< ئايۇپ 35 >

ئېلىخۇ يەنىلا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
«سەن مۇشۇ گېپىڭنى، يەنى «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر» دېگىنىڭنى توغرا دەپ قارامسەن؟ 2
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سەن: «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ. 3
ئۆزۈم سۆزلەر بىلەن ساڭا [جاۋاب بېرەي]، ساڭا ھەم سەن بىلەن بىللە بولغان ئۈلپەتلىرىڭگە جاۋاب بېرەي؛ 4
ئاسمانلارغا قاراپ باققىن؛ پەلەكتىكى بۇلۇتلارغا سەپسالغىن؛ ئۇلار سەندىن يۇقىرىدۇر. 5
ئەگەر گۇناھ قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا تەڭرىگە قايسى زىيانكەشلىكنى قىلالايتتىڭ؟ جىنايەتلىرىڭ كۆپەيسىمۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قانداق زىيانلارنى سالالار ئىدىڭ؟ 6
سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟ ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟ 7
سېنىڭ ئەسكىلىكلىرىڭ پەقەت سەندەك بىر ئىنسانغىلا، ھەققانىيلىقىڭ بولسا پەقەت ئىنسان بالىلىرىغىلا تەسىر قىلىدۇ، خالاس. 8
ئادەملەر زۇلۇم كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن يالۋۇرىدۇ؛ كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ. 9
بىراق ھېچكىم: «كېچىلەردە ئىنسانلارغا ناخشا ئاتا قىلغۇچى ياراتقۇچۇم تەڭرىنى نەدىن ئىزدىشىم كېرەك؟» دېمەيدۇ. 10
ئۇنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى يەر-زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن كۆپ، ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ 11
ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ. 12
بەرھەق، تەڭرى قۇرۇق دۇئاغا قۇلاق سالمىغان يەردە، ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە، 13
سەن: «مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن» دېسەڭ، [ئۇ قانداق قۇلاق سالسۇن]؟ دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن. 14
بىراق ئۇ ھازىر [توۋا قىلىش پۇرسىتى بېرىپ]، ئۆز غەزىپىنى تېخى تۆكمىگەن ئەھۋالدا، ئايۇپ ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ 15
چۈنكى ئايۇپ قۇرۇق گەپ ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچقان، ئۇ تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى كۆپەيتكەن». 16

< ئايۇپ 35 >