۇغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋەتلىرى مانا شۇنداقتۇر؛ ئىپلاسلارنىڭ ئۈمىدى مانا شۇنداق يوققا كېتەر. 13
چۈنكى ئۇنىڭ تايانغىنى چۈرۈك بىر نەرسە، خالاس؛ ئۇنىڭ ئىشەنگىنى بولسا ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدۇر، خالاس. 14
ئۇ ئۆز ئۇۋىسىغا يۆلىنىدۇ، بىراق ئۇ مەزمۇت تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 15
ئۇ قۇياش ئاستىدا كۆكلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىلەكلىرى ئۆز بېغىنى قاپلىغان بولسىمۇ، 16
ئۇنىڭ يىلتىزلىرى تاش دۆۋىسىگە چىرمىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ تاشلار ئارىسىدا ئورۇن ئىزدىگەن بولسىمۇ، 17
لېكىن [خۇدا] ئۇنى ئورنىدىن يۇلىۋەتسە، ئاشۇ يەر ئۇنىڭدىن تېنىپ: «مەن سېنى كۆرمىگەن!» ــ دەيدۇ. 18
مانا ئۇنىڭ يولىنىڭ شادلىقى! ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىغا باشقىلىرى تۇپراقتىن ئۈنىدۇ. 19
قارا، خۇدا دۇرۇس ئادەمنى تاشلىمايدۇ، ياكى يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇلارنى يۆلىمەيدۇ. 20
ئۇ يەنە سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكە بىلەن، لەۋلىرىڭنى شادلىق ئاۋازلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ، 21
ساڭا نەپرەتلەنگەنلەرگە شەرمەندىلىك چاپلىنىدۇ، ئەسكىلەرنىڭ چېدىرى يوقىتىلىدۇ». 22

< ئايۇپ 8 >