< ئايۇپ 39 >

سەن تاغدىكى ياۋا ئۆچكىلەرنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ جەرەنلەرنىڭ بالىلىغانلىقىنى كۆزىتىپ باققانمۇسەن؟ 1
ئۇلارنىڭ بوغاز بولغىلى نەچچە ئاي بولغانلىقىنى سانىيالامسەن؟ ئۇلارنىڭ بالىلايدىغان ۋاقتىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ 2
ئۇلار قەددىنى پۈكۈپ، يېتىپ بالىلىرىنى تۇغىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تولغاقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ؛ 3
ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۈچلىنىپ يېتىلىدۇ، ئۇلار دالادا ئۆسۈپ، [ئانىسىنىڭ] يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ. 4
ياۋا ئېشەكنى دالاغا قويۇۋېتىپ ئەركىنلىككە چىقارغان كىم؟ شاش ئېشەكنىڭ نوختىلىرىنى يېشىۋەتكەن كىم؟ 5
چۆل-باياۋاننى ئۇنىڭ ئۆيى قىلغانمەن، شورلۇقنىمۇ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى قىلغانمەن. 6
ئۇ شەھەرنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى مازاق قىلىدۇ؛ ئۇ ئېشەكچىنىڭ ۋارقىرىشىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. 7
ئۇ تاغلارنى ئۆز يايلىقىم دەپ كېزىدۇ، شۇ يەردىكى ھەممە گۈل-گىياھنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. 8
ياۋا كالا بولسا خىزمىتىڭگە كىرىشكە رازى بولامدۇ؟ سېنىڭ ئوقۇرۇڭنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ئۇنامدۇ؟ 9
ياۋا كالىنى تانا بىلەن باغلاپ، تاپقا چۈشۈرەلەمسەن؟! ئۇ ساڭا ئەگىشىپ جىلغىلاردا مېڭىپ تىرنا تارتامدۇ؟ 10
ئۇنىڭ كۈچى زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايىنامسەن؟ ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلامسەن؟ 11
دانلىرىڭنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرامسەن؟ «[دانلىرىمنى] خامىنىمغا يىغىشتۇرىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنەمسەن؟ 12
تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ، بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟ 13
ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تاشلاپ قويىدۇ، تۇخۇملىرىم توپىدا ئىسسىتىلسۇن، دەيدۇ. 14
ئۇلارنىڭ تاسادىپىي دەسسىلىپ يانجىلىدىغانلىقىنى، دالىدىكى بىرەر ھايۋاننىڭ ئاسانلا ئۇلارنى دەسسەپ-چەيلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. 15
بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ، بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. 16
چۈنكى تەڭرى ئۇنى كەم ئەقىل قىلغان، ئۇنىڭغا دانالىقنى بەرمىگەن. 17
ھالبۇكى، ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە، ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ. 18
سەن ئاتقا كۈچ بېغىشلىغانمىدىڭ؟ سەن ئۇنىڭ بوينىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلىنى كىيگۈزگەنمىدىڭ؟ 19
سەن ئۇنى ھەيۋەتلىك پۇرقۇشلىرى بىلەن ئادەمنى قورقۇتىدىغان، چېكەتكىدەك سەكرەيدىغان قىلالامسەن؟ 20
ئۇ ئەشەددىيلىك بىلەن يەر تاتىلاپ-زوخچۇپ، ئۆز كۈچىدىن شادلىنىپ كېتىدۇ، قوراللىق قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. 21
ئۇ قورقۇنچقا نىسبەتەن كۈلۈپلا قويىدۇ، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ؛ قىلىچنىڭ بىسىدىن ئۇ يانمايدۇ. 22
ئوقدان، جۇلالىق نەيزە، گۆرزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا شاراقشىيدۇ، 23
ئۇ يەرنى ئاچچىق ھەم غەزەپ بىلەن يۇتۇۋېتىدۇ، [جەڭ] كانايىنى بىر ئاڭلاپلا ھاياجانلىنىپ قىن-قىنىغا پاتماي كېتىدۇ. 24
كانايلارنىڭ ئاۋازى بىلەنلا ئۇ: «ئايھاي!» دەيدۇ، ئۇ جەڭنى يىراقتىن پۇراپ بولىدۇ. ئۇ سەركەردىلەرنىڭ توۋلاشلىرىنى، جەڭچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايدۇ. 25
سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ، قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟ 26
بۈركۈت بۇيرۇقۇڭ بىلەن يۇقىرىغا پەرۋاز قىلىپ كۆتۈرۈلەمدۇ، ئۇۋىسىنى يۇقىرىغا سالامدۇ؟ 27
ئۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ماكانلىشىدۇ، ئۇ تاغنىڭ چوققىسىغا قونىدۇ، تىك قىيانىمۇ تۇرالغۇسى قىلىدۇ. 28
شۇ يەردىن ئۇ ئوۋنى پايلاپ بايقىۋالىدۇ، كۆزلىرى يىراق-يىراقلارنى كۆزىتىدۇ. 29
ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ». 30

< ئايۇپ 39 >