< ئايۇپ 6 >

ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
Alors Job prit la parole et dit:
«ئاھ، مېنىڭ دەردلىك زارلىرىم تارازىدا ئۆلچەنسە! ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار بىلەن بىللە تارازىلانسا! 2
Oh! S'il était possible de peser mon affliction, et de mettre toutes ensemble mes calamités dans la balance!...
شۇنداق قىلىنسا ئۇ ھازىر دېڭىزدىكى قۇمدىن ئېغىر بولۇپ چىقىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىم تەلۋىلەرچە بولۇۋاتىدۇ. 3
Elles seraient plus pesantes que le sable de la mer: voilà pourquoi mes paroles vont jusqu'à la folie.
چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە، تەڭرىنىڭ ۋەھىمىلىرى ماڭا قارشى سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. 4
Car les flèches du Tout-Puissant me transpercent, et mon âme en boit le venin; les terreurs de Dieu sont rangées en bataille contre moi.
ياۋا ئېشەك ئوت-چۆپ تاپقاندا ھاڭرامدۇ؟ كالا بولسا يەم-خەشەك ئۈستىدە مۆرەمدۇ؟ 5
Est-ce que l'onagre rugit auprès de l'herbe tendre? Est-ce que le bœuf mugit devant sa pâture?
تۇز بولمىسا تەمسىز نەرسىنى يېگىلى بولامدۇ؟ خام تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تەمى بارمۇ؟ 6
Comment se nourrir d'un mets fade et sans sel, ou bien trouver du goût au jus d'une herbe insipide?
جېنىم ئۇلارغا تەگسىمۇ سەسكىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك تاماق بولۇپ تۇيۇلىدۇ. 7
Ce que mon âme se refuse à toucher, c'est là mon pain, tout couvert de souillures.
ئاھ، مېنىڭ تەشنا بولغىنىم كەلسىدى! تەڭرى ئىنتىزارىمنى ئىجابەت قىلسىدى! 8
Qui me donnera que mon vœu s'accomplisse, et que Dieu réalise mon attente!
ئاھ، تەڭرى مېنى يانجىپ تاشلىسۇن! ئۇ قولىنى قويۇۋېتىپ جېنىمنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مۇۋاپىق كۆرسىدى! 9
Que Dieu daigne me briser, qu'il laisse aller sa main et qu'il tranche mes jours!
شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى، ھەتتا رەھىمسىز ئاغرىقلاردا قىينالساممۇ، شادلىناتتىم؛ چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم! 10
Et qu'il me reste du moins cette consolation, que j'en tressaille dans les maux dont il m'accable: de n'avoir jamais transgressé les commandements du Saint!
مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟ مېنىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ ھاياتىمنى ئۇزارتىشىمنىڭ نېمە نەتىجىسى بولار؟ 11
Quelle est ma force, pour que j'attende? Quelle est la durée de mes jours, pour que j'aie patience?
مېنىڭ كۈچۈم تاشتەك چىڭمۇ؟ مېنىڭ ئەتلىرىم مىستىن ياسالغانمىدى؟ 12
Ma force est-elle la force des pierres, et ma chair est-elle d'airain?
ئۆزۈمگە ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق ئەقىل-تەدبىر مەندىن قوغلىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟ 13
Ne suis-je pas dénué de tout secours, et tout espoir de salut ne m'est-il pas enlevé?
ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. 14
Le malheureux a droit à la pitié de son ami, eût-il même abandonné la crainte du Tout-Puissant.
بىراق بۇرادەرلىرىم ۋاقىتلىق «ئالدامچى ئېرىق» سۈيىدەك، ماڭا ھېلىگەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا؛ ئۇلار سۇلىرى ئېقىپ تۈگىگەن ئېرىققا ئوخشايدۇ. 15
Mes frères ont été perfides comme le torrent, comme l'eau des torrents qui s'écoulent.
ئېرىگەن مۇز سۇلىرى ئېرىققا كىرگەندە ئۇلار قارىداپ كېتىدۇ، قارلار ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ، 16
Les glaçons en troublent le cours, la neige disparaît dans leurs flots.
ئۇلار پەسىلنىڭ ئىللىشى بىلەن قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. 17
Au temps de la sécheresse, ils s'évanouissent; aux premières chaleurs, leur lit est desséché.
سەپەرداشلار ماڭغان يولىدىن چىقىپ، ئېرىققا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ، چۆلدە ئېزىپ ئۆلىدۇ. 18
Dans des sentiers divers leurs eaux se perdent, elles s'évaporent dans les airs, et ils tarissent.
تېمالىق كارۋانلارمۇ ئېرىق ئىزدەپ ماڭدى؛ شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى؛ 19
Les caravanes de Théma comptaient sur eux; les voyageurs de Saba espéraient en eux;
بىراق ئۇلار ئىشەنگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نومۇستا قالدى؛ ئۇلار ئاشۇ يەرگە كېلىشى بىلەن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى. 20
ils sont frustrés dans leur attente; arrivés sur leurs bords, ils restent confondus.
مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش [ماڭا تايىنى] يوق بولۇپ قالدىڭلار؛ سىلەر قورقۇنچلۇق بىر ۋەھىمىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر. 21
Ainsi vous me manquez à cette heure; à la vue de l'infortune, vous fuyez épouvantés.
مەن سىلەرگە: «ماڭا بېرىڭلار»، ياكى: «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟ 22
Vous ai-je dit: « Donnez-moi quelque chose, faites-moi part de vos biens,
ياكى: «مېنى ئېزىتقۇچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار!» ياكى «زوراۋانلارنىڭ قولىدىن گۆرۈگە پۇل بەرسەڭلار!» دەپ باققانمۇ؟ 23
délivrez-moi de la main de l'ennemi, arrachez-moi de la main des brigands? »
ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭلار، سۈكۈت قىلىمەن؛ نەدە يولدىن چىققانلىقىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار. 24
Instruisez-moi, et je vous écouterai en silence; faites-moi voir en quoi j'ai failli.
توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە! بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟! 25
Qu'elles ont de force les paroles équitables! Mais sur quoi tombe votre blâme?
ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا، پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر؟ 26
Voulez-vous donc censurer des mots? Les discours échappés au désespoir sont la proie du vent.
سىلەر يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۈستىدە چەك تاشلىشىسىلەر! دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر! 27
Ah! Vous jetez le filet sur un orphelin, vous creusez un piège à votre ami!
ئەمدى ماڭا يۈز تۇرانە قاراپ بېقىڭلار؛ ئالدىڭلاردىلا يالغان سۆز قىلالامدىم؟ 28
Maintenant, daignez vous retourner vers moi, et vous verrez si je vous mens en face.
ئۆتۈنىمەن، بولدى قىلىڭلار، گۇناھ بولمىسۇن؛ راست، قايتىدىن ئويلاپ بېقىڭلار، چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم [تارازىدا] تۇرىدۇ. 29
Revenez, ne soyez pas injustes; revenez, et mon innocence apparaîtra.
تىلىمدا خاتالىق بارمۇ؟ تىلىم يامانلىقنى زادى تېتىيالماسمۇ؟ 30
Y a-t-il de l'iniquité sur ma langue, ou bien mon palais ne sait-il pas discerner le mal?

< ئايۇپ 6 >