< ئايۇپ 29 >

ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ 1
«ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى، تەڭرى مەندىن خەۋەر ئالغان كۈنلەردىكىدەك بولسىدى! 2
ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمغا نۇر چاچقان، ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتىم! 3
بۇ ئىشلار مەن قىران ۋاقتىمدا، يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش [دوست] بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى! 4
ھەممىگە قادىر مەن بىلەن بىللە بولغان، مېنىڭ ياش بالىلىرىم ئەتراپىمدا بولغان؛ 5
مېنىڭ باسقان قەدەملىرىم سېرىق مايغا چۆمۈلگەن؛ يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان؛ 6
شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا، كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا، 7
ياشلار مېنى كۆرۈپلا ئەيمىنىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى، قېرىلار بولسا ئورنىدىن تۇراتتى، 8
شاھزادىلەرمۇ گەپتىن توختاپ، قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالاتتى. 9
ئاقسۆڭەكلەرمۇ تىنچلىنىپ، تىلىنى تاڭلىيىغا چاپلىۋالاتتى. 10
قۇلاق سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا، ماڭا بەخت تىلەيتتى، كۆز مېنى كۆرسىلا ماڭا ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. 11
چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى، پاناھسىز قالغان يېتىم-يېسىرلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم. 12
ھالاك بولاي دېگەن كىشى ماڭا بەخت تىلەيتتى؛ مەن تۇل خوتۇننىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ ناخشا ياڭراتقۇزاتتىم. 13
مەن ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ كىيىۋالدىم، ئۇ مېنى ئۆز گەۋدىسى قىلدى. ئادالەتلىكىم ماڭا يېپىنچا ھەم سەللە بولغان. 14
مەن كورغا كۆز بولاتتىم، توكۇرغا پۇت بولاتتىم. 15
يوقسۇللارغا ئاتا بولاتتىم، ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم. 16
مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم، ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم. 17
ھەم: «مېنىڭ كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ، ئۆز ئۇۋامدا راھەت ئىچىدە ئۆلىمەن» دەيتتىم؛ 18
ھەم: «يىلتىزىم سۇلارغىچە تارتىلىپ بارىدۇ، شەبنەم پۈتۈن كېچىچە شېخىمغا چاپلىشىپ ياتىدۇ؛ 19
شۆھرىتىم ھەردائىم مەندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم. 20
ئادەملەر ماڭا قۇلاق سالاتتى، كۈتۈپ تۇراتتى؛ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاي دەپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى. 21
مەن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتا گەپ قىلمايتتى، سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شەبنەم بولۇپ چۈشەتتى. 22
ئۇلار يامغۇرلارنى كۈتكەندەك مېنى كۈتەتتى، كىشىلەر [ۋاقتىدا ياغقان] «كېيىنكى يامغۇر»نى قارشى ئالغاندەك سۆزلىرىمنى ئاغزىنى ئېچىپ ئىچەتتى! 23
ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم، يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى. 24
مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاتتىۋاش بولۇپ ئولتۇراتتىم، قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم، بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم». 25

< ئايۇپ 29 >