< ئايۇپ 33 >

«ئەمدىلىكتە، ئى ئايۇپ، بايانلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن، سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ چىققايسەن. 1
"However, Job, Please hear my speech, and listen to all my words.
مانا ھازىر لەۋلىرىمنى ئاچتىم، ئاغزىمدا تىلىم گەپ قىلىدۇ. 2
See now, I have opened my mouth. My tongue has spoken in my mouth.
سۆزلىرىم كۆڭلۈمدەك دۇرۇس بولىدۇ، لەۋلىرىم ساپ بولغان تەلىمنى بايان قىلىدۇ. 3
My words shall utter the uprightness of my heart. That which my lips know they shall speak sincerely.
تەڭرىنىڭ روھى مېنى ياراتقان؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ. 4
The Spirit of God has made me, and the breath of Shaddai gives me life.
جاۋابىڭ بولسا، ماڭا رەددىيە بەرگىن؛ سۆزلىرىڭنى ئالدىمغا سەپكە قويۇپ جەڭگە تەييار تۇرغىن! 5
If you can, answer me. Set your words in order before me, and stand forth.
مانا، تەڭرى ئالدىدا مەن ساڭا ئوخشاش بەندىمەن؛ مەنمۇ لايدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ ياسالغانمەن. 6
Look, I am toward God even as you are. I am also formed out of the clay.
بەرھەق، مەن ساڭا ھېچ ۋەھىمە سالماقچى ئەمەسمەن، ۋە ياكى مەن سالغان يۈك ساڭا بېسىم بولمايدۇ. 7
Look, my terror shall not make you afraid, neither shall my pressure be heavy on you.
سەن دەرۋەقە قۇلىقىمغا گەپ قىلدىڭكى، ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن: ــ 8
"Surely you have spoken in my hearing, I have heard the voice of your words, saying,
«مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق... 9
'I am clean, without disobedience. I am innocent, neither is there iniquity in me.
مانا، خۇدا مەندىن سەۋەب تېپىپ ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ مېنى ئۆز دۈشمىنى دەپ قارايدۇ؛ 10
Look, he finds occasions against me. He counts me for his enemy.
ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەرگە سالىدۇ، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم. 11
He puts my feet in the stocks. He marks all my paths.'
مانا، مەن ساڭا جاۋاب بېرەيكى، بۇ ئىشتا گېپىڭ توغرا ئەمەس؛ چۈنكى تەڭرى ئىنساندىن ئۇلۇغدۇر. 12
"Look, I will answer you. In this you are not just, for God is greater than man.
سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ: ــ ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟ 13
Why do you strive against him, because he doesn't give account of any of his matters?
چۈنكى تەڭرى ھەقىقەتەن گەپ قىلىدۇ؛ بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، لېكىن ئىنسان بۇنى سەزمەيدۇ؛ 14
For God speaks once, yes twice, though man pays no attention.
چۈش كۆرگەندە، كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتە، ــ (قاتتىق ئۇيقۇ ئىنسانلارنى باسقاندا، ياكى ئورۇن-كۆرپىلىرىدە ئۈگدەك باسقاندا) ــ 15
In a dream, in a vision of the night, when deep sleep falls on men, in slumbering on the bed;
ــ شۇ چاغلاردا ئۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ، ئۇ ئۇلارغا بەرگەن نەسىھەتنى [ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە] مۆھۈرلەيدۇ. 16
Then he opens the ears of men, and seals their instruction,
ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى [يامان] يولىدىن ياندۇرۇشتۇر، ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر؛ 17
That he may withdraw man from his purpose, and hide pride from man.
بۇنىڭ بىلەن [خۇدا] ئادەمنىڭ جېنىنى كۆز يەتمەس ھاڭدىن ياندۇرۇپ، ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ھاياتىنى قىلىچلىنىشتىن قوغدايدۇ. 18
He keeps back his soul from the pit, and his life from perishing by the sword.
ياكى بولمىسا، ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا ئاغرىق بىلەن، سۆڭەكلىرىنى ئۆز-ئارا سوقۇشتۇرۇپ بىئارام قىلىش بىلەن، تەربىيە قىلىنىدۇ. 19
He is chastened also with pain on his bed, with continual strife in his bones;
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تائامدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ھەرخىل نازۇ-نېمەتلەردىن قاچىدۇ. 20
So that his life abhors bread, and his soul choicest food.
ئۇنىڭ ئېتى كۆزدىن يوقىلىپ كېتىدۇ، ئەسلىدە كۆرۈنمەيدىغان سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىقىدۇ. 21
His flesh is so consumed away, that it can't be seen. His bones that were not seen stick out.
بۇنىڭ بىلەن جېنى كۆز يەتمەس ھاڭغا يېقىن كېلىدۇ، ھاياتى ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ؛ 22
Yes, his soul draws near to the pit, and his life to the destroyers.
بىراق، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بىر پەرىشتە بولسا، يەنى مىڭىنىڭ ئىچىدە بىرسى بولسا، ــ ئىنسان بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسا، 23
"If there is beside him an angel, an interpreter, one among a thousand, to show to man what is right for him;
ئۇنداقتا [خۇدا] ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىپ: «ئۇنى ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قويغىن، چۈنكى مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت ئالدىم» ــ دەيدۇ. 24
then he is gracious to him, and says, 'Deliver him from going down to the pit, I have found a ransom.'
بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتلىرى بالىلىق ۋاقتىدىكىدىن يۇمران بولىدۇ؛ ئۇ ياشلىقىغا قايتىدۇ. 25
His flesh shall be fresher than a child's. He returns to the days of his youth.
ئۇ تەڭرىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇ شەپقەت قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇ خۇشال-خۇرام تەنتەنە قىلىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ، ھەمدە [خۇدا] ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ. 26
He prays to God, and he is favorable to him, so that he sees his face with joy. He restores to man his righteousness.
ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: ــ «مەن گۇناھ قىلدىم، توغرا يولنى بۇرمىلىغانمەن، بىراق تېگىشلىك جازا ماڭا بېرىلمىدى! 27
He sings before men, and says, 'I have sinned, and perverted that which was right, and it did not profit me.
ئۇ روھىمنى ھاڭغا چۈشۈشتىن قۇتقۇزدى، جېنىم نۇرنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرىدۇ» ــ دەيدۇ. 28
He has redeemed my soul from going into the pit. My life shall see the light.'
مانا، بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭرى ئادەمنى دەپ، ئىككى ھەتتا ئۈچ مەرتەم ئايان قىلىدۇ، 29
"Look, God works all these things, twice, yes three times, with a man,
مەقسىتى ئۇنىڭ جېنىنى ھاڭدىن ياندۇرۇپ قۇتقۇزۇشتۇر، ئۇنى ھاياتلىق نۇرى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈندۇر. 30
to bring back his soul from the pit, that he may be enlightened with the light of the living.
ئى ئايۇپ، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ئۈنۈڭنى چىقارما، مەن يەنە سۆز قىلاي. 31
Mark well, Job, and listen to me. Hold your peace, and I will speak.
ئەگەر سۆزلىرىڭ بولسا، ماڭا جاۋاب قىلىۋەرگىن؛ سۆزلىگىن! چۈنكى ئىمكانىيەت بولسىلا مېنىڭ سېنى ئاقلىغۇم بار. 32
If you have anything to say, answer me. Speak, for I desire to justify you.
بولمىسا، مېنىڭكىنى ئاڭلاپ ئولتۇر؛ سۈكۈت قىلغىن، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتىپ قوياي». 33
If not, listen to me. Hold your peace, and I will teach you wisdom."

< ئايۇپ 33 >