< ئايۇپ 7 >

ئىنسانغا زېمىندا جەۋرە-جاپا چېكىدىغان تۇرمۇش بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ 1
قۇل كەچقۇرۇننىڭ سايىسىگە تەشنا بولغاندەك، مەدىكار ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى كۈتكەندەك، 2
مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن، غەشلىككە تولغان كېچىلەر ماڭا نېسىپ قىلىنغان. 3
مەن ياتقىنىمدا: «قاچان قوپارمەن؟» دەپ ئويلايمەن، بىراق كەچ ئۇزۇندىن ئۇزۇن بولىدۇ، تاڭ ئاتقۇچە پۈتۈن بىر كېچە مەن تولغىنىپ ياتىمەن. 4
ئەتلىرىم قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى، تېرىلىرىم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى. 5
كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ، ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلىشاي دەپ قالدى. 6
[ئاھ خۇدا]، مېنىڭ جېنىم بىر نەپەسلا خالاس. كۆزۈم ياخشىلىقنى قايتىدىن كۆرمەيدىغانلىقى ئېسىڭدە بولسۇن؛ 7
مېنى كۆرگۈچىنىڭ كۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا قارىمايدۇ، سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن. 8
بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك، ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ. (Sheol h7585) 9
ئۇ يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتمايدۇ، ئۆز يۇرتى ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. 10
شۇڭا مەن ئاغزىمنى يۇمماي، روھىمنىڭ دەرد-ئەلىمى بىلەن سۆز قىلاي، جېنىمنىڭ ئازابىدىن زارلايمەن. 11
نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟ مەن [خەتەرلىك] بىر دېڭىزمۇ-يا؟ ياكى دېڭىزدىكى بىر ئەجدىھامۇمەن؟ 12
مەن: «ئاھ، ياتقان ئورنۇم ماڭا راھەت بېرىدۇ، كۆرپەم نالە-پەريادىمغا دەرمان بولىدۇ» ــ دېسەم، 13
ئەمدى سەن چۈشلەر بىلەن مېنى قورقۇتىۋاتىسەن، غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماڭا ۋەھىمە سالىسەن. 14
شۇنىڭ ئۈچۈن بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى، بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن. 15
مەن ئۆز جېنىمدىن تويدۇم؛ مېنىڭ مەڭگۈگە ياشىغۇم يوق، مېنى مەيلىمگە قويىۋەتكىن، مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر. 16
ئىنسان بالىسى نېمىدى؟ سەن نېمىشقا ئۇنى چوڭ بىلىسەن، نېمە دەپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىسەن؟ 17
ھەر ئەتىگەندە ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىسەن، ھەر نەپەس ئۇنى سىنايسەن! 18
قاچانغىچە مېنىڭدىن نەزىرىڭنى ئالمايسەن، ماڭا قاچانغىچە ئاغزىمدىكى سېرىق سۇنى يۇتۇۋالغۇدەك ئارام بەرمەيسەن؟ 19
مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ، ئى ئىنسانىيەتنى كۆزەتكۈچى، ساڭا نېمە قىلىپتىمەن؟! مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟ بۇنىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە زەربە نىشانى قىلغانسەنمۇ؟ 20
سەن نېمىشقا مېنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھىمنى ساقىت قىلمايسەن؟ چۈنكى مەن پات ئارىدا توپىنىڭ ئىچىدە ئۇخلايمەن؛ سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن». 21

< ئايۇپ 7 >