< ئايۇپ 40 >

پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە جاۋابەن: ــ 1
«ھەممىگە قادىر بىلەن دەۋالاشىدىغان كىشى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!» ــ دېدى. 2
ئايۇپ بولسا پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ 3
«مانا، مەن ھېچنېمىگە يارىمايمەن؛ ساڭا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟ قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىپ گەپتىن قالاي؛ 4
بىر قېتىم دېدىم، مەن يەنە جاۋاب بەرمەيمەن؛ شۇنداق، ئىككى قېتىم دېسەم مەن قايتا سۆزلىمەيمەن» ــ دېدى. 5
ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 6
«ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا، ئاندىن مەن سەندىن سوراي؛ سەن مېنى خەۋەردار قىلغىن. 7
سەن دەرۋەقە مېنىڭ ھۆكۈمىمنى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتكۈزمەكچىمۇسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى ھەققانىي قىلىمەن دەپ، مېنى ناتوغرا دەپ ئەيىبلىمەكچىمۇسەن؟ 8
سېنىڭ تەڭرىنىڭ بىلىكىدەك [كۈچلۈك] بىر بىلىكىڭ بارمۇ؟ سەن ئۇنىڭدەك ئاۋاز بىلەن گۈلدۈرلىيەلەمسەن؟ 9
قېنى، ھازىر ئۆزۈڭنى شان-شەرەپ ھەم سالاپەت بىلەن بېزىۋال! ھەيۋەت ھەم كۆركەملىك بىلەن ئۆزۈڭنى كىيىندۈرۈپ، 10
غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى پەسلەشتۈرگىن. 11
راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل! 12
ئۇلارنى بىرگە توپىغا كۆمۈپ قوي، يوشۇرۇن جايدا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى كېپەن بىلەن ئېتىپ قويغىن؛ 13
شۇنداق قىلالىساڭ، مەن سېنى ئېتىراپ قىلىپ ماختايمەنكى، «ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزىدۇ!». 14
مەن سېنىڭ بىلەن تەڭ ياراتقان بېگېموتنى كۆرۈپ قوي؛ ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يەيدۇ. 15
مانا، ئۇنىڭ بېلىدىكى كۈچىنى، قورساق مۇسكۇللىرىدىكى قۇدرىتىنى ھازىر كۆرۈپ قوي! 16
ئۇ قۇيرۇقىنى كېدىر دەرىخىدەك ئېگىدۇ، ئۇنىڭ يوتىلىرىدىكى سىڭىرلىرى بىر-بىرىگە چىڭ توقۇپ قويۇلغان. 17
ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى مىس تۇرۇبىدەكتۇر، پۇت-قوللىرى تۆمۈر چوقماقلارغا ئوخشايدۇ. 18
ئۇ تەڭرى ياراتقان جانىۋارلارنىڭ بېشىدۇر، پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا ئۆز قىلىچىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. 19
تاغلار ئۇنىڭغا يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ يېنىدا دالادىكى ھەربىر ھايۋانلار ئوينايدۇ. 20
ئۇ سەدەپگۈل دەرەخلىكىنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، قومۇشلۇق ھەم سازلىقنىڭ سالقىنىدا ياتىدۇ. 21
سەدەپگۈللۈكلەر ئۆز سايىسى بىلەن ئۇنى ياپىدۇ؛ ئۆستەڭدىكى تاللار ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ. 22
قارا، دەريا تېشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ ھودۇقمايدۇ؛ ھەتتا ئىئورداندەك بىر دەريامۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۆركەشلەپ ئۇرۇلسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىدۇ. 23
ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى تۇتقىلى بولامدۇ؟ ئۇنى تۇتۇپ، ئاندىن بۇرنىنى تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟ 24

< ئايۇپ 40 >