< ئايۇپ 34 >

ئېلىخۇ يەنە جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
«ئى دانىشمەنلەر، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار، ئى تەجرىبە-ساۋاقلىق ئادەملەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار. 2
ئېغىز تائام تېتىپ باققاندەك، قۇلاق سۆزنىڭ تەمىنى سىناپ باقىدۇ. 3
ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ تاللايلى؛ ئارىمىزدا نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەيلى! 4
چۈنكى ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»، ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ. 5
يەنە ئۇ: «ھەققىمگە زىيان يەتكۈزىدىغان، يالغان گەپنى قىلىشىم توغرىمۇ؟ ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ، 6
قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟! ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر. 7
ئۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، ئۇ رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ. 8
چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى. 9
شۇڭا، ئى دانىشمەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ رەزىللىك تەڭرىدىن يىراقتا تۇرسۇن! يامانلىق ھەممىگە قادىردىن نېرى بولسۇن! 10
چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆز يولى بويىچە تېگىشلىك نېسىۋە تاپقۇزىدۇ. 11
دەرھەقىقەت، تەڭرى ھېچ ئەسكىلىك قىلمايدۇ، ھەممىگە قادىر ھۆكۈمنى ھەرگىز بۇرمىلىمايدۇ. 12
كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟ كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟ 13
ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا، ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا، 14
شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ، ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ. 15
سەن دانىشمەن بولساڭ، بۇنى ئاڭلا! سۆزلىرىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سال! 16
ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟ سەن «ھەممىدىن ئادىل بولغۇچى»نى گۇناھكار بېكىتەمسەن؟! 17
ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر. 18
ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر. 19
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا خەلقلەرمۇ تەۋرىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئادەمنىڭ قولىسىز ئۇلۇغلار ئېلىپ كېتىلىدۇ. 20
چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرى ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئىنساننىڭ بار قەدەملىرىنى كۆرۈپ يۈرىدۇ. 21
شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ سايىسىدىمۇ ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ. 22
چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. 23
ئۇ كۈچلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، ھەم باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ؛ 24
چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ئېنىق تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى كېچىدە ئۆرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يانجىلىدۇ. 25
ئۇ يامانلارنى خالايىق ئالدىدا كاچاتلىغاندەك ئۇلارنى ئۇرىدۇ، 26
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتقان، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچبىرىنى ھېچ ئەتىۋارلىمىغان. 27
ئۇلار شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ. 28
ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن. مەيلى ئەلدىن، مەيلى شەخستىن بولسۇن، ئەگەر ئۇ [شەپقىتىنى كۆرسەتمەي] يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلىسۇن؟ 29
ئۇنىڭ مەقسىتى ئىپلاسلار ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، ئۇلار ئەل-ئەھلىنى دامىغا چۈشۈرمىسۇن دېگەنلىكتۇر. 30
چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛ مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛ 31
ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» ــ دېسە، 32
سەن ئۇنىڭ بېكىتكىنىنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇ پەقەت سېنىڭ پىكرىڭ بويىچىلا ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشى كېرەكمۇ. مەن ئەمەس، سەن قارار قىلىشىڭ كېرەكتۇر؛ ئەمدى بىلگەنلىرىڭنى بايان قىلساڭچۇ! 33
ئەقلى بار ئادەملەر بولسا، گېپىمنى ئاڭلىغان دانا كىشى بولسا: ــ 34
«ئايۇپ ساۋاتسىزدەك گەپ قىلدى؛ ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوق» ــ دەيدۇ. 35
ئايۇپ رەزىل ئادەملەردەك جاۋاب بەرگەنلىكىدىن، ئاخىرغىچە سىنالسۇن! 36
چۈنكى ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسىيلىقنى قوشىدۇ؛ ئۇ ئارىمىزدا [ئاھانەت بىلەن] چاۋاك چېلىپ، تەڭرىگە قارشى سۆزلەرنى كۆپەيتمەكتە». 37

< ئايۇپ 34 >