< ئايۇپ 30 >

ــ «بىراق ھازىر بولسا، ياشلار مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ھەتتا پادامنى باقىدىغان ئىتلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە يول قويۇشنىمۇ يامان كۆرەتتىم. 1
ئۇلارنىڭ ماغدۇرى كەتكەندىن كېيىن، قولىدىكى كۈچ ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلىسۇن؟ 2
يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت-باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ. 3
ئۇلار ئەمەن-شىۋاقنى چاتقاللار ئارىسىدىن يۇلىدۇ، شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنىمۇ تېرىپ ئۆزلىرىگە نان قىلىدۇ. 4
ئۇلار ئەل-يۇرتلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئوغرىنى كۆرگەندەك ۋارقىراپ تىللايدۇ. 5
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرلۈك جىلغىلاردا قونۇپ، تاشلار ئارىسىدا، غارلار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. 6
چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇلار ھاڭراپ كېتىدۇ، تىكەنلەر ئاستىدا ئۇلار دۈگدىيىپ ئولتۇرىشىدۇ؛ 7
نادانلارنىڭ، نام-ئابرۇيىسىزلارنىڭ بالىلىرى، ئۇلار زېمىندىن سۈرتوقاي ھەيدىۋېتىلگەن. 8
مەن ھازىر بولسام بۇلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى، ھەتتا سۆز-چۆچىكىنىڭ دەستىكى بولۇپ قالدىم! 9
ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ، مەندىن يىراق تۇرۇپ، يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ. 10
چۈنكى [خۇدا] مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن. 11
ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلار پۇتۇمنى تۇرغان يېرىدىن ئىتتىرىۋەتمەكچى، ئۇلار سېپىلىمغا ھۇجۇم پەلەمپەيلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ 12
ئۇلار يولۇمنى بۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ يۆلەنچۈكى بولمىسىمۇ، ھالاكىتىمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 13
ئۇلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ؛ ۋەيرانىلىكىمدىن پايدىلىنىپ چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ. 14
ۋەھىمىلەر بۇرۇلۇپ مېنى ئۆز نىشانى قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ھۆرمىتىم شامال ئۆتۈپ يوق بولغاندەك ھەيدىۋېتىلدى، ئاۋاتچىلىقىممۇ بۇلۇت ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتتى. 15
ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛ ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى. 16
كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛ ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ. 17
[ئاغرىقلار] زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛ ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى. 18
خۇدا مېنى سازلىققا تاشلىۋەتكەن، مەن توپا-چاڭغا ۋە كۈلگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم. 19
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمەن، بىراق سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن؛ مەن ئورنۇمدىن تۇرسام، سەن پەقەتلا ماڭا قاراپلا قويىسەن. 20
سەن ئۆزگىرىپ ماڭا بىر زالىم بولدۇڭ؛ قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن ماڭا زەربە قىلىۋاتىسەن؛ 21
سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن. 22
چۈنكى سەن مېنى ئاخىرىدا ئۆلۈمگە، يەنى بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ «يىغىلىش ئۆيى»گە كەلتۈرۈۋاتىسەن. 23
ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ، ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق؛ 24
مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ [دۇئا قىلغان] ئەمەسمۇ؟ نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟ 25
مەن ئۆزۈم ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرگىنىم بىلەن، يامانلىق كېلىپ قالدى؛ نۇر كۈتكىنىم بىلەن، قاراڭغۇلۇق كەلدى. 26
ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى. 27
مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛ خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن. 28
مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم. 29
تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ، سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ. 30
چىلتارىمدىن ماتەم مەرسىيەسى چىقىدۇ، نېيىمنىڭ ئاۋازى ھازا تۇتقۇچىلارنىڭ يىغىسىغا ئايلىنىپ قالدى». 31

< ئايۇپ 30 >