< ئايۇپ 36 >

ئېلىخۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ 1
«مېنى بىردەم سۆزلىگىلى قويساڭ، مەن يەنە تەڭرىگە ۋاكالىتەن قىلىدىغان سۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ساڭا ئايان قىلىمەن. 2
بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن، ئادەملەرنى ياراتقۇچىمنى ھەققانىي دەپ ھېسابلايدىغان قىلىمەن. 3
مېنىڭ گېپىم ھەقىقەتەن يالغان ئەمەستۇر؛ بىلىمى مۇكەممەل بىرسى سەن بىلەن بىللە بولىدۇ. 4
مانا، تەڭرى دېگەن ئۇلۇغدۇر، بىراق ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چوڭقۇردۇر، مەقسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. 5
ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛ بىراق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزىدۇ. 6
ئۇ ھەققانىيلاردىن كۆزىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنى مەڭگۈگە پادىشاھلار بىلەن تەختتە ئولتۇرغۇزىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ. 7
ۋە ئەگەر ئۇلار كىشەنلەنگەن بولسا، جاپانىڭ ئاسارىتىگە تۇتۇلغان بولسا، 8
ئۇنداقتا ئۇ ئۇلارغا قىلغانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىنى ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن بولىدۇ. 9
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلاقلىرىنى تەربىيىگە ئېچىپ قويىدۇ، ئۇلارنى يامانلىقتىن قايتىشقا بۇيرۇيدۇ. 10
ئۇلار قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسىلا ئۇلار [قالغان] كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىقتا، يىللىرىنى خۇشلۇقتا ئۆتكۈزىدۇ. 11
بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىسا، قىلىچلىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ، بىلىمسىز ھالدا نەپەستىن توختاپ قالىدۇ. 12
بىراق كۆڭلىگە ئىپلاسلىقنى پۈككەنلەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا ئاسارەت چۈشۈرگەندىمۇ ئۇلار يەنىلا تىلاۋەت قىلمايدۇ. 13
ئۇلار ياش تۇرۇپلا جان ئۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بەچچىۋازلار ئارىسىدا تۈگەيدۇ. 14
بىراق ئۇ ئازاب تارتقۇچىلارنى ئازابلاردىن بولغان تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئۇلار خار بولغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ. 15
ئۇ شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛ ئۇنداقتا داستىخىنىڭ مايغا تولدۇرۇلغان بولاتتى. 16
بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛ شۇڭا [خۇدانىڭ] ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى. 17
غەزىپىڭنىڭ قايناپ كېتىشىنىڭ سېنى مازاققا باشلاپ قويۇشىدىن ھۇشيار بول؛ ئۇنداقتا ھەتتا زور كاپالەتمۇ سېنى قۇتقۇزالمايدۇ. 18
ياكى بايلىقلىرىڭ، ياكى كۈچۈڭنىڭ زور تىرىشىشلىرى، ئۆزۈڭنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن نېرى قىلالامدۇ؟ 19
كېچىگە ئۈمىد باغلىما، چۈنكى ئۇ چاغدا خەلق ئۆز ئورنىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. 20
ھۇشيار بول، ئەسكىلىككە بۇرۇلۇپ كەتمە؛ چۈنكى سەن [قەبىھلىكنى] دەردكە [سەۋر بولۇشنىڭ] ئورنىدا تاللىغانسەن. 21
مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛ ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟ 22
كىم ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولنى بېكىتىپ بەرگەنىدى؟ ۋە ياكى ئۇنىڭغا: «يامان قىلدىڭ؟» دېيىشكە پېتىنالايدۇ؟ 23
ئىنسانلار تەبرىكلەيدىغان خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنتۇما! 24
ھەممە ئادەم ئۇلارنى كۆرگەندۇر؛ ئىنسان بالىلىرى يىراقتىن ئۇلارغا قاراپ تۇرىدۇ». 25
« ــ بەرھەق، تەڭرى ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز، ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. 26
چۈنكى ئۇ سۇنى تامچىلاردىن شۈمۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار پارغا ئايلىنىپ ئاندىن يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ. 27
شۇنداق قىلىپ ئاسمانلار [يامغۇرلارنى] قۇيۇپ بېرىپ، ئىنسان بالىلىرى ئۈستىگە مولچىلىق ياغدۇرىدۇ. 28
بىراق كىم بۇلۇتلارنىڭ توقۇلۇشىنى، ئۇنىڭ [ساماۋى] چېدىرىنىڭ گۈمبۈر-گۈمبۈر قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلىسۇن؟ 29
مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ، ھەتتا دېڭىز تەكتىنىمۇ يورۇق قىلىدۇ. 30
ئۇ بۇلار ئارقىلىق خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ھەم ئۇلار [ئارقىلىقمۇ] مول ئاشلىق بېرىدۇ. 31
ئۇ قوللىرىنى چاقماق بىلەن تولدۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇرىدىغان نىشاننى بۇيرۇيدۇ. 32
[خۇدانىڭ] گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ھەتتا كالىلارمۇ سېزىپ، ئۇنى ئېلان قىلىدۇ. 33

< ئايۇپ 36 >