< ئايۇپ 38 >

ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟ 2
ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛ شۇندا مەن سەندىن سوراي، ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل! 3
مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟ بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر. 4
كىم يەر-زېمىننىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن؟ ــ سەن بۇنى بىلمەمسەن؟ كىم ئۇنىڭ ئۈستىگە تانا تارتىپ ئۆلچىگەن؟ 5
تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار بىللە كۈي ئېيتىشقان ۋاقتىدا، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىشقان ۋاقتىدا، يەر-زېمىننىڭ ئۇللىرى نەگە پاتۇرۇلغان؟ كىم ئۇنىڭ بۇرجەك تېشىنى سالغان؟ 6
7
بالىياتقۇدىن چىققاندەك، دېڭىز سۈيى بۆسۈپ چىققاندا، كىم ئۇنى دەرۋازىلار ئىچىگە بەند قىلغان؟ 8
مەن بۇلۇتنى دېڭىزنىڭ كىيىمى قىلغاندا، ۋە قاپ-قاراڭغۇنى ئۇنىڭ زاكىسى قىلغاندا، 9
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پاسىل كەسكەن ۋاقىتتا، ئۇنى چەكلەپ بالداقلارنى ھەم دەرۋازىلارنى سالغاندا، 10
يەنى ئۇنىڭغا: «مۇشۇ يەرگىچە بارىسەن، پاسىلدىن ئۆتمە، سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» دېگەندە، سەن نەدە ئىدىڭ؟ 11
سەن تۇغۇلغاندىن بېرى سەھەرنى «چىق» دەپ بۇيرۇپ باققانمۇسەن؟ سەن تاڭ سەھەرگە ئۆزى چىقىدىغان جايىنى كۆرسەتكەنمۇسەن؟ 12
سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟ 13
شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ؛ كىيگەن كىيىمدەك ھەممە ئېنىق بولىدۇ؛ 14
ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ. 15
دېڭىزدىكى بۇلاقلارغا سەپەر قىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئوكيانلارنىڭ قەرىدە مېڭىپ باققانمۇسەن؟ 16
ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرى ساڭا ئاشكارىلانغانمۇ؟ ئۆلۈم سايىسىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرگەنمۇسەن؟ 17
ئەقلىڭ يەر-زېمىننىڭ چوڭلۇقىغا يەتكەنمۇ؟ ھەممىسىنى بىلگەن بولساڭ ئېنىق بايان قىل! 18
نۇر تۇرۇشلۇق جايغا بارىدىغان يول نەدە؟ قاراڭغۇلۇقنىڭ بولسا، ئەسلىي ئورنى نەدە؟ 19
سەن [بۇنى بىلىپ] ئۇلارنى ئۆز چېگراسىغا ئاپىرالامسەن؟ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يوللارنى بىلىپ يېتەلەمسەن؟ 20
ھەئە، راست، سەن بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ چاغلىرىدىن ئىلگىرى تۇغۇلغانسەن، كۈنلىرىڭنىڭ سانى دەرھەقىقەت كۆپتىن كۆپتۇر! 21
قار قاچىلانغان خەزىنىلەرگە كىرىپ كۆردۈڭمۇ. مۆلدۈر ئامبىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ 22
بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم. 23
چاقماق دېگەن قانداق يول بىلەن يېرىلىدۇ؟ شەرق شامىلى يەر يۈزىدە قانداق يول بىلەن تارقىتىلىدۇ؟ 24
يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟ گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن يول تەييارلىغان كىمدۇ؟ 25
شۇنداق قىلىپ يامغۇر ھېچ ئادەم يوق بولغان يەر يۈزىگە، ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلمامدۇ؟ 26
شۇنىڭ بىلەن چۆللەشكەن، قۇرغاق تۇپراقلار قاندۇرۇلىدۇ، ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ 27
يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟ شەبنەمنى كىم تۇغقاندۇ؟ 28
مۇز بولسا كىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن چىقىدۇ؟ ئاسماندىكى ئاق قىراۋنى بولسا كىم دۇنياغا كەلتۈرىدۇ؟ 29
شۇ چاغدا سۇ قېتىپ تاشتەك بولىدۇ، چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ يۈزى قېتىپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. 30
«قەلب يۇلتۇزلار توپى»نىڭ باغلىمىنى باغلىيالامسەن؟ ئورىئوننىڭ رىشتىلىرىنى بوشىتالامسەن؟ 31
«ئون ئىككى زودىئاك يۇلتۇز تۈركۈملىرى»نى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ چىقىرالامسەن؟ «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى»نى كۈچۈكلىرى بىلەن يېتەكلىيەلەمسەن؟ 32
ئاسماننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئاسماننىڭ يەر ئۈستىگە سۈرىدىغان ھۆكۈملىرىنى سەن بەلگىلەپ قويغانمۇ؟ 33
سەن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلارغىچە يەتكۈزۈپ، يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۆزۈڭنى قىيان-تاشقىنلارغا باستۇرالامسەن؟ 34
سەن چاقماقلارنى بۇيرۇپ ئۆز يولىغا ماڭدۇرالامسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «مانا بىز!» دەپ ساڭا جاۋاب بېرەمدۇ؟ 35
ئادەمنىڭ ئىچ-باغرىغا دانالىق بېغىشلاپ كىرگۈزگەن كىمدۇ؟ ئەقىلگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىمدۇ؟ 36
بۇلۇتلارنى دانالىق بىلەن سانىغان كىم؟ ئاسمانلاردىكى سۇ تۇلۇملىرىنى تۆكىدىغان كىم؟ 37
بۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلارنى قاتۇرۇپ ئۇيۇل قىلدۇرغان، چالمىلارنى بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرغۇزغان زادى كىم؟ 38
«چىشى شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرەمسەن، شىر كۈچۈكلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرامسەن؟ 39
ئۇلار ئۇۋىلىرىدا زوڭزىيىپ يۈرگەن ۋاقتىدا، چاتقاللىق ئىچىدە تۇرۇپ تۇزاق قويۇپ، [سەن ئۇلارغا ئولجا بېرەلەمسەن]؟ 40
يېمى كەمچىل بولۇپ، ئېزىپ كېتىپ يىراققا كېتىپ قالغاندا، بالىلىرى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ نالە-پەرياد كۆتۈرگەندە، تاغ قاغىلىرى ھەم بالىلىرى ئۈچۈن يەمنى تەمىنلىگەن كىمدۇ؟ 41

< ئايۇپ 38 >